بېكەت-بلوگلارغا قارىلىق تۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ تەدبىرى

20130507133619436_副本

ئاپەت چىققاندا بەزى خەنسوچە بېكەتلەر ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا قارىلىق تۇتىشىدىكەن. يەنى بەت سۈررەڭ ھالەتكە ئايلىنىدىكەن، بېكەتكە قارىلىق تۇتۇش دېگەن ئاتالغۇنى كىم بۇرۇن ئىشلەتكەن، قارىلىق تۇتۇش ۋاجىپمۇ دېگەندەك مەسىلىلەر بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئۇنداق ئۈنۈمنى قانداق ھاسىل قىلىمىز، بۇ دەل بۇ يازمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى.

114 گىرادۇس 18

input كىرگۈزۈش رامكىسىدىكى سۈكۈتتىكى خەتنى كۆرسىتىش ۋە يۇشۇرۇش

ماۋزونى ئوقۇپ بولۇپ بۇ «قانداق گەپتۇ» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىراق دوستلارنىڭ ئۈنۈمنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ھېس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەزكۇر بلوگنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىزدەش input رامكىسى بولۇپ، ماۋۇسنى رامكىغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۈستىدە «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ماۋۇسنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ تۇنجى ھەرىپنى يازغاندا «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنمەيدۇ دە سىز يازماقچى بولغان خېتىڭىزنى يازىسىز، ئەمما بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان input ئىزدەش رامكىسىغا ماۋۇسنى ئېلىپ كېلىپ بىرنى چەكسىڭىز خەت يېزىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرمايلا سۈكۈتتىكى خەت كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۈگۈن كەينىدىكى ئۈنۈمنى سۆزلەيمىز.

1 گىرادۇس 3

js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش

يېقىندا بلوگغا كىرگەن دوستلار ئۈستى تەرەپتىكى 10 نادىر بلوگقا بېلەت تاشلاش ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان دوستلار قانداق چىقارغانلىقىمنى سوراپ قالدى، مەن چىقىرىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتەي، قۇلى قىچىشىدىغان بلوگىر دوستلار بولسا سىناپ باقارسىلەر.

1 گىرادۇس 2

IE نىڭ باشبەت ئۆزگۈرۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

IE توركۆرگۈمنىڭ باشبېتى داۋاملىق بىرقىسىم قارا نىيەتلىك تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش تەسىرىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزەم ياخشى كۆرگەن بەتكە ئۆزگەرتىمەن، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزگەرتىمەن. ئۆزگىرىپ كېتىپ ھېرىپ قالمىدىم، مەنمۇ ئۆزگەرتىپ ھېرىپ قالمىدىم، بۈگۈن ئاخىر ئاچچىقىمغا پايلىماي باشبەتنى مىخلىۋېتىش قارارىغا كېلىپ، توردىن ئىزدەپ باقسام ئامالى چىقىپ قالدى. بەزىلەر بۇنى 360 قوغداش قورالى ياكى QQ قوغدا قورالى ئارقىلىق ھەل قىلغان، ئەمما مەندەك بۇ ئىككى قاراۋۇلدىن بىرىنىمۇ قاچىلىمىغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئەڭ ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل ئۇسۇل ھېچقانداق يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلمايدۇ.

1 گىرادۇس 12

كېلىڭلار بلوگگېرلار، IE6نى چەكلەشتە بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزەيلى!

140-1

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى، بۈگۈندىن باشلاپ تۇرايىمىزدا رەسىمىي ھالدا IE6نى چەكلەش ھەققىدە پەرمان چۈشۈردۈق ھەمدە تۇرايىمىز باشچى بولۇپ، بۇ پەرماننى ئىجرا قىلدى! پەرماننىڭ چۈشۈرۈلۈش سەۋەبىنى تۇرايىمىزدىكى «Let’s Kill IE6»سەرلەۋھەلىك بەتتىن كۆرۈڭ. ناۋادا سۈيۈملۈك WordPressمۇ تاشلىۋەتكەن بۇ ئەسكى IE6نى چەكلەش نىيىتى بار بلوگگېرلار بولسا، كېلىڭلار!  IE6نى چەكلەشتە بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزەيلى! …

1 گىرادۇس 53

ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى، يېڭىلىق ئەلۋەتتە بار…

wordpress-sonny_616_conew1

تۆنۈگۈن، ئورگان تەرەپنىڭ باياناتى بۇيىچە ئېيتقاندا WordPress 3.3 رەسىمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ىككى سوتكا ئۆتكەندە ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى. بۇ نەشىرنىڭ ئەركىلەتمە نامى «Sonny»دەپ قويۇلۇپ، داڭلىك روك ساكىس ئارتىسى  Sonny Stitt غا ئاتالغانمىش.

خەۋەرلەرگە كۆرە، 3.0 نەشىرىدىن تارتىپ، wordpressسېستىمىسى 65مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، 3-نەشىر يۈرۈشلۈك سېستىمىنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى بولغان WordPress 3.3 بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىشقا تىرىشقان.

1 گىرادۇس 0

Web فونتى(خەت نۇسخىسى) چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە بايان(تەرجىمە)

نۆۋەتتە،يازمىلار يەنىلا توربېكەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ،CSS3 تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ،Web فونتى(خەت نۇسخىسى) بارغانسىرى ئاۋات تىمىلارنىڭ بىرىغا ئايلاندى.كەلگۈسىدىكى Webنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدىغان بۇ تۈر ھەققىدە ھەرخىل تەتقىقاتلار باشلانغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى @font-face خاسلىقى ئارقىلىق،توربەتلەرگە مەلۇم بىر فونىتنى بەلگىلەشدىن ئېبارەت بولۇپ،نۆۋەتتىكى ئاساسلىق جاھاننامىلەر مەزكۇر تېخنىكىنى راۋۇرۇس قوللايدۇ،بۈگۈن،مەزكۇر يازمىمىزدا ئاساسلىق بولغان بىرقانچە Web فونتلىرىنى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1 گىرادۇس 0

«1-قىسىم» HTML ئارقىلىق ئاددى تور بەت ياساش

2011-04-21T13:51:40Z2011-04-21T13:51:40Z

wordpress ئۇسلۇبىنى تەرجىمە قىلىش دەرسلىكى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ Css ۋە Html بىلىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالدى بىلەن html ئارقىلىق ئاددى بولغان تور بەت ياساش دەرسلىكى تۈزۈپ چىقتىم. بۇ دەرسلىكتە wordpress ئۇسلۇبىدا كۆپ ئۇچرايدىغان css كودلىرى ئاددى قىلىپ سۆزلەپ چىقتىم. بەلكىم بۇ دەرسلىك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان باشلىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر دەرسلىكتە خاتا سۆزلەپ قويغان يەرلىرىم بولسا كەچۈرۋېتەرسىلەر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

1 گىرادۇس 0