ۋوردپرەس 3.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى، يېڭىلىق ئەلۋەتتە بار…
-
سەھىپە:IE تېخنىكىسى، WP ئۇچۇرلىرى
باھا:0 دانە
09-02-2012
تۆنۈگۈن، ئورگان تەرەپنىڭ باياناتى بۇيىچە ئېيتقاندا WordPress 3.3 رەسىمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ىككى سوتكا ئۆتكەندە ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى. بۇ نەشىرنىڭ ئەركىلەتمە نامى «Sonny»دەپ قويۇلۇپ، داڭلىك روك ساكىس ئارتىسى Sonny Stitt غا ئاتالغانمىش.
خەۋەرلەرگە كۆرە، 3.0 نەشىرىدىن تارتىپ، wordpressسېستىمىسى 65مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، 3-نەشىر يۈرۈشلۈك سېستىمىنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى بولغان WordPress 3.3 بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىشقا تىرىشقان.
قانداق يېڭىلىقلار بار؟
3.3 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تۈزىتىلگەن ئورۇنلار خېلى كۆپ. ئاساسلىقلىرىدىن:
* خەت نۇسخىسى Microsoft Uighur نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل فونتقا توغرىلاندى.
* خەت نۇسخىسى ھۆججىتى ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدىغان قىلىندى.
* UKIJ Tuz Tom فونتىنىڭ EOT، TTF، SVG ۋە WOFF ھۆججەتلىرى تەمىنلەندى.
* يېڭىدىن قوشۇلغان 270 تىن ئارتۇق سۆز- جۈملە تولۇق تەرجىمە قىلىندى.
* تەرجىمىدىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى.
* باشقۇرۇش بېتىدىكى بىر قىسىم رامكىلار سولدىن ئوڭغا توغرىلاندى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ئاساسلىق تەرجىمە %94 تاماملانغان ھالەتتە بولۇپ، تەرجىمىنىڭ تولۇق پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ياردەم بېرىشنى خالىغۇچىلار http://translate.wordpress.org/projects/wp/dev بېتىگە بېرىپ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. تەرجىمە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەرجىمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى تەرجىمىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقىشىنى سورايمىز.
گەرچە تارقىتىشتىن بۇرۇن قايتا- قايتا سىناپ چىققان بولساقمۇ، بىز بايقىيالمىغان مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا بۇ نەشرىدىكى ھەرقانداق مەسىلىگە قارىتا پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پىكىر- تەكلىپلەرنى مۇشۇ يازما ئاستىغا ياكى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىمىزگە قالدۇرساڭلار بولىدۇ.
«ئارىلىقتا تەرجىمىگە پەقەتلا ۋاقىت چىقماي، يېڭىدىن قوشۇلغان سۆز- جۈملىلەر خېلىلا يىغىلىپ قاپتىكەن. يەنە كېلىپ بۇ قېتىم تەڭشەپ چىققان ئورۇنلار خېلى كۆپ. شۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆزگەرتىشكە خېلى كۆپ ۋاقىت كەتتى. ھازىر گەرچە تەرجىمە تولۇق تاماملانمىغان بولسىمۇ، يەنە ئازراق تەڭشەيدىغان ئورۇنلار ئېشىپ قالغان بولسىمۇ تارقىتىپ تۇردۇق. بەلكىم ئۇزۇنغا قالمايلا 3.3.1 نەشرى چىقارمىكىن. شۇ چاغدا تولۇقلىۋالارمىز.»دەيدۇ مۇرشىدى ئەپەندى نۇرقۇتتىكى يازمىسىدا.
تۇرادىكىلەر نېمە دەيدۇ؟
ئۇيغۇربەگ:ھازىر كەپىخانىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈروپ ئۈلگۈردۈم، ماڭا ھەممىدىن ياققان يىرى بەت بېشىدىكى تىزىملىك بولدى، يەنى ئىنكاس + يازما يوللاش + بەت، بۇ بەك قولايلىق بوپتۇ، نۇرغۇن تەرجىمىلەر تەرجىمە قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.
پرېستان:مەن بلوگىمنى يېڭىلاپ بولدۇم. ئارقا سۇپا بۇرۇنقىدىن قولايلىق ۋە كۆركەم بولۇپ كېتىپتۇ. سۈرئەتمۇ خېلە تېزلەشكەندەك بىلىندى، بەلكىم ماڭا شۇنداق بىلىنگەندۇر. ھۆججەت يۈكلەش ئىقتىدارى قايتىدىن تېخىمۇ ئېسىل بولۇپ كېتىپتۇ. ئاراق سۇپا ئۈستى تەرەپتىكى تىزىملىك ئىقتىدارىمۇ خېلىلا قويلايلىق ياراتقاندەك قىلىدۇ.
يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش