[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى] تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ يېڭى ناخشىسى–سەن يىراققا كېتىپسەن
-
سەھىپە:ئىجادىيەتلىرىم
باھا:4 دانە
26-04-2012
تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى لىرىكىغا، ناخشا تىكىسىتىنىڭ پاساھىتىگە بەك كۆيىمەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز تاركاننىڭ «ئىسمىمنى قەلبىڭگە ياز»(Adımı kalbine yaz)ناملىق ئالبۇمىدىكى بىر ناخشا. بىر تەرەپدىن ناخشا ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپدىن تەرجىمە تېكىسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس…
ناخشىنى ياقتۇرسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭ
سەن يىراققا كېتىپسەن
ناخشىدا : تاركان
ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇربەگ
تاركان – سەن يىراققا كېتىپسەن
Tarkan – Sen Çoktan Gitmişsin
دېمەك ھېچ تونىمىغان بوپتىمەن
Meğer hiç tanımamışım
يا ئۆزۈمنى ياكى يار سېنى
Ne kendimi ne seni
كۆرگەنلىرىمگە قانائەتلىنىپتىمەن
Görünenle yetinmişim
تۇرۇپ ھېچ ئاڭلاپ باقماپتىمەن
Durup hiç dinlememişim
قەلبىمنىڭ نەپىسىنى
Kalbimin nefesini
سۆيۈلۈپتىمەن، سۆيۈپتىمەن
Sevilmişim sevmişim
ئەمما، قاراپ تۇرۇپ يوقىتىپتىمەن
Göz göre göre kaybetmişim
ئۈمىدلىرىم تۇتۇلۇپ بۇلۇتتەك
Umutlanmışım, bulutlanmışım
يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ كىرپىكلىرىمدىن
Yağdı yağacak kirpiklerimden
ئىشەنمەپتىمەن، ئىشىنىپتىمەن
İnanmamışım, inanmışım
غايىب بولىۋاتىسەن قوللىرىمدىن
Kayıp gidiyorsun ellerimden
ھېچ بىلمىدىم چېكەرمۇ قايتا
Bir daha çalar mı bilmem
پوچتىكەش ئىشىكىمنى كېلىپ
Postacı kapımı? Sanmam
بىلىمەن، قايىتمايسەن زىنھار
Biliyorum dönmezsin
چۈنكى مەندىن يىراققا كەتتىڭ
Sen çoktan gitmişsin