بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىڭىز مۇقىممۇ؟
-
سەھىپە:IT يېڭىلىقلىرى
باھا:11 دانە
11-05-2012
Godaddy بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق چوڭ تور نامچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شەخسەن كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تور ناملىرىنى مۇشۇ شىركەتتە ساقلاۋاتىمەن ھەمدە بىر قىسىم بلوگگېر خېرىدارلىرىمنىڭ تور نامىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تىزىملىتىپ بىرىۋاتقان ئىدىم، ھالبۇكى ئاخشامدىن باشلاپ بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىم، شۇنداقلا بىر قىسىم خېرىدارلىرىم بەس-بەستە ئۇچۇر يوللىشىپ بلوگلىرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىشتى، توردىكى خەۋەرلەرگە كۆرە بىر قىسىم يەرلىك «شەرەپلىك» تېلىگراف ئىدارىسى Godaddyنىڭ تور نامىنى يىشىشكە ئاتىغان DNS مۇلازىمىتىرىنى چەكلەپ قويغانمىش، شۇنىڭ بىلەن قىسمەن جايلاردا بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىنى زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققان.
1 گىرادۇس 11