WordPress چىراي ئىپادىسىنىڭ ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش
-
سەھىپە:WP تېخنىكىسى
باھا:3 دانە
31-03-2013
ئىنكاس يېزىش بلوگىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاشتىكى قورالى، شۇنداقلا ئىنكاس ئارىسىدا چىراي ئىپادىسى قوشۇلسا، چايغا ناۋات سالغاندەكلا ياخشى ئىش. WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى بەكلا مەتو، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق، شۇڭا ئۆزۈم شاققىدە بۇرۇنقى چىراي ئىپادىسنىڭ ئورنىغا باشقا چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇ. wordpress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى 22 تال بولۇپ، بىر-بىرىدىن سەت، بەتبەشىرە…ھا ھا… (چىراي ئىپادىسىنى لايىھەلىگەن كىشى بۇ گېپىمنى كۆرسە قانچە تىللا مېنى)
ئۆزىمىز خالىغان چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بىز wordpress ھۆججىتىنىڭ wp-includes/images/smilies ئىچىدىكى چىراي ئىپادىسىنىڭ ئورنىغا ئىسمىنى ئوخشاش قىلىپ يېڭى چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويساقلا ئىش تامام، بۇ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى. ئەمما بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولۇپ، wordpress نىڭ نەشرىنى يېڭىلىغاندا بۇرۇنقى رەسىملەرگە ئالمىشىپ قالىدۇ. بىز بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق ئۆزىمىز تاللىغان چىراي ئىپادىسىنىڭ ئادرېسىنى تاللاپ بېرەلەيمىز. نەشر يېڭىلانغان تەغدىردىمۇ چىراي ئىپادىسىنىڭ ئادرېسى ئۆزگەرمەيدۇ.
تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ functions.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئىچىگە چاپلاڭ.
add_filter('smilies_src','custom_smilies_src',1,10); function custom_smilies_src ($img_src, $img, $siteurl){ return get_bloginfo('template_directory').'/images/smilies/'.$img; }
يۇقۇردىكى كودتىن بىز چىراي ئىپادىسى ئادرېسنىڭ ئۇسلۇب ھۆججىتى ئىچىدىكى images/smilies ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. قولى قىچىشقانلار بولسا ئىشنى باشلاڭلار ئەمىسە.