[ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا

The Kite Runner-01_副本

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست  ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.


تەرجىماننىڭ سۆزى

مەن بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ، مەكتەپداش ئاغام ئۇيغۇربەگكە پىرىسلاپ بىرىشكە تاپشۇرۇپ بېرىپ بولۇپ، شاھبلوگدىكى تەرجىمان ھەدەم مەلەكنىڭمۇ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەمگەكنىڭ تەكرارلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدىم، ئەمما مەزكۇر فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرجىماننىڭ تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، تەنقىدىي نەزەربىلەن كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

فىلىمخانا

فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ

3,854 گىرادۇس 9


9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • جەمگاھ | 10:11 | 2012.11.7 جاۋاب

    مۇنۇ سننى بىر كۆرەي دىسەم خاتالىق ئۇچۇرى چقۋالدى. چەكلىۋېتىلگەن دەيدۇ. 😀

  • غەمكىن | 07:32 | 2013.08.5 جاۋاب

    بۇكىنونى كۈرۈپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم .
    تېغىمۇشۇ كىنو شۇنداق داڭلىغۇدەك مىكەن …. قۇرۇپ كەتسۇن بۇكىنونىڭ ئاپتۇر لىرى…
    بۇكىنو دىكى ‹پاشقلىنغان› ۋەقەلىك پۈتۈنلەي يالغان ….
    تورداشلارنڭ ھۇشار بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن

  • يارقىنجان | 03:07 | 2014.08.14 جاۋاب

    كورەي سىەم چىقمايدىغۇ …

    • ئۇيغۇربەگ | 19:52 | 2014.08.26 جاۋاب

      ھازىر ئەمەلدىن قاپتۇ…

  • شاھماران | 11:37 | 2015.04.26 جاۋاب

    ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش كېرەك

  • emetjan | 07:31 | 2016.03.3 جاۋاب

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇشۇ فىلىمنى شۇنداق كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا، بەيدۇ تور دېسكامغا ئېتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟ بەيدۇ بۇلۇت بوشلۇقىدىكى ئىسىمىم: Emetjan4 ياكى بولمىسا كوت كوت نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولاتتى؟

    • ئۇيغۇربەگ | 20:02 | 2016.03.5 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. فىلىم بەيدۇ بوشلۇقۇمدا باركەن uyghurbeg دەپ ئىزدەپ مېنى قاچىلاڭ ھەمدە لەگلەك دەپ يېزىڭ ئەۋەتىپ بېرەي

      • emetjna | 02:22 | 2016.03.8 جاۋاب

        بەيدۇغا قوشۇپ خەت قالدۇرۇپ قويدۇم…

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!