شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى داۋام قىلماقتا، مانا شۇ تاپتا مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا تاقىشىپ كەلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىر قولۇم بەش بولاي دېسە ئەسلى، ھەي، شۇنداق ئالدىراش تۇرۇقلۇق بلوگىمنى يېڭىلىماي تاشلاپ قويۇشقا ئۇنىماي بىر قانچە كۈن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ بولغان بۇ يېڭى ناخشىنىڭ ئاخىرىنى ئىشلىۋەتتىم…
1,146 گىرادۇس
تاركان كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ ياقتۇرىدىغان ناخشىچىلىرىدىن بىرى، بۇ قېتىم تورداشلارغا مەزكۇر تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ 2012-يىللىق ئەڭ يېڭى ئىجادىيىتى « سۆيگۈ كەتتى بىزدىن »نى ئۆزلەشتۈرۈپ تەييار قىلدىم. كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ۋە ناخشا تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر….
1,446 گىرادۇس
تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى لىرىكىغا، ناخشا تىكىسىتىنىڭ پاساھىتىگە بەك كۆيىمەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز تاركاننىڭ «ئىسمىمنى قەلبىڭگە ياز»(Adımı kalbine yaz)ناملىق ئالبۇمىدىكى بىر ناخشا. بىر تەرەپدىن ناخشا ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپدىن تەرجىمە تېكىسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس…
1,451 گىرادۇس
تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى لىرىكىغا، ناخشا تىكىسىتىنىڭ پاساھىتىگە بەك كۆيىمەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز تاركاننىڭ «ئىسمىمنى قەلبىڭگە ياز»(Adımı kalbine yaz)ناملىق ئالبۇمىدىكى بىر ناخشا. بىر تەرەپدىن ناخشا ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپدىن تەرجىمە تېكىسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس…
1,638 گىرادۇس
تاركاننىڭ ناخشىلىرىنىڭ ھەممىسىنى شوخ دەپ ئويلاپ قالماڭ، بەزى ناخشىلىرىدا ئۇ ناھايىتى غېرىب، بەزى ناخشىلىرىدا بولسا ناھايىتى چۈشكۈن، بەزى ناخشىلىرىدا بولسا بەكلا تەلۋە. ھىم، بۈگۈنكى بۇ ناخشىسىدا بۇ ئاداش ناھايىتى مۇڭ، خۇددى سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىدەكلا. ھىم، يېقىندا ئايرىلىپ كېتىشكەن ئاشىق-مەشۇقلار بولسا بۇ ناخشىنى ئاڭلىماڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنى بېسىۋالالماي…ياش كەلكۈنى پەيدا قىلغۇسىلەر! تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…
2,952 گىرادۇس
تاركاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلارنىڭ بىرى(دىققەت، ناخشىسىنى ياقتۇرىمەن، ناخشا فىلىملەرىدىكى چاكىنىلىق ياكى ئۆزىنىڭ چاكىنا ئىشلىرىنى ئەمەس، زېق-نەشتەر سانجىيدىغانلار ئۆزىڭىزلارنى بىلىپ چىقىپ كېتىڭ!)بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قارىمنىڭ يېڭى، لىرىك ياكى شوخ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ سادىق يايرىم قارا تۇپراقتۇر»ناملىق بۇ ناخشىسى يېقىندا تۈركىيەدە ئىشلەنگەن مەلۇم بىر فىلىمنىڭ فىلىم ناخشىسى بولۇپ، ناخشا تېكىسىتى تۈرك كىلاسسىك شائىرى ۋەيسەل (تۈركلەرنىڭ خۇددى بىزدىكى بابا رېھىم مەشرەپدەك سەرسان بىر شائىرى)نىڭ. بۇ ناخشا تاركاننىڭ بۇرۇنقى بىر قانچە ناخشىلىرىغا قارىغاندا مەيلى مۇزىكا ئۇسلۇبى، مەيلى فىلىم كۆرۈنۈشلىرىدىن بولسۇن، تۈرك ئەنئەنىسىگە يېقىنراق كەلگەن بىر ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈرك تىلى ۋە تۈرك ناخشىلىرى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى چۈشۈرۈشكە، فىلىم تېكىسىتى پايدىلىنىشقا سونۇلدى.
2,297 گىرادۇس
خوش، تېخنىكىلىق يازما يازارمەنمىكىن دېسەم بەگلىك تېخىچە دوختورخانىدىن چىقمىدى، ئامال يوق بۇرۇن تەييارلىغان تەرجىمە ناخشىلىرىدىمدىن بىرنى يوللاپ تۇردۇم. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىنىمىز تۈركىيە ناخشىچىسى رافەت ئەل روماننىڭ تېخىمۇ لىرىكىلىق ۋە مۇھەببەت ھىسلىرىغا تويۇنغان ناخشىسى «چىدىيالايمەن!»، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ سۆزى ۋە سۈزۈك نۇسخىسى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
2,310 گىرادۇس
كىچىكىمدە ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان «سىقىلدىم» (sikidim) دېگەن بۇ ناخشىسى تاركاننىڭ نادىر كىلاسسىك ناخشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ناخشىنىڭ باشقا تىلدىكى ۋارىيانلىرىنىمۇ ھەم ئاڭلىدىم. كىيىن تاركاننىڭ تۇنجى ئىنگىلىزچە ئالبومى بولغان «يېنىمغا كەل»(Come closer)دە ئۆزىمۇ ئىنگىلىزچە ئېيتقان. مەزكۇر ناخشىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى خەتلىك ناخشا تەرجىمە قىلىپ يۈرگەن بىر ۋاقتىمدا ئۇچرىتىپ قېلىپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدىم، بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
2,020 گىرادۇس