[ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.
تەرجىماننىڭ سۆزى
مەن بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ، مەكتەپداش ئاغام ئۇيغۇربەگكە پىرىسلاپ بىرىشكە تاپشۇرۇپ بېرىپ بولۇپ، شاھبلوگدىكى تەرجىمان ھەدەم مەلەكنىڭمۇ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەمگەكنىڭ تەكرارلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدىم، ئەمما مەزكۇر فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرجىماننىڭ تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، تەنقىدىي نەزەر بىلەن كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
فىلىمدىن كۆرۈنۈش
فىلىمخانا
فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
مۇشۇ كىنونى كۆرۈش پۇرسىتى پەقەتلا بولمىغان ئىدى.ئەمدى كۆرەي جۇما…… قولۇڭغا دەت كەلمىسۇن….
كىنو دىگەن مۇشۇنداق ئىسىل ئىشلىسە
ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم ئىكەن جۇمۇ؟! خاتالاشمىغان بولسام بۇ فىلىمنى قەشقەردە سۈرەتكە ئالغانغۇ دەيمەن . بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىن بۇرۇن « شىنجاڭ خەۋەرلىرى » خەۋەر بەرگەن ئىدى ، بۇ فىلىمنىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلىقىنى بىزنىڭ ئاتاقىلىق رېژىسسورىمىز ئابلىز ئابدۇرېشىت قىلغان .
تەرجىمە ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بوپتۇ
شۇنداق، قەشقەردە سۈرەتكە ئاپتۇ، فىلىمنىڭ ئاخىرىدا قەشقەرنىڭ نۇرغۇن مەنزىلىرىنى چىقىدۇ دەيمەن…
شاھ بلوگ تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بۇلۇنغان فىلىمدىغۇ بۇ .
ئاپتورنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ.
فىلىمخانا
دىگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى رامكا قىسمىنى قانداق قۇشىمىزكىن ؟!
ئۇنى css ئارقىلىق قوشىمىز. ئاساسلىقى h1 h2 h3 h4 h5 h6 قاتارلىق ماۋزۇ رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
ھەپتە ئاخىرىدا ئۈف دەپ ئولتۇرۇپ كۆرىدىغانغا بىر كىنو تەييار بوپتۇ – دە! ئەجرىڭلارغا رەھمەت…
ئېسىل كىنو يوللاپلا بېگىم.رەھمەت.
بىز سۈزۈك نۇسخىسىنى تاپالماي ، ئىنگىلىزچە خەتلىك فىلىمنىڭ ئاستىغا كىرىشتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىدۇق ،بۇ فىلىمنى كۆرسەم كۆرسەم زېرىكمەيمەن مەن 😀
روماندا ھەسەنى بەك سەت تەسۋىرلەپتىكەن ، كىنو رىژىسسورىنىڭ ئەكسىچە شۇنداق ئوماق بىر بالىنى رول ئېلىشقا تاللىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتكەنىدىم، ياخشى ئادەملەر چوقۇم بەك ئوماق بولىشى كېرەك مېنىڭ نەزىرىمدە
كىتابىنى ئوقۇپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھەسەن ھەقىقەتەن ئوماق جۇمۇ!
يېڭى چىققان ۋاقىتتا ئىنگىلىزچىسىنى كۆرۈپ چۈشەنمىگەن. ئەمدى كۆرەي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم ،بۇ فىلىم ئادەمنىڭ كۆرگەنسىرى كۆرگىسى كىلدىغان فىلىملەرنىڭ بىر
مەن سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالاي رەھمەت سىزگە
مۇشۇ كىنونى سۈرەتكە ئالغاندا مەن دەل قاسقان بازىرىدىكى كوچا بىلەن ھېيىتگاھقا كېتىۋاتقان… بىردەمدە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى دېسە… 😎
نېمىش قىلىۋاتقان؟
چۈشۈرگىلى بولمىدى..تاپقىلى بۇلارمۇھە ساقلاپ قۇياي دىگەن
ئەپسۇس ئۈلگۈرەلمەپتىكەن دە بوشلۇقتىن ئۈچۈرۈلۈپ كىتىپتۇ
ئۈلگۈرەلمەپتىمەن بىگىم ، مۇمكىن بولسا ئىلخەت ئادرىىسىمغا يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ ؟ باشقا چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولاتتى …
فىلىم ئادرىسىنى يېڭىلاپ قويسىڭىز بوپتىكەن. بىر كۆرەي دەپ كىرسەم كېچىكىپ قاپتىمەن.
راس ئادىرىسىنى يىڭىلاپ قويسىڭىز بوپتىكەنتۇق
كۆرەلمىدىمغۇ قېرىنداىشىم ؟ بولسا يېڭىلاپ قويسىڭىز