[ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
-
سەھىپە:خەتلىك فىلىملەر
باھا:9 دانە
10-10-2012
«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.
تەرجىماننىڭ سۆزى
مەن بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ، مەكتەپداش ئاغام ئۇيغۇربەگكە پىرىسلاپ بىرىشكە تاپشۇرۇپ بېرىپ بولۇپ، شاھبلوگدىكى تەرجىمان ھەدەم مەلەكنىڭمۇ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەمگەكنىڭ تەكرارلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدىم، ئەمما مەزكۇر فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرجىماننىڭ تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، تەنقىدىي نەزەربىلەن كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.