روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، بلوگ ئەھلى، سىلەرنى پەتىلەشكە چاقىرىمەن…

1345267354

ئەي خالايىق،كەڭ ئاۋام-خاس! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى،بۈگۈن ئولۇغ روزا ھېيت،بۇ كۈن شۇنداق بىر كۈنكى،ھىچقايسىڭلارنىڭ كۈلمەي يۈرۈشۈڭلارغا رۇخسەت يوق!ئايالى بارلار ئايالى بىلەن؛بالىلىرى بارلىرى بالىلىرى بىلەن؛شۇنداقلا ئاتا-ئانا،ئورۇق-تۇققانلىرى بىلەن؛دوست-بۇرادەر،تونۇشلىرى بىلەن؛خىزمەتداش-ساۋاقداشلىرى بىلەن جەم بولۇشسۇن!ئوخشىتىلغان قوي شورپىسى،ساڭزا،توقاچ قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەردىن بەھۇزۇر ھالدا خالىغانچە يېيىشسۇن!تاپالمىغانلىرى ھازىرلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كېلىشسۇن،ئېمپىرىيە خەزىنەسىدىن ھەربىرەيلەنمە بىرپاتمان خۇشاللىق ۋە مىڭ پاتمان بەخت تەييارلاپ قويۇلدى،كېلىپ بەھۇزۇر ئېلىپ كېتىشسۇن!بىرنەچچە كۈن خاپىلىق ياكى تەشۋىش تارتىشقا سەللىمازا رۇخسەت يوق،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېمپىرىيە تۈرمىسىدە كۈلدۈرۈش،قىززىق سۆز ئېيتىپ بىرىش جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە،ئاھ ئۇرماسلىق،ئۈمىدۋار-جاسارەتلىك ياشاش قاتارلىق سېلىق سېلىنىپ،مۇددەتسىز بەختلىك بولۇش تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ!ئاخىرىدا،شۇنى سۈر بىلەن جاكارلايمىزكى:ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!….يارلىق تامام،ھېيت پەتىسى باشلانسۇن!



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 42


42 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • سەھرالىق | 14:48 | 2012.08.18 جاۋاب

    ھېيىتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن بېگىم… ھېلىقىدەك خەتلىك كىنولار يوقما؟ مېنىڭ يەنە بىر دادا بولۇۋالغۇم بار ئىدى پېرستان ئىككىڭلارغا :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 12:43 | 2012.08.19 جاۋاب

      بىرگە بولسۇن يولداش سەھرالىق، بۇ قېتىم ئىلھام يوق، ھېچقانداق فىلىم ئىشلىيەلمەي ئولتۇرىمەنغۇ…

  • مۇئەللىم | 15:05 | 2012.08.18 جاۋاب

    ھېتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، بەگ . گەرچە ياقا-يۇرتتا بولسىلىرىمۇ ، ئاشۇ يازمىلىرىدا يېزىلغان بويىچە ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇندۇرۇپ كىتشلىرىنى تامامەن ئۇمىد قىلىمەن …… :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 12:44 | 2012.08.19 جاۋاب

      بىرگە بولسۇن قېرىندىشىم، يېڭى كۈنىمىزدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

  • نۇرنىجات | 15:44 | 2012.08.18 جاۋاب

    ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    • ئۇيغۇربەگ | 12:44 | 2012.08.19 جاۋاب

      سىزگىمۇ بولسۇن، يولداش نۇر نىجات

  • سەھرايىم | 18:29 | 2012.08.18 جاۋاب

    پېرىستان ئىككىڭلارنىڭ ھېيتىڭىغا مۇبارەك بولسۇن ،

    • ئۇيغۇربەگ | 12:44 | 2012.08.19 جاۋاب

      بىرگە بولسۇن بۇ قۇتلۇق روزا ھېيتىمىز…

  • مەن تېخى ئۇيغۇر بەگمۇ بىرەر پائالىيەت قىلغان چېغى دەپ يۈگۈرەپ كىرىپتىمەن :|

    • ئۇيغۇربەگ | 12:45 | 2012.08.19 جاۋاب

      پائالىيەت قىلسامغۇ بولاتتى، ساتاي دېسەم ساتقۇدەك بىر نەرسە تاپالماي قالدىم، خىجىل بولۇپ شۇ!

  • تەشنايى | 04:46 | 2012.08.19 جاۋاب

    مەنمۇ پەتىلەپ كەلدىم مانا، بۈگۈن راسلا خۇشال بولىۋاتىمەن. يىراقلاردا بولساقمۇ قىرىنداشلار بىلەن ھەرگىزمۇ غىرىبسىنىپ قالمىدۇق!! :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 12:46 | 2012.08.19 جاۋاب

      مەن كۆڭلۈمنى ياساپ خۇش بولىۋاتىمەن، بولمىسا تولۇق ئوتتۇرىدا پەيزى ئۆتەتتى ھېيىت…

  • سېھرىگەر | 06:39 | 2012.08.19 جاۋاب

    بەگلىكنىڭ ھېيتلىق چىقارغان قانۇنىكەندە بۇ ؟؟؟ بەك ياخشى بوپتۇ ، بەگنىڭمۇ ھېيتىغا مۇبارەك بولغان ھيتلىقنى قاچان تارقىتىلا بېگىم ؟؟؟

    • ئۇيغۇربەگ | 12:46 | 2012.08.19 جاۋاب

      ھېيتلىقنى تەييارلاپ قويدۇم، بىلمەيمەن، يارىتامسىلەر يوق. پات يېقىندا تارقىتىمەن ھېيتلىقىمنى…

  • يولۋاسباي | 07:13 | 2012.08.19 جاۋاب

    مانا پىقىر يولۋاسبايمۇ ھىتلاپ كەلدىم ،ئۇلۇغ روزا ھىيىتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن بىگىم ئەلمىساقتىن چوڭلار كىچىكلەرگە ھىيىتلىق بىرىدىغان بىزنىڭ بىلوگلار سىلنىڭ بىلوگلىرى ئالدىدا تىخى كىچىك بولغاندىن كىيىن ھىيتلىق باردۇ ھە :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 12:47 | 2012.08.19 جاۋاب

      ھېيتلىق كونا-يېڭى، چوڭ-كىچىك بلوگلارغا بار، خاتىرجەم بولسىلا…ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ…

  • ياۋايى | 09:22 | 2012.08.19 جاۋاب

    مانا بىزمۇ ھىيتلاپ كەلدۇق . سىزنىڭمۇ ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن ، قەنە چاي تەگمىدىمۇ بىزگە ھەا :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 12:47 | 2012.08.19 جاۋاب

      سىلىدىن چاي ئايلانسۇن ئەزىز قېرىندىشىم، قېنى، يۇقىرىغا مەرھەمەت…

  • شەربەت | 13:27 | 2012.08.19 جاۋاب

    كېيىن قالساممۇ ھېيتقا پەتىلەپ كەلدىن بىگىم، ھېيتىڭىزغا قۇتلۇق بولسۇن، كۈنلىرىڭىز خۇشاللىقتا ئۆتسۇن، ئىشلىرىڭىز ئالغا باسسۇن :smile:

  • ۋەھىمە | 14:25 | 2012.08.19 جاۋاب

    جانا بى بەگ ئالىلىرنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن بۇ ئۇلۇغ كۇنلەر دە مەنمۇ كونا سەكپىمنى بىر نەچچە كۈن توختىتىپ ، ھىيىت كۈلىرىدە ئادەم قورقىدىتىغان ئىشلارنى قىلمايمەن ، ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۈغ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 06:18 | 2012.08.21 جاۋاب

      ھاھاھا، ئەمىسە سىزگە كاتتا ئىنئام ئاتا قىلسام بولغۇدەك!

  • ئىزتىل | 17:14 | 2012.08.19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، كەچ قالدىم ، كەچ قالدىم ، روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن بەگ ھەزىرەت ، ئۇلۇغ ھېيىتنىڭ خاسىيتىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقاي . ئەزىز تىنىڭىز سالامەت بولغاي . ئەسلى ئەتىگەندىلا كېلەي دېگەن ئىدىم ، يارلىقىتىكى قائىدە -تۈزۈم ھەم ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئەخلاق مىزانىمىز ، مەدەنىيىتىمىز بويىچە قېرىنداشلىرىم ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم ، ئايالىم بىلەن بىرگە بۈزۈكلىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ بولغاندىن كېيىن باشقا ياشقا ۋە ھۆرىمەتكە چوڭلارنىڭ ئۆيلىرنى پەتىلەپ قايتىپ ولغۇچە ، يول شۇنچىلىق قىستاڭچىلىققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ ، ماشىنامنىڭ ماي كىلاپاننى شۇنچە چىڭ دەسسىگۈم بار بولسىمۇ بىراق ھېيىت باھانىسدە يولدا قاتناش ئالاھىدە كۆپ بولغالىقىتىن قىستاڭچىلىق بەكلا كۆپ بۇلۇپ كېتىپ ، كېچىكىپ قالدىم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز . :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 06:20 | 2012.08.21 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، پەتىنىڭ بالدۇر كېيىنلىكى بولمايدۇ، شاد-خۇرام ئۆتسەكلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. خۇش كەپسىز ئەزىز مېھمان، تۆرگە مەرھەمەت~!

  • تورسودا | 17:27 | 2012.08.19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادار ، ھىيىت پەتىسى ، مىھمان كەلدى ، ئۇلۇغ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىز سالامەت تۇرمۇشىڭىزشاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكەي….. :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 06:21 | 2012.08.21 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەزىز مېھمان، خۇش كەپسىز، تۆرگە مەرھەمەت. مىھرىبان ئاللاھنىڭ سائادىتى، مەرھىمىتى، بەرىكىتى، شەپقىتى، شاپائىتى بىلەن گەلگەن ئايىمىڭىزگە مۇبەرەك بولسۇن!ئائىلىڭىز شاتلىققا تولسۇن!بارلىق ئالىي، ئېسىل تىلەكلەر مەڭگۈ سىزگە يار بولسۇن!

  • لوپنۇرى | 18:06 | 2012.08.19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشىم! ئۇلۇغ روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال-خورام ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن. كەمىنە لوپنۇرىنىڭ ئايەملىك سالىمنى قۇبۇل قىلغايسىز! لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. قالغان سالامنى تۆۋەندىكى ئايەملىك يازمىدىن كۆرگەيسىز!
    http://www.lopnuri.com/?p=2324

    • ئۇيغۇربەگ | 06:21 | 2012.08.21 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سالىمىڭىز قوبۇل قىلىندى. مەككە، مەدىنىدىكى ئەزان ئاۋازىدىن، تەكلىماكاندىكى كروران سىماسىدىن، يورۇڭقاشتىكى سۈزۈك قاشتېشى جۇلاسىدىن، ئۇيغۇرۇمنىڭ ساپ، پاك قەلبىدىن سىزگە ئۇلۇغ ئايەملىك سالامىمنى يوللايمەن،ئاللاھ تېنىڭىزنى ساق، ئىمانىڭىزنى پاك، دىلىڭىزنى ئاق، ئۆمۈرىڭىزنى ئۇزاق قىلسۇن!روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

  • رادىئو ھەۋەسكارى | 14:47 | 2012.08.20 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، ياراتقان ئاللاھ ئىگەن مۇراد – مەقسىتىڭلارگە يەتكۇزسۇن …
    ياۋرۇپا ئاسمىنىدەك پەچەت ناخشىلارنىڭ يەنە داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ تۇرۇڭلار ، بۇ ناخشىنىڭ تەرجىمىسى بەك ياخشى ، مەزمۇنلۇق چىقىپتىكەن …
    allh be with you (us) , allah bless you .

    • ئۇيغۇربەگ | 06:22 | 2012.08.21 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇش كەپسىز قەدىرلىك مېھمان. ئۆتەڭدۇر بۇ ھايات،ھەممىمىز كارۋان،
      كېتىدۇ كىم ئاۋال بىلمەس ھېچقاچان.
      ئۆتەيلى ئىزدىشىپ دىدار غەنىمەت،
      كۆيۈنۈپ ئۆز-ئارا بولۇشۇپ مىھمان.
      روزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، بەخت ھەم ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن!

  • ئۇدۇنبەگ | 15:49 | 2012.08.20 جاۋاب

    پەتىلەپ كەلدىم، كەچ بولسىمۇ ھە. :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 06:25 | 2012.08.21 جاۋاب

      شادىيانە ئايەم ھۇجۇدىڭىزغا خۇشلۇق،ئائىلىڭىزگە بەخت ئاتا قىلسۇن!گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز چېچەك ئاچسۇن!شەپقەتلىك ئاللاھ سىزگە خاتىرجەملىك ۋە نۇرلۇق ئىستىقبال ئاتا قىلسۇن!ئايەم مۇبارەك!

  • ئاتەش | 17:00 | 2012.08.20 جاۋاب

    كىچىكىپ كەلگەن مەنلا ئوخشايمەن،ئۆزرىلىكمەن.
    كىچىكىپ بولسىمۇ ھەربىرلىرىگە ئايەملىك سالاملار بولسۇن. «ئايەم مۇبارەك!»

    • ئۇيغۇربەگ | 06:25 | 2012.08.21 جاۋاب

      ئۇلۇغ ئايەمدە يوللۇدۇم سالام،
      تىلىكىم مېنىڭ تېنىڭىز ساغلام.
      يولىڭىز راۋان، ئىشىڭىز ئاسان،
      دۆلىتىڭىز گويا تاغدەك داۋان،
      شۆھرىتىڭىز بولسۇن قەررى ئاسمان،
      ھەر بىر كۈنىڭىز گۈلدەك شادىمان بولسۇن!

  • تۇران تېكىن | 18:05 | 2012.08.20 جاۋاب

    ئۆيدىكى ئايەم شادلىقىدىن توردىكى ئايەم شادلىقى بەق قىزىپ كىتىپتىغۇ!
    بەگ ئىنىمگە ۋە بارلىق بلوگداشلارغا كىچىكىپ بولسىمۇ ھېيتلىق سالام!

    • ئۇيغۇربەگ | 06:25 | 2012.08.21 جاۋاب

      سالام يوللاپ يىراق تاغلاردىن،
      خۇشلۇق ئىزدەپ گۈزەل باغلاردىن.
      ھېيت شاتلىقى يەتسۇن يۈرەككە،
      تىلەك تىلەپ ئۇلۇغ ئاللاھدىن.
      خۇشال ئۆتسۇن ئايەم كۈنىڭىز!

  • ئەلگە نەپ | 04:59 | 2012.08.21 جاۋاب

    بەگ جاناپلىرى ئاتۇن تېنىڭىز سالامەتمۇ _______مەن ئەلگە نەپتىن ھەممىڭىزلارغا ئوتلۇق سالام ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن_
    ھەممە دوسلىرىمىزغا بەخىت ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن!!!!!!!

    • ئۇيغۇربەگ | 06:25 | 2012.08.21 جاۋاب

      مىھرىبان ئاللاھنىڭ شەپقىتى بىلەن،
      ئۆتكۈزدۇق كۈنلەرنى بەختىيار ئامان.
      خۇشاللىق ۋە ئامەت تىلەپ يوللىدىم،
      سىزگە چىن يۈرەكتىن ئايەملىك سالام.

    • ئۇيغۇربەگ | 06:25 | 2012.08.21 جاۋاب

      بارچە ئەلگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلسۇن روزى ھېيت،
      كۆڭۈلسىزلىك، ئارازنى ئېلىپ كەتسۇن روزى ھېيت.
      مىھىر-شەپقەت كۈيىنى چېلىپ كەلسۇن روزى ھېيت،
      غېرىپ –مىسكىن كۆڭۈلنى ئېلىپ كەتسۇن روزى ھېيت.
      روزى ھيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،ئاللاھ بەخت-سائادەت، تەن ساقلىق، ھەممە ئىشلارغا ئاسانلىق ئاتا قىلسۇن!

  • چەۋەندازلار | 05:47 | 2012.08.21 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، روزى ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! چەۋەندازلار ئۇيغۇربەگ ئىتتىپاقىغا خۇشاللىق تىلەيدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 06:25 | 2012.08.21 جاۋاب

      ھېيت كەلدى بىلگەنسىز،
      چىن يۈرەكتىن كۈلگەنسىز.
      تۇتتۇم سىزگە ھېيتلىق چاي،
      كېلىپ ئىچىپ كەتمەمسىز؟
      ئايىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!ئائىلىڭىز شاتلىققا تولسۇن!ئاللاھ دىلدا بار بولسۇن!

  • نۇرنىجات | 13:47 | 2012.08.21 جاۋاب

    پرېستاننى سېغىنىپ كەتتىما؟بۇ ئۇلۇغ ھېيت-ئايەملەردە!!!

    • ئۇيغۇربەگ | 09:11 | 2012.08.25 جاۋاب

      پرېستانمۇ سىزنى سېغىندى!

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif