
ئىنكاس يېزىش بلوگىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاشتىكى قورالى، شۇنداقلا ئىنكاس ئارىسىدا چىراي ئىپادىسى قوشۇلسا، چايغا ناۋات سالغاندەكلا ياخشى ئىش. WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى بەكلا مەتو، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق، شۇڭا ئۆزۈم شاققىدە بۇرۇنقى چىراي ئىپادىسنىڭ ئورنىغا باشقا چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇ. wordpress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى 22 تال بولۇپ، بىر-بىرىدىن سەت، بەتبەشىرە…ھا ھا… (چىراي ئىپادىسىنى لايىھەلىگەن كىشى بۇ گېپىمنى كۆرسە قانچە تىللا مېنى)
1 گىرادۇس

ئالدىنقى قېتىم «WordPress دە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يېڭى، كۆپ ئىنكاسلىق، ۋە تەلەيلىك يازمىلارنى چىقىرش» دەپ بىر يازما يوللىغان، يېقىندا ئۇسلۇب ياساش جەريانىدا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش كېرەك بولۇپ قالدى، توردىن ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن، سىناپ باقسام مۇۋپپەقىيەتلىك بولدى. خاتىرە بولۇپ قالسۇن، بۇنىمۇ يېزىپ قوياي.
1 گىرادۇس

بلوگىڭىزغا تىز سۈرئەتتە بلوگ ئاستىغا چۈشۈش، ئۈستىگە قايتىش ۋە ئىنكاس يېزىش رايۇنىغا بېرىش كونۇپكىسىنى قوشۇپ قويسىڭىز زىيارەتچىلەرگە ئاز بولمىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيسىز. زىيارەتچىلەر بىرلا بېسىپ بلوگنىڭ ئەڭ ئاستىغا، يەنە بىرلا بېسىپ ئەڭ ئۈستىگە قايتالايدۇ، ئەڭ مۇھىم يازما بېتىدە بىر كونۇپكا بىلەن ئىنكاس رايونىغا بارالايدۇدە سىزنىڭ يازمىڭىزغا ئۈماق باھادىن بىرنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ، ئۈنىمىنى مەزكۇر بلوگنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كۆرۈۋېلىڭ، ئۇنداقتا بىز ئىشنى باشلايلى.
1 گىرادۇس

بلوگىڭىزدىكى زىيارەتچىلەرنىڭ باھاسىغا سىز جاۋاب قايتۇرسىڭىز، ئاپتوماتلىق ئېلىكترونلۇق خەت ئەۋەتىدۇ، زىيارەتچىلەر بۇ خىل ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزىگە قايتقان جاۋابنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلەيدۇ، ھەمدە بلوگىڭىزغا ئاز بولمىغان ئېقىم ئېلىپ كېلىدۇ.
1 گىرادۇس

ئۇيغۇربەگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنىڭ باش سۈرئىتىنىڭ ئاستىغا دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان تاياقچە ئورۇنلاشۇرغان ئىدۇق، بىر قانچە دوستلار بۇنداق ئىقتىدارنى قانداق چىقارغانلىقىمىزنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتى، بۇ يازمىدا مۇشۇ ئىقتىدارنى قوشۇش ھەققىدە توختىلىمەن.
1 گىرادۇس

كۆپىنچە مۇنبەرلەردە «سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ» دېگەندەك خەتلەرنى ئۇچرىتىمىز، زىيارەتچىلەر ئىنكاس يېزىپ بولغاندىن كېيىن يۇشۇرۇن مەزمۇن كۆرۈنىدۇ. ئىزدەپ باقسام WordPressكىمۇ شۇنداق ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىكەن، ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئىقتىدارغا مۇھتاج بولسىڭىز تۇرايىمىزدىكى «WordPress تە مەلۇم مەزمۇننى ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىلىشنىڭ تەدبىرى»ناملىق يازمىدا ھەممىنى دەۋەتتۇق، ئىشەنمەمسىز، ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت…
1 گىرادۇس

خوش، يېقىندىن بۇيان بلوگىڭىزدا ئىنگىلىزچە ئىنكاسلار يېغىپ كەتتىمۇ؟ بەلكىم «يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئىنكاسلاردىن ھاياجانلىنىپ ئۇ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ، جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟ كېيىن قارىسىڭىز بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار كۈنىگە 100 تالدىن، ھەتتا 1000 تالدىن كۆپىيىۋاتقان، سەل بىنورماللىق ھىس قىلىۋاتقىنىڭىزدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، سىزگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سىز مۇدائىپە كۆرۈشنى ئەمدى باشلاپ، كۈندە ئىنكاس ئۆچۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، كېيىن ئۆچۈرۈپ بولالماي چارچاپ كېتىۋاتقان، ئاھ، بۇنداق ھالدا بلوگ يازغاندىن بېرىپ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا بېرىپ ئىنكاس يازسامچۇ دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان… ھىم، قايغۇرماڭ، بۈگۈن مۇشۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار ئۈچۈن «ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ قويغۇلۇق، ماڭا ئىشىنىڭكى، سىزگە ياشاش يولى ھامان بار!…
1 گىرادۇس

بەزى بلوگگېرلارنىڭ ئىنكاسىغا كۆرە، بلوگ ئىگىلىرىدىن ياردەم سورىغاندا بەزى زۆرۈر رەسىملەرنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زۆرۈرلىكى بارمىش. ھىم، بەلكىم شۇنداقتۇ، شۇ ھامان بىر خەنسوچە بلوگنى زىيارەت قىلىۋېتىپ بلوگگېرنىڭ مۇشۇ تېخنىكىنى تەدبىر ھالىتىدە يوللىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى «ئانا تىل بايرىمى»كۈنىدە «Wordpressدە ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ تەدبىرى» دېگەن يازما ئاپىرىدە بولدى.
بۈگۈن ھەممە بلوگگېرنىڭ ئانا تىلىدا ساپ سۆزلەردە سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن …
![无觅相关文章插件,快速提升流量]()
1 گىرادۇس