يېقىندا blogbusدا مەسىلە كۆرۈلگەندىن كىيىن،بىرقىسىم تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ WordPressگە ناھايىتى كۆيۈپ قالغانلىقلىرىنى؛بولسا،بىرەر ماتېرىيال تەييارلاپ ئۆزلىرىنىڭ WordPressگە كۆچۈشىگە ياردەم بىرىشى ھەققىدە ئىنكاسلارنى بېرىشتى.ئۆزۈممۇ،ئالدىنقى قېتىم ‹‹Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈش جەريانى››نى يازغاندىن كىيىن،Blogbusدىنمۇ كۆچۈپ كېلىش ھەققىدە بىرنىمە يازغۇم بار ئىدى.شۇنداق قىلىپ،ئەمدى باھانەممۇ قالمىدى،مەزكۇر يازما مۇشۇنداق پۈتۈلدى!….
1 گىرادۇس
blogbus ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن يەنە بىر ئۇسلۇب ياساپ چىقتىم. بۇ ئۇسلۇبنى ياساپ قويغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن، ئېلان قىلىشقا ۋاقىت چىقماي بۈگۈنگە قالدى. بۇ ئۇسلۇبنى ئۇزھال توردىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسىغان بولغانلىقتىن ئۇسلۇبقا uzhal1.0 دەپ نام بەردىم.
1 گىرادۇس
ئۇيغۇربەگ بلوگى بىلەن بىرلىشىپ تۇنجى قېتىملىق يازمامنى پرېستان ئۇسلۇبنى تارقىتىشتىن باشلىدىم ئەمىسە. بۇ ئۇسلۇبنى ۋوردپرەس ئۇسلۇبىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزەم بىر قوللۇق ياسىغان ئىدىم، ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان تۈزۈتۈشلەرنى كىرگۈزۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېلىپ كەلدىم. كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرى نۇرغۇن قېتىم پرېستان بلوگىنىڭ ئۇسلۇبىنى تارقىتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، چۈنكى باشقىلارنىڭ بلوگىنىڭ ئۆزەمنىڭ بلوگىغا ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىمدىن تارقاتمىغان، ئەمدى ئۇيغۇربەگ بىلەن بىرلەشتىم، پرىستان بلوگىنىڭ ئۇسلۇبنىمۇ تارقاتماسلىققا ئامال بولمىدى. ھى ھى…
1 گىرادۇس
مەزكۇر ئۇسلۇب-jessie-skin يۈرۈشلۈك ئۇسلۇبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،بىرقەدەر سىپتا،ئاددىي بولغاچ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ،مانا،بۈگۈن ئاخىرى تارقىتىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن.
1 گىرادۇس
بۇ ئۇسلۇب-بلوگباس تەمىنلىگەن M Man نىڭ ئۆزلەشتۈرۈلگىنى بولۇپ،ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى يېڭى ئۆگەنگەندە تەييارلاپ قويغان ئىدىم،ھەمدە بۇرۇنمۇ تارقاتقان،يېقىندا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ،ئۇنىڭغا مىللىي پۇراقنى قوشتۇم،يەنى،كورىيەدە ئوقۇۋاتقان بۇرادىرىمىز ئاتتىلانىڭ ئەسەرلىرىدىن بولغان <<ئۇيغۇر يىگىت>>نى مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك كۆرۈنۈشى قىلىپ چىقتىم.
1 گىرادۇس
دىيارىمىزدىكى تەڭرىتاغلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئۇسلۇبنى كۆرگەن چاغدىلا تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ قويغانىدىم.سۇس رەڭنى ئاساس بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خەت نۇسقىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق ھالدا تەڭشىدىم ھەمدە بۇرۇن تارقاتقان ئۇسلۇبلارغا ئوخشاشلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش كودى ۋە ئايرىم بەت ئۇلىنىش كودىنى قۇشۇۋەتتىم.بلوگباس تەمىنلىگەن ئېلانلارمۇ شۇ پېتى قالدى،ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ چىقىرىۋېتىشنى ياكى ساقلاپ قېلىشنى تاللىسا بۇلىدۇ.
بۇ ئۇسلۇبنىڭ نامى بەت ئۈستۈدىكى تاغ رەسىمىدىن ئېلھام ئېلىپ قويۇلدى.
بەت كۆرۈنۈشى(قوش چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ)
ئۇسلۇبنى سىناش جەريانىدا ھىچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈنمىدى.ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىش جەريانىدا بىرەر نورمالسىزلىق بايقىساڭلار ئىنكاس ھالىتىدە خەۋەر قىلىپ قويارسىلەر…
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ
1 گىرادۇس