ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كود بىلەن خوشلاشتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم، يېقىندىن بۇيان كود بىلەن قايتىدىن دوست بولۇپ، پات-پات كود يېزىپ باقىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن كاللامغا مۇشۇ كونا كەسپىم ئۇسلۇبچىلىقنى بىر قولغا ئېلىپ باقاي، نېمىلەرنى قىلالايمەنكى دەپ دەپتەرنى قولۇمغا ئالدىم، ھەقىقەتەن ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن جۇمۇ! مەشىق ئورنىغا شۇ تاپ Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن…
1 گىرادۇس
ئەي خالايىق، ئەي ئاۋام خاس، بلوگ ئۇسلۇبىغا زار بولغان، ئۇسلۇب تاپالماي خار بولغان، بلوگلىرى قانغا تولغان ئەزىمەتلەر، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى، ئۇسلۇب قاتىلى، تۇرايىمىزدىكى داڭلىق قاسساپ پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى، بلوگ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ تىل بۈرۈكتىرىشى بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سىرىتقى قىسمىدا ئۇسلۇب قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىم قاتىللىق ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى پرېستان «Prestan Simple» ئۇسلۇبىنىڭ كەينىگە كېرىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كود يېزىش، كود ئۆزگەرتىش، كود كۆچۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ «Prestan Uzhal» ناملىق بىر ئۇسلۇبنىڭ قاتىللىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، بۇ ۋەقەدە «Prestan Simple» ئۇسلۇبى ئاساسىدا «Prestan Uzhal» ناملىق يېڭى ئۇسلۇب ياسالدى، قېنى بېرىپ بۇ قاتىللىققا گۇۋاھ بولغايسىزلەر…
1 گىرادۇس
بۇرۇن باشقا ئۇسلۇب ئىشلىتىپ، يېڭىدىن Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن دوستلار ماڭا ئۇسلۇبنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق بىر قانچە جاينىڭ نورمال سىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەن تۆۋەندە قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتەي.
1 گىرادۇس
بىر قانچە كۈنلۈك قارا كودچى بولۇپ ئىشلەپ، تۇرايىمىزنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلاپ چىقتۇق، يەنى ئەسلىدىكى كۆرۈنۈش ۋە ئىقتىدارلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇسلۇبنى قايتا يېزىپ چىققان ئىدۇق، ھازىرچە ئابدۇكېرەم(خروم) ۋە ئايى توققۇزدا يامان ئەمەس چىقىۋاتىدۇ، باشقا جاھاننامىلەردە قانداق چىقتى سىناشقا ئۈلگۈرمىدۇق، ئۇسلۇبدا قانداق يېڭىلىقنى بايقىدىڭىز، دەپ بەرسىڭىز مۇكاپات بار. خاتالىقنى تېپىشىپ بەرسىڭىز چوڭ-چوڭ مۇكاپات بار، قېنى تىزدىن ھەرىكەتلىنىڭ!…
1 گىرادۇس
سىلەر بۇ بىر پارچە يازمىنى كۆرۈۋاتقان چاغدا، مەن تېخى بايىلا ئىنتايىن قايغۇلۇق بىر بايانات ئېلان قىلدىم، گەرچە مېنىڭ قەتئىي مەيلىم بولمىسىمۇ ۋە ياكى تورداشلار مەزكۇر ئۇسلۇبدىن ۋاز كېچىشكە قەتئىي چىدىمىسىمۇ،بۇ جاكارنامىنى تەنتەنىلىك ئېلان قىلمىسام بولمايدۇ: بلوگباس Prestan ئۇسلۇبىدا مەسىلە كۆرۈلدى(بەلكىم ۋاقىتلىقتۇ)!
1 گىرادۇس
hexwind ئۇسلۇبىنى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئاپتورى دەل checkerize ئۇسلۇبىنىڭ ياسىغان كىشى، ئەلۋەتتە ئاپتورى بىر بولغاندىكى ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى ۋە لايىھىلەش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولىدىغان گەپ. شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىمقى ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىش ئاسانغا توختىدى دېسەم بولىدۇ. دەسلەپكى تەرجىمە قىلىشقا 2 سائەتكە يېقىن ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىم كەتتى(ھى ھى)… ئۇنى تەڭشەش، رەسىم لايىھىلەش ۋە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال قىلىش دېگەندەك پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.
1 گىرادۇس
مەزكۇر ئۇسلۇب-Wordpress ئۇسلۇبى ياساش جەھەتتە بىرقەدەر ئۇتۇق قازانغان Cksky ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەسىرى بولۇپ،دەسلەپ ئېلان قىلىنغان چاغدىلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەييار قىلىپ قويغان،مەلۇم سەۋەبلەرگە كۆرە تارقىتىلىش ۋاقتى كەينىگە سۆرۈلۈپ كەتتى.مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ يان ئىستونىنى تولۇقلايدىغان ياماق چىققاندىن كىيىن،قايتىدىن رەتلەپ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم.
1 گىرادۇس
مەزكۇر ئۇسلۇب- ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبى بولۇپ، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، قايتىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قايتىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ھەقلىق تارقىتىلماقچى. مەزكۇر ئۇسلۇبقا قىزىقىدىغان يولداشلار يازمىغا مەرھەمەت قىلغايسىزلەر…
2,110 گىرادۇس