ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!…

ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر! 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقا باسقۇچقا-بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى(بىر ئاي) ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بىلوگلارنى نومۇر قويۇپ باھالاپ، ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى(15 كۈن) ناھايىتى رەتلىك، ئادىللىققا يېقىن داۋام ئەتتى. نەتىجىدە بۇ باسقۇچلار ئارقىلىق، ئالدىنقى 20 بىلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى.شۇنداق قىلىپ،  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59 قىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان 10 نادىر بىلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

1 گىرادۇس 9

تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر(微信) ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلىندى، قوللاپ بېرىڭ…

1342797300433_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، يېقىندىن بۇيان قىززىۋاتقان مىكرو ئۇچۇر(微信)نىڭ يانفون تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىق ئەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز. تۇرايىمىزنىڭ ئىخلاسمەنلىرىگە تۇرايىمىزدىكى يېڭى يازما ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، بىزنى قوشۇۋالغان ئەزىزلەر تۇرايىمىزدا ئېلان قىلىنغان يېڭى يازمىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ULY شەكلىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.

1 گىرادۇس 12

بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىڭىز مۇقىممۇ؟

godaddy-promo

Godaddy بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق چوڭ تور نامچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شەخسەن كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تور ناملىرىنى مۇشۇ شىركەتتە ساقلاۋاتىمەن  ھەمدە بىر قىسىم بلوگگېر خېرىدارلىرىمنىڭ تور نامىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تىزىملىتىپ بىرىۋاتقان ئىدىم، ھالبۇكى ئاخشامدىن باشلاپ بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىم، شۇنداقلا بىر قىسىم خېرىدارلىرىم بەس-بەستە ئۇچۇر يوللىشىپ بلوگلىرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىشتى، توردىكى خەۋەرلەرگە كۆرە بىر قىسىم يەرلىك «شەرەپلىك» تېلىگراف ئىدارىسى Godaddyنىڭ تور نامىنى يىشىشكە ئاتىغان DNS مۇلازىمىتىرىنى چەكلەپ قويغانمىش، شۇنىڭ بىلەن قىسمەن جايلاردا بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىنى زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققان.

1 گىرادۇس 11

ھەقسىز تور نامى .TKنى ئىشلىتىۋاتقانلار دىققەت، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ!

1503-www-in-b_article

بىلگىنىمىزدەك، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز خەلىقئارالىق تور ناملىرى ئىچىدە ھەقسىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدۇ، ئەمما بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى  .TKنىڭ ھەقسىزلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ نۇرغۇننىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلار بۇ ھەقسىز مۇتنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۈگۈن ئېلخېتىمگە كەلگەن بىر خەتتىن مەلۇمكى، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ، ئەمدى ئۇ مۇت ئەمەسكەن!…

1 گىرادۇس 14

قارمۇ ياغدى، قايتىدىغان بېلەتنىمۇ ئالدىم!…

بۈگۈن ئەزىز دىيارىم توقسۇدا ھەدەپ قار ياغقىلى تورۇپتۇ، پىلانىم بۇيىچە مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى يۇرتۇمدىن يولغا چىقماقچى بولۇپ، بېلەت ئېلىش ئۈچۈن ئاۋارە بولدۇم، ئەتتىگەندە مەملىكەت بۇيىچە، ياق پۈتكۈل دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئالدىراش بېكەتنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو  قاتناش مېنىستىرلىكى(تۆمۈر يول مېنىستىرلىكى؟)نىڭ قارمىقىدىكى بېلەت سېتىش بېكىتىگە چىقتىم، نەچچە سائەت ھەپىلىشىپ بېلەت سېتىش توربېكىتىنىڭ ئىچىگىمۇ كېرەلمەي، ئاچچىقىمدا تېلىفوننى قولغا ئالدىم، تۆنۈگۈن دوستۇم مۇراد بەرگەن بىر تېلىفون نومۇرى بار ئىدى، شۇ نومۇرغا تېلىفون قىلىۋېدىم، ياۋ پاناھ…بېلەت ئېلىش مۇشۇنداق ئوڭايمىتى دەپ ئەتتىگەندىن بېرى كەتكەن ۋاقتىمغا ئېچىنىۋېتىپ، ۋوگزالغا قاراپ ئاتلاندىم.

قارنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم، قار ياغقان كۈنلىرى دوستلىرىم بىلەن ئايلانسام دەيتىم. بۈگۈن يېنىمدا بىر دوستۇم بار، گەپلىشىپ مېڭىۋاتىمىز، ئەمما ھاۋا ئازراق سوغۇق، قاتناشمۇ ھەم توختاپ كېتىپتۇ، راستنى دېسەم بۈگۈن ياغقان قارغا ئازراق ئېتىرازىم كەلدى، مەن بېلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ياغقان بولسىچۇ، ئاندىن تىنماي مېڭىپ تۇنجى قارنىڭ لەززىتىنى سۈرسەم دېگۈم كەلدى، ئەمما ھاۋارايىغا كىشىنىڭ ئامالى يوقتە. دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىپ ۋوگزالغىمۇ باردۇق، بېلەتنىمۇ ئالدۇق، يەنە پاراڭلىشىپ مېڭىپ قايتىپ كەلدۇق، ئاكام ي.نىياز ئەلقۇت تېلىفون قىپتۇ، ئۆيگە كېلىڭ، پولۇ ئەتتۇق دەپ. ۋاھ دېدىم، ئۇچقاندەك مېڭىپ ئۆيگە كەلدىم ۋە پولۇغا قول ئۇزاتتىم، گېلىمدىن تاماق ئۆتمىدى، بىلسەم ئانگىنا بولۇپ قاپتىمەن، ئانگىنا بولغانلىقىمنى تاماقنى ئېغىزىمغا ئېلىپ ئاندىن بىلىپتىمەن. ئۇف…دەپ بۇ تاماقنىمۇ يېيەلمەي يەنە تورغا چىقاي دەپ بۇ يەرگە كىرىپتىمەن.

ھەي، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ھازىر جىددىي قۇتقۇزۇشتا، تۇغۇتى ئېغىر كەلگەن چېغى دېدى ياخشى بلوگگېر يولداشلىرىم. مەنچىمۇ شۇنداقتەك قىلىدۇ، ھازىر تۇنجى قېتىملىق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىدى، ھاۋا ئەسلا سوغۇق، كۆڭلۈم تېخىمۇ سوۋۇپ كەتتى. بلوگىم تۈگەپ كەتمىسىلا بولاتتى!….

تاققا-تۇققا سۆزلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەيلىم بارمىدى، قورسىقىم ئاچماقتا، گېلىم ئەسلى ئاغرىماقتا. بۈگۈن چىسلاغا 18 ئوخشايدۇ، قار يېغىۋاتىدۇ، كەمىنە مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى مەكتەپكە قايتىپ ماڭماقچىمەن، بۇ تەتىل ھاياتىمدىكى ئەڭ قىسقا تەتىل بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!…

4,374 گىرادۇس 29

يېقىندا سىرىتقى تورلارغا چىقالماي ئىچىم بەك سىقىلدى!

cannot-explore-outside-websites-res

بىر ئايلارچە بولۇپ قالدى، نېمە سەۋەبدىندۇركىن، كومپىيۇتېرىمدا چەتنىڭ بېكەتلىرى ھەتتاكى مۇلازىمىتىرى چەتتە ئورۇنلاشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر بېكەت-بلوگلىرى ئېچىلمايدۇ. كەسپىمگە ئالاقىدار تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەش ئۈچۈن چەتنىڭ تور بېكەتلىرىگە چىقىپ ماتىرىيال توپلىشىم كېرەك ئىدى، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى-بلوگلىرىنى كۆرۈپ بىلىم ۋە ئۇچۇر ئىگەللىمىسەم بولمايتى، باشتا تېخى مېنىڭ تورۇمنى چەكلىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىكەن، كىيىن بىر قانچە ساۋاقداشلىرىم بۇ ھەقتە قاينىشىپ كىتىشتى، زادى نېمە بولغاندۇ؟ خەپ،خەپ…

1,710 گىرادۇس 2

[ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش

شېئىرغا كۈيۈپ يۈرگەن زامانلىرىم تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.شۇنداق،ئۇزۇن بوپتۇ،قەلەم بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرۈكۈمدىكى گەپلەرنى تۆكۈپ باقمىغىلى.تۇيۇقسىز،ئۇ -قەلەم كەلدى،مېنىڭ ھالىمنى سورىدى.يېغلىدىم،ھەيران بولدى؛كۈلدۈم،ئەجەبلەندى.شۇنىڭ بىلەن يۈرۈكۈمدىكى ئويلار پۈتۈلۈپ بىر شېئىر بولدى….
-خاتىرەمدىن

1 گىرادۇس 2

[تەبرىكنامە] شىنجاڭدا تور تەلتۈكۈس ئەسلىگە كەپتۇ!

بامدات نامىزىمدىن يېنىپ،ئىختىيارسىز ھالدا كومپىيۇتېرنى ئېچىپ ئەلكۈيى توربېتىنى ئاچىدىغان ئادىتىم بار ئىدى،ئەلكۈيىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى،قىزغىن تورداشلارنى يەنە بىررەت كۆرۈشنى ئىستەيتىم،ئىچكىرىدىكى مەزمۇنسىز توربەتلەر،مەزمۇنسىز جىدەللەرگە ئوخشىمايدىغان ئۈمىدۋارلىققا،گۈزەل ئارمانغا باشلايدىغان،رېغبەتلىك يازمىلارغا ئىنتىلەتتىم،بۈگۈن ئاخىرى بۇ ئارمىنىم ئەمەلگە ئاشتى،بۈگۈن تور ھەقىقەتەن ئېچىلىپتۇ،بۇ راستكەن!
ئاھ،شۇ تاپتا خۇشاللىقىمدىن ئۇخلاشدىن رايىم يېنىپ دىيارىمىزدىكى توربەتلەرنى كۆرۈشكە ئالدىرىغاچ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار،تور ئېچىلىپتۇ،تور ئېچىلىپتۇ! دىگەن سۆزلەرنى مەن بىلىدىغان چ چ توپلىرىدا تارقىتىپ يۈرگەچ ئۆتكەن كۈنلەردىكى غېرىبچىلىقىمنىڭ تەلتۈكۈس يوقىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

تور ئېچىلدى،ئېچىلدى ھەم كۈلكىمىز،
قىش كەينىدىن باھار كەلگەن ھامان بار.
تور ئېچىلدى،يوقاپ كەتتى غېرىبلىق،
ياخشى كۈنلەر يېتىپ كېلەر زامان بار.

مۇبارەك بولسۇن قېرىنداشلار،بىز كۈتكەن مىنۇتلار يىتىپ كەپتۇ!….

تەۋسىيە توربەتلەر:

http://alkuyi.com/

http://ulinix.com/

http://ulinix.cn

http://www.xjcfan.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

1 گىرادۇس 0