ئۇيغۇربەگگە ئوغرى تەگدى، ھۇشيار بولۇڭلار ئەي بلوگداشلار…
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:14 دانە
10-04-2013
ئۆزۈمنى ۋىروس-پىتلاردىن ناھايىتى يىراق، ئوغرىلىنىشدىن ئۇزاق دەپ قارايتىم، ئۆزەمگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن، قويۇلىشتىن ئامان قالىمەن دەي ئويلايتىم، ئەمما بۇ بىر ئايدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تارتقان زىيىنىمنى ئاز دەپ نەچچە قېتىم قويۇلدىم. بۇلارغۇ مەيلىتىغۇ؟ ئەمما… يېقىندا ماڭا يەنە كۆز تەگدى. نەچچە ھەپتە بۇرۇن QQرىمنى ئوغرى ئېلىپ، چوڭ ئاۋارىچىلىق سالغان بولسا، ئەمدى يېقىندا بۇ ئوغرىلار ماڭا يەنە باشقىچە ھۇجۇم قىلىشتى….
تۇنجى بولۇپ ياخو ئېلخېتىمگە پايپال ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى ئۇقتۇرۇشى كەلدى، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي يۈرسەم داداش(Godaddy) ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، غەيرىيلىك ھىس قىلىپ، شۇ ھامان داداشنى ئاچسام دەرۋەقە پارول ئۆزگەرتىلىپ كېتىپتۇ، شۇ ھامان پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدىم. ھە ئەمدى بولدى دەپ ئويلاپ تۇرۇپ، ياخو ئېلخەتكە كىرىشىمگە پارول خاتا دېمەمدۇ، ئاچچىغىم مىڭ گەز ئۆرلەپ شۇ ھامان پارولنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ باقسام نۇمۇسسىز ئوغرى ئاللىقاچان پارول ئۆزگەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بوپتۇ…
ئاچچىغىم شۇنداق كېلىپ ئولتۇرسام، مەندىن بوشلۇق ئېلىپ بلوگ قۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىم ماڭا بەس-بەستە ئۇچۇر يوللىشىپ بلوگلىرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىشتى، شۇ ھامان بوشلۇق مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلسام بۇ بوشلۇقلارغا ۋىروس يۇققانلىقىنى، شۇڭلاشقا بوشلۇقنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىشتى، بۇرناكۈن، تۆنۈگۈن ۋە بۈگۈن قاتتىق جىدەللىشىپ بىر قىسىم بلوگلارنى باشقا بوشلۇقلارغا كۆچۈرۈپ تەييار قىلىپ بولدۇم(بۇ ئىشنىڭ ئوغرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ بىلمەيمەن)، ھېلىھەم بلوگى ئېچىلمىغان بلوگداشلار مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭلار…
بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى بلوگنى كۆچۈرۈپ بولۇپ، ئارام ئالاي دەپ ئولتۇرسام، بىر بلوگداش بوشلۇق ۋە تور نامى ئالىدىغانلىقىنى ‘ئېيتقانىدى، ھە دەپ Godaddyدىن تور نامنى ئېلىپ بولۇپ، بوشلۇققا باغلىۋېتەي دېسەم پارولىڭىز خاتا دەيدۇ، ۋوي دەپ قايتا كىرگۈزسەم يەنە خاتا، باشقىچە كىرگۈزسەم يەنە خاتا، شۇ ھامان پارولنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاچسام ئاللىقاچان پارول قايتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئېلخەتنى ئالماشتۇرۇپ بوپتۇ. Godaddyدىكى ھېساۋاتىمدا ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تور ناملىرىدىن باشقا، بىر قىسىم بلوگداشلارنىڭ تور ناملىرىمۇ بار ئىدى، شۇ تاپ Godaddyنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن ئېلخەت قىلىشىۋاتىمەن…
شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە uyghurbeg@yahoo.com نامىدى ئېلخەت، uyghurbeg@yahoo.com نامىدا تىزىملاتقان پايپال ھېساۋاتىم ۋە Godaddy ھىساۋاتىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، يەنە باشقا قانداق ھېساۋاتلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ئېنىق ئەمەس، ناۋادا يۇقارقى ئېلخەت ئارقىلىق بىرەر خەت-چەك ياكى ئىش-ھەرىكەت يۈز بەرسە ئەمدى بۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا قاراشلىق ئۇيغۇربەگ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەدەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى پۈتتۈرۈش ۋە خىزمەت تېپىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەندە بۇ ئىشلار ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بىرىپ مېنى بەك چارچىتىۋەتتى، مېنى يەنە نېمە پىشكەللىك كۈتۈپ تۇرىدىكىن، ياراتقۇچى ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئامانەت….