ھەقسىز تور دىسكىسى DBank
-
سەھىپە:IT يېڭىلىقلىرى
باھا:0 دانە
09-02-2012

كۆپچىلىك ئىلگىرى بەلكىم ھەرخىل تور دىسكىسىنى ئىشلىتىپ بىر قىسىم ھۆججەتلىرىنى توردا باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولىشى مۇمكىن، ۋە ياكى ھازىرغىچە مۇۋاپىق بولغان تور دىسكىسى تاپالماي يۈرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان تور دىسكىسى، DBank دۆلىتىمىز مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەڭ ياخشى يېرى چەتئەلنىڭ تور بوشلۇقلىرىدەك دۆلىتىمىز تەرىپىدىن چەكلىنىش خىرىسغا ئۇچرىمايدۇ. ئارتۇقچە ماز پاينەك ئېلانلار يوق. ئۇيغۇربەگ ئىككىمىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تور بوشلۇقى.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا،توردىن چۈشۈرگەن ياكى باشقا مەنبەلەردىن سۆكۈپ ئەپكەلگەن سىن،فىلىم،ئۈن ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپ قالىدۇ،گەرچە توردا بۇ خىلدىكى ئايلاندۇرغۇچ ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ،ئەمما،بەزى ئايلاندۇرغۇچلارنىڭ ئۈنۈمى سەل ناچار بولغاچقا،ياخشى بولغان بىر ئايلاندۇرغۇچ تېپىش ناھايىتى زۆرۈر بوپ قالىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Format Factory جەزمەن سىزنىڭ ھۆددىڭىزدىن چىققۇسى!
Internet Download Manager(IDM)دىۋىدىم،بەزى ئاتامانلارنىڭ قۇلىقى دىڭ بولدى،بەزىلىرى ھەتتا مېنى مەسخىرە قىلىشقاندەك قاراشتى،<<ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئاۋا،زاماننىڭ كەينىدە قالغان بالىكەن ماۋا!>>دىيىشتى،بەرھەق،ئۇلارنىڭ دىگىنى ناھايىتى دۇرۇس!يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى ساھەسىدىكى داڭدار IDM ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىكلىرى بىلەن،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى بولۇپ،سىزنىڭ يۈك چۈشۈرۈش سۈرئىتىڭىزنى بىراقلا كۆتەرگۈسى!
ئادەتتە،توردىن ھەرخىل ھۆججەتلەرنى سىناش مەقسىتىدە چۈشۈرۈپ باقىدىغان تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك،بىز ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ مەلۇم بىر يۇمتالنى ياكى ھۆججەتنى ئىزدەپ تاپتۇق،ئەمما،ئەمدى قاچىلىشىمىزغىلا كومپىيۇتېرىمىزدىكى ۋىروسخورلار چىقىراپ تاشلىدى ياكى ئۆزىمىزمۇ بىلمەي قېلىپ بەزى ۋىروسلارنى يۇقتۇرۇۋالدۇق،لۈكچەك يۇمتاللارنى قاچىلاپ قالدۇق…ناۋادا،ھۆججەتلەر ئىجرا بولۇشدىن ئاۋۋال،ھەتتا،چۈشۈرۈشدىن ئاۋۋال ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ لۈكچەك يۇمتال،ۋىروس ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولسا ھە؟!…
فىلىم بېكەتلىرىدىن BTلىق فىلىم چۈشۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا،迅雷نىڭ سۈرئىتىدىن ناھايىتى رازى بولمايتىم.نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ جەھەتتە بۇ قارىمنىڭ سەل كەمچىكلىرى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تورىدىكى بۇ سۈرئەت كىشىنى ناھايىتى بىزار قىلاتتى.كىيىن،بۈگۈنكى يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان يۇمتال-µTorrent نى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كىيىن،بۇ كىچىك ئەمما ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يۈك قورالىغا كۆيۈپ قالدىم،شۇڭلاڭقا،بۇ نەرسىدىن باشقا ئاتامانلىرىمىزنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ تۇرايىمىزدا جاكارنامە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…