مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئاپتونۇمىيەگە قايتىش(1)

2007091307511998cba

سۈرەتتە: بارسېلونادىكى پۇتبول مەيدانىدا كاتولىنىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بايرىقىنى نامايان قىلماقتا

 

مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئاپتونۇمىيەگە قايتىش(1)
ئاپتور: لىندا
ئەسلى ماقالىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى

بىر تەبىئىي شەكىللەنگەن مەدەنىيەت توپى ئۆز رايونىدا تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ياشاشقا ئىنتىلىدۇ شۇنداقلا سىياسىي سەۋەب تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ مەجبۇرى ھالدا ئۆزگەرتىلىشىنى خالىمايدۇ. ئىسپانىيە تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئىسپانىيەدىكى ھەر قايسى مىللەت ۋە رايونلارنىڭ بەس-بەستە مۇستەقىللىق تەرغىباتلىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغانلىرى يەنىلا كاتولىنىيە ۋە باسىك رايونلىرىدۇر.

ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن ئاۋۋال باسىك ۋە كاتولىنىيە رايونلىرى مەلۇم دەرىجىدە ئاپتونۇمىيەگە ئىگە بولۇپ، ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلىشىپ فىرانكو دەۋرىگە كەلگەندە بۇ رايونلار ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى يوقاتقان، ئاندىن بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسى كۈچىيىشكە باشلىغان. فىرانكوغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، بۇ رايونلار قوش بىسلىق خەتەرلىك رايونلار بولۇپ، بىر تەرەپدىن بۇ رايونلارنىڭ ئاپتونۇمىيەگە ئېرىشىش تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ رايونلار سىياسىي سولچىللارنىڭ رايونى. ناۋادا سىياسىي جەھەتتىن ئۇلارغا ئاپتونومىيەگە بەرگەندە، ئۇلار شۇ ھامانلا سولچىل ئاپتونۇم ھۆكۈمىتى تەشكىللىشى مۇمكىن؛ بۇ خىل ئەھۋال چىقىپلا قالسا ئەمدىلەتىن ئىچكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بەرگەن ئىسپانىيەنى يەنە بىر قېتىم ئىچكى كۈرەشكە باشلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا، مىللىي ئاپتونۇمىيە تەلەپ قىلىش ۋە سىياسىي سولچىللارنىڭ تەرغىباتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە قالغان ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن، قاتتىق قول بولغان فىرانكونىڭ ھەل قىلىش تەدبىرى باش كۆتۈرگەننىڭ كاللىسىنى ئېلىش، كۆز ئالايتقاننىڭ كۆزىنى ئويۇش، سۆزلىگەننىڭ تىلىنى كىسىشدىن ئىبارەت قاتتىق باستۇرۇش بولغان.
كېيىن ئىسپانىيە دېموكراتىيەگە ئۆتۈۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلگە كەلگەندە، قاتتىق باستۇرۇشدىن ئاخىرى قۇتۇلغان كاتولىنىيە ۋە باسىك رايونلىرى مۇستەقىللىق دەۋاسىنى كۆتۈرۈپ چىققان. 1978-يىلى ئىسپانىيەنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللانغاندا « ئاساسىي قانۇن – بىرلىككە كەلگەن ئىسپانىيە دۆلىتىنى نۇقتا قىلغان ھالدا ماقۇللىنىدۇ، ئىسپانىيە بولسا ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ بۆلۈنمەس بىر ئائىلىسى، ئۇ ئىسپانىيەدىكى ھەر قايسى مىللەت ۋە رايونلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇننى ئالاھىدە بەلگىلەپ چىقىپ ئاپتونومىيە بىلەن بۆلگۈنچىلىكنىڭ چىگرىسىنى ئايرىغان، شۇنداقلا بۇ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ ھامان ھەرىكەتكە چۈشكەن ھەمدە تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كاتولىنىيە، باسىك ۋە جەنۇبدىكى ئانتالۇسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ رايوننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. نەتىجىدە ئۇشبۇ سىياسەت بۇ رايونلارنىدىكى جىددىيچىلىكنى تىزلىكتە پەسەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپانىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئاپتونومىيەگە ئېرىشكەن رايونلارنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىپ ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى توسۇپ، بۇ رايونلارنىڭ بىرلىشىپ ئىسپانىيەدىن بۆلۈنۈپ كېتىش خەتىرىگە چەك چەك قويغان.
سەرگەردان رەئىس – تاررادېللاس
كاتولىنىيە ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا قايلاشقان بولۇپ، ئىسپانىيەدىكى ئىقتىسادىي ئەي تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت ئەڭ ئىلگىرى كەتكەن رايونلارنىڭ بىرى، پايتەختى بولسا جاھانغا داڭلىق بارسېلونا.  كاتولىنىيەگە بارغان ساياھەتچىلەر بەلكىم شۇنى ھىس قىلىدۇكى، بۇ رايوندىكىلەر گەرچە ئىسپانچىنى سويۇۋەتسىمۇ ئۆزىنى ئىسپانىيەلىك دەپ قارىمايدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىسپانچىگە ئوخشىمايدىغان كاتولىن تىلىنى سۆزلەيدىغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، كاتولىنىيەلىكلەر ئۆزلىرىنى تارىختىكى مادرېدنى مەركەز قىلغان ئىسپانىيە خانلىقىغا تەۋە ئەمەس دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئىزچىل مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. 1932-يىلى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدەكاتولىنىيە ئاپتونومىيەگە ئېرىشكەن؛ ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلى ۋە كېيىنكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەزكۇر رايون سولچىل جۇمھۇرىيەتكە ئەگەشكەن. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارسېلونا جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى بولغان. فىرانكو 1939-يىلى بارسېلونانى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە بارسېلونادىكى سولچىللارنىڭ دەھشەتلىك باستۇرغان. ئەسلىدىكى ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس لۇئىس كومپانيىس(Luis Companys)غا ئەگىشىپ فىرانسىيەگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، گېرمانىيە فىرانسىيەنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، لۇئىسنى تۇتقۇن قىلىپ فىرانكوغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 1940-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى لۇئىس كومپانيىس بارسېلونادا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
شۇنىڭدىن تارتىپ كاتولىنىيە ئىسپانىيەنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانغان. لۇئىس كومپانيىس ئۆلگەندىن كېيىن سابىق كاتولىنىيە كابىنىتى چەتئەلدە سەرگەردان ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، ۋاقىتلىق رەئىس تەيىنلەپ چىققان. بۇ سەرگەردان ھۆكۈمەت شۇنداق تىرىشقان بولسىمۇ بىرلىككە كىلەلمەي، ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلالمىغان. 1954-يىلى سابىق كاتولىنىيە كابىنىتى ئەزالىرى مېكسىكىنىڭ ئىسپانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىدا يىغىن ئاچقان. شۇ يىغىندا مېكسىكا فىرانكونىڭ دېكتاتور ھۆكۈمىتىنى قوللىمايدىغان، سابىق كاتولىنىيە كابىنىتى كاتولىنىيەنىڭ ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنى ساقلاپ قالىدىغان، جوسىپ تاررادېللاس(Josep Tarradellas)نى رەئىسلىككە سايلاپ چىقىدىغانغا كېلىشكەن. ئەمما  تاررادېللاس شۇنداق بىر قېيىن ئەھۋالدا رەئىسلىكنى باش ئۈستىگە ئالغانكى ھېچكىم ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فىرانكو ئاللىقاچان تارقىتىۋەتكەن بۇ ئاتالمىش سەرگەردان ئاپتونۇم ھۆكۈمىتىنى نەزەرگە ئىلمىغان، ھەتتا فىرانكو ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنى بىر تەھدىت دەپمۇ قارىمىغان.
كاتولىنىيەنىڭ ئاپتونومىيەگە قايتىشى
1975-يىلى فىرانكو ئۆلگەندىن كېيىن يېڭى پادىشاھ ۋە يېڭى باش ۋەزىرلەر سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىسپانىيەنى دېموكراتىيلىشىشكە باشلىغان. پارتىيەلەر قانۇنلىشىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلىشىغا سونۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتونۇمىيە ھوقۇقى مەسىلىسىمۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلىدىغان مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلانغان، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە كاتولىنىيە مەسىلىمۇ بار.
1976-يىلى فىرانكو ئۆلۈپ بىر يىل بولغاندا مادرېد بىلەن يېقىپ مۇناسىۋىتى بار بىر بانكاشۇناس پادىشاھقا تەكلىپ بېرىپ سەرگەردان كاتىلونىيە ئاپتونۇم ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى تاررادېللاسنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇ ۋاقىتتا تاررادېللاس 77 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قانۇنىي جەھەتتىن قېچىپ يۈرگەن ئىسپانيون ئاسىي پۇقراسى ئىدى.
باش ۋەزىر ئۆزى ئەڭ ئىشىنىدىغان بىر كىشىنى ئىسپانىيەگە مەخپىي ئەۋەتىپ تاررادېللاسنى تاپقان ھەمدە ئىسپانىيەنىڭ دېموكراتىيلىشىشكە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئاپتونۇمىيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەمكارلىق شەرتىنىڭ ئەلۋەتتە ئۇنى بارسېلوناغا قايتىپ دېموكراتىك ئاپتونوم ھۆكۈمىتى تەشكىللەشكە قۇماندانلىق قىلىشى بولغان. تاررادېللاس باش ۋەزىرنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كەلگەن بولۇپ، كاتولىنىيە مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي چىقىش يولى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاپتونومىيەنىڭ كاتولىنىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ھەمدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى تاررادېللاس مادرېسقا قايتىپ باش ۋەزىر بىلەن ئاپتونۇم رايون قۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت جەريانىدا باش ۋەزىر ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا سادىق بولۇپ، ئىسپانىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدىكى زىمىن پۈتۈنلىكىدە چىڭلا تۇرىدىكەن، كاتولىنىيەگە يۈكسەك ئاپتونومىيە بىرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن، بۇ سۆھبەتتىن ئىككىلا تەرەپ رازى بولغان شۇنداقلا تاررادېللاس بارسېلوناغا قايتقاندا خەلق ۋە ئارمىيەنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولغان. گەرچە بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ ھەربىيلەر بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلالمىغان بولسىمۇ، پادىشاھ ئۆزى بېرىپ ئۇلارنى قايىل قىلغان شۇنداقلا تاررادېللاس بىلەن كۆرۈشۈپ دېموكراتىيلىشىۋاتقان مەزگىلدە كاتولىنىيەنىڭ ئاپتونومىيەگە ئېرىشكەنلىكىنى قۇتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتاقتا نامىلا قالغان كاتولىنىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ۋە 38 يىل سەرگەردان بولغان رەئىس تاررادېللاس بارسېلوناغا قايتىپ ئىچكى كابىنىت ھەمدە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن.

مەزكۇر يازما ئىقتىساد تورىدا ئېلان قىلىنغان ئوخشاش ماۋزۇدىكى يازمىغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈلدى. مەنبەسى: http://magazine.caijing.com.cn/sjcontent/65269.shtml

ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى مۇشۇنىڭ بىلەن خاتىمە بولدى، ئىككىنچى بۆلىكى ئىسپانىيە باسىك رايونى ھەققىدە بولىدۇ ھەمدە ئايرىم تېما ھالىتىدە يوللىنىدۇ، تالاش-تارتىش قىلساڭلار مەزكۇر يازمىدىكى ۋەقەلىك ۋە ئورۇن ياكى شەخىسلەر ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېرىڭلار جۇمۇ!



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
710 گىرادۇس 1


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif