WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاش
-
سەھىپە:WP دەرسلىگى
باھا:0 دانە
09-02-2012
تۇرايىمىزغا چۈشكەن ياردەم ئىنكاسلىرى شۇنداقلا بىزنى بىۋاستە ئىزدەپ كەلگەن مۇھتاجلارنىڭ ئۈمىدلىرىدىن نۇرغۇنلىغان بلوگگېر دوستلارنىڭ، جۈملىدىن يېڭىدىن بلوگ ھاياتىغا قەدەم قويغان بلوگگېرلارنىڭ بلوگلىرىنى نورمال ئۇيغۇرچە تونۇتۇشىدا قېيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، مەزكۇر يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم. بۇ يازما ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدا CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاشنى ئۆگۈتىمىز، ئىككىنچى قىسمىدا بولسا تەييارلانغان EOTنى بوشلۇققا قويۇش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كودنى قويۇش ئارقىلىق بلوگنى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسۈتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئەمىسە دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن!…
بۇ قېتىم ۋاقىت مەسىلىسى تۈپەيلى، EOT ھەققىدە پاراڭ سوقۇپ ئولتۇرمايمىز، شۇنداقلا CreateMyEot قورالىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ھەم چۈشەندۈرمەيمىز، بىۋاستە تېخنىكىلىق مەزمۇنغا چۈشۈپ كېتىمىز. ئەمىسە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بۇيىچە مەشخۇلات قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈڭ.
1. بۇ يەرنى چىكىپ، CreateMyEot قورالىنى، يەنى EOT ئۆزگەرتىش قورالىنى چۈشۈرۈڭ.
2.بۇ يەرنى چىكىپ، تۇرايىمىز تەمىنلىگەن بىر قانچە خەت نۇسخىسىنىڭ EOT ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ.
3.ئەمدى CreateMyEot قورالىنى قوزغۇتۇڭ. كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك:
4. ئەمدى 浏览 دېگەننى بېسىپ، سىزگە لازىملىق بولغان خەت نۇسخىسىنىڭ EOT ھۆججىتىنى ھۆججىتىنى تاللاڭ.
5.ئەمدى 验证网址 دېگەن جايغا سىزنىڭ بلوگ ئادرىسىڭىزنى توغرا توشقۇزۇپ 添加نى بېسىپ ئادرىس قۇشۇڭ.
6.بۇ مەشخۇلات تامام بولغاندىن كېيىن، 另存为نى بېسىپ، تەييارلانغان EOT ھۆججىتىنى ساقلىۋېلىڭ.
كېيىنكى يازمىمىزدا، ئەمدى مۇشۇ تەييارلانغان EOT ھۆججىتىنى قانداق تونۇتۇشنى سۆزلەپ ئۆتۈمىز.