[ كارامەت يېڭىلىق ] مىكروسوفىتتىن يەنە بىر يېڭىلىق–3D ئۈستەل يۈزى، تور بېكەتلەرنىمۇ تۇتالايدىكەنسىز…

G d4

ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، بايا تور ئارىلاۋېتىپ تۆۋەندىكى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. يەنى، ھازىر دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفت شىركىتىدە پىراكتىغا قىلغان جىنھا لى(Jinha Lee) ناملىق بىرەيلەن 3D ئۈستەل يۈزى مۇھىتى SpaceTopنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر مۇھىتتا قوللانچىلار كومپىيۇتېر ئېكرانى ئىچىگە «كىرىپ»، رېئال دۇنياغا ئوخشاش تور بېكەت، ھۆججەت ۋە فىلىملەرنى «تۇتالايدىكەن»،«سىيلىيالايدىكەن»…

1 گىرادۇس 6

[WordPress قىستۇرمىسى] IE-Theme ۋە بۇ ئارقىلىق بىر بلوگدا ئىككى ئۇسلۇب ئىشلىتىش

image

تەتىل مەزگىلىدە ئەڭ چۇڭقۇر ھىس قىلغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى، دىيارىمىزدا شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم IE6 ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى بولدى. بىزدەك زىيارەتچىلەر ئۈچۈن تىرىشىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاددىيسى بلوگ ئۇسلۇبىنى بولسىمۇ IE6دە نورمال كۆرسۈتۈش ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىدى. ئەپسۇسكى، بىز خالايدىغان نۇرغۇن ئۇسلۇبلار ئاللىقاچان IE6نى چۆرۈۋەتكەن ۋە ياكى IE6دا نورمال كۆرسۈتۈشكە بىز ۋاقتىنچە قادىر بولالمايمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ كەمىنە بۇ ھەقتە ئىزدىنىش داۋامىدا مۇنداق بىر لايىھە ئويلاپ چىققان: يەنى IE6دا بىرخىل، باشقا جاھاننامىلەردە يەنە بىر خىل ئۇسلۇب ئىشلەتسەك بولغۇدەك. ئەپسۇسكى، بۇنى قانداق ھەل قىلىشنى بولسا ئويلاپ تاپالمىغانىدىم، مانا، بۇنىڭ چارىسىمۇ ئاخىرى چىقتى!…

1 گىرادۇس 0

Web فونتى(خەت نۇسخىسى) چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە بايان(تەرجىمە)

نۆۋەتتە،يازمىلار يەنىلا توربېكەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ،CSS3 تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ،Web فونتى(خەت نۇسخىسى) بارغانسىرى ئاۋات تىمىلارنىڭ بىرىغا ئايلاندى.كەلگۈسىدىكى Webنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدىغان بۇ تۈر ھەققىدە ھەرخىل تەتقىقاتلار باشلانغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى @font-face خاسلىقى ئارقىلىق،توربەتلەرگە مەلۇم بىر فونىتنى بەلگىلەشدىن ئېبارەت بولۇپ،نۆۋەتتىكى ئاساسلىق جاھاننامىلەر مەزكۇر تېخنىكىنى راۋۇرۇس قوللايدۇ،بۈگۈن،مەزكۇر يازمىمىزدا ئاساسلىق بولغان بىرقانچە Web فونتلىرىنى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1 گىرادۇس 0

ھەقسىز تور دىسكىسى DBank

كۆپچىلىك ئىلگىرى بەلكىم ھەرخىل تور دىسكىسىنى ئىشلىتىپ بىر قىسىم ھۆججەتلىرىنى توردا باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولىشى مۇمكىن، ۋە ياكى ھازىرغىچە مۇۋاپىق بولغان تور دىسكىسى تاپالماي يۈرگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان تور دىسكىسى، DBank دۆلىتىمىز مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەڭ ياخشى يېرى چەتئەلنىڭ تور بوشلۇقلىرىدەك دۆلىتىمىز تەرىپىدىن چەكلىنىش خىرىسغا ئۇچرىمايدۇ. ئارتۇقچە ماز پاينەك ئېلانلار يوق. ئۇيغۇربەگ ئىككىمىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تور بوشلۇقى.

1 گىرادۇس 0

تور بېكەتنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلالماسلىقىدىكى يەتتە سەۋەب<

image

ئەگەر سىز بىر ئەركىن كەسىپتىكى خادىم بولسىڭىز، تور بېكەت سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان تىجارەت قورالى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ سىزنىڭ سېتىش ۋاكالەتچىڭىزگە ئوخشاش خېرىدارلارنى جەلپ قىلالايدۇ. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز مۇناسىپ ھالدا مەزمۇن تەمىنلىيەلىسە، مۇناسىپ تورداشلارنى جەلپ قىلالايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى توغرا تاللاش، ھەم سىزنى ھەقىقىي خۇشال قىلالايدۇ. ئەمما ، بىز ئۇزۇن يىللىق كۆزىتىش ۋە ئەركىن كەسىپتىكى خادىملار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئەركىن كەسىپتىكى خادىملارنىڭ تور بېكەت لايىھەلىشىدىكى بىر قاتار خاتالىقلارنى يەكۈنلەپ چىقتۇق. ئۇلار قايسىلار؟ مەزكۇر يازمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز!…

1 گىرادۇس 2

بلوگ سېستىمىسى] emlog 3.5.2 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى

e40915688971c9e34ce0555403435b4720110328133112

emlog بولسا ”every memory log“ نىڭ قىسقارتىلما ئسىمى بۇلۇپ، php ۋە mysql مۇھىتىدا قۇرۇلغان ئىقتىدارلىق شەخسىي بلوگ سېستىمىسى(blog). مەزكۇر بلوگ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى، ئىقتىدار جەھەتتە مۇقىملىقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئاددىيلىقى ۋە راھەتلىكى بىلەن سىزگە سىزگە ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر سېستىما بىلىملەر تورىدىكىلەر تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىلدى. قىزىقسىڭىز مەزكۇر يازمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز.

1 گىرادۇس 0

ئېسىل بولغان 25 دانە iPad پروگراممىسى تەمىنلەش بېكىتىنىڭ لايىھەلىرى

ئالما(Apple) شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى كىشىنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدۇ دېسە. ئەينى زاماندا، دوستۇمنىڭ قولىدا ئالما ماركىلىق كېسەك تېلىفون(Iphoneنى دېمەكچى، مەندە بولمىغاندىكىن خەقنىڭكىنى كەمسىتىپ شۇنداق دېمەمدىم،مۇغەمبەر كۆلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)نى كۆرۈپ، ئۆزۈمگە ‹‹خەپ، ياخشى ئوقۇپ جېق پۇل تېپىپ ئاۋۋال خوتۇن، ئاندىن ئايفون ئالمىسام!››دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم(ئاقسا كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)، يېقىندا، iPad ماركىلىق بۇ كاساپەتنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى چىققان ئوخشايدۇ، ماۋۇ بىز تۇرغان يەرلىك تېلىۋىزىيەدە شۇنداق ھايانكەشلەرگە زەربە بېرىۋاتقاننىڭ پارىڭى بار، بوپتۇلا، زەربە بەرسە بەرمەمدۇ. بىز بىرلىكتە ‹‹ئېسىل بولغان 25 دانە iPad پروگراممىسى تەمىنلەش بېكىتىنىڭ لايىھەلىرى››لىرىنى كۆرۈپ باقمامدۇق؟

1 گىرادۇس 0

ۋېرتىكال ۋە گورىزونتال باشلىغۇچى تىزىملىك ياساش

wordpress ئۇسلۇبىنى تەرجىمە قىلىش دەرىسى چىقىشتىن بۇرۇن، بىز ئانچە-مۇنچە كودلار بىلەن تونۇشۇپ بەدەن قىزىتىپ تۇرايلى، بۇ بىزنىڭ جىددى ھەرىكەتلەردە زەخىملىنىپ قېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھى ھى.. ئەمىسە ئەسلى گەپكە كەلسەك، ئاۋال كودلارنى بىرقۇر كۆرۈپ چىقايسىلەر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

1 گىرادۇس 1