Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:28 دانە
10-12-2012
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كود بىلەن خوشلاشتىم دەپ ئويلىغان ئىدىم، يېقىندىن بۇيان كود بىلەن قايتىدىن دوست بولۇپ، پات-پات كود يېزىپ باقىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن كاللامغا مۇشۇ كونا كەسپىم ئۇسلۇبچىلىقنى بىر قولغا ئېلىپ باقاي، نېمىلەرنى قىلالايمەنكى دەپ دەپتەرنى قولۇمغا ئالدىم، ھەقىقەتەن ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن جۇمۇ! مەشىق ئورنىغا شۇ تاپ Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن…
كاللامغا نېمە كەلسە شۇنى قوشىۋاتىمەن، ئېنىق بىر پىلان يوق، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ مۇنداق جايلىرى مۇنداق بولسا، مۇنداق ئىقتىدار بولسا، مۇنداق ئىقتىدار ئېلىپ تاشلانسا دېگەندەك پىكىر بولسا ئويلىشپ باقسام بولىدۇ. ھازىر سىز كۆرۋاتقان ئۇسلۇب دەل Prestan Simple 3 نەشرى، تۇلۇق پۈتمىدى… داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۋاتىمەن. ئۇسلۇبقا قانداق نەرسىلەر قوشۇلدى، ھازىرچە پۈتكەن ياكى پۈتىۋاتقان ھالىتىنى تۆۋەندىكى مەنزىلدىن كۆرۈپ تۇرالايسىز:
تەكلىپ بىلەن بىرگە تەنقىدمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ، نەق پۇل بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ….