[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] بەنگۈ ئىجراسىدا – ھۆرمىتىمدىن
-
سەھىپە:تەرجىمە ناخشا
باھا:15 دانە
20-09-2014
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئادانا سەپىرىم تۈگىگەندىن كېيىن، سىلەرگە بىر خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، شۇنچە قېتىملىق ئىمتىھانلاردىن كېيىن كەمىنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ۋە تەتقىقاتى كەسپىگە ماگېستىرلىق ئاسپىرانتى بولۇپ قوبۇل قىلىندىم(چاۋاك چېلىۋەتمەمسىلە؟). تۈركىيەدىكى ئۆز خىراجىتىم بىلەن ماگېستىرلىققا قوبۇل قىلىنىش جەريانىم تولىمۇ مۇشەققەتلىك ۋە مەنىلىك بىر چېنىقىش بولۇپ قالدى، ئىنشائاللاھ، مۇشۇ ھەققىدە كېيىنرەك بىر ماقالە يازغۇسىمەن. خوش، ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى بلوگىمغا خەتلىك ناخشا يوللىماي كەلگەن ئىدىم، ھەقاچان خەتلىك ناخشىلارغا ئىشتىھايىڭلار بار ھەقاچان. بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا خېلى بۇرۇن پۈتتۈرۈپ قويغان خەتلىك ناخشا «ھۆرمىتىم»نى سۇنماقچى بولىۋاتىمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ ناخشا سىلەرگە چوقۇم تېتىپ قالغۇسى. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…
ناخشا
فىلىم ئۆچۈرۈلدى
تەرجىمىسى
ئەگمەيتىم بېشىمنى ھېچكىمگە ئەمما ساڭا يەر بىلەن تەڭ بولدۇم
Eğdirmem başımı kimselere ama sana yerle bir oldum
كېتەتتىم، ئۇزاقلىشاتتىم ھەر قېتىم، تۇنجى رەت ئارقىمغا قايرىلىپ تۇردۇم
Giderim uzaklaşırım her zaman, ilk kez dönüp durdum
يىغلىدىم، ئىچىمگە يۇتتۇم ھەممە نەرسىنى بىرىكتۈردۈم
Ağladım içime attım herşeyi biriktirdim.
ئىچ-ئىچىمدىن قاينىدىم، تاشتىم ۋە ئاخىرى توختىدىم
Gecikmeli coştum taştım bu yüzden de duruldum
قورققانلىقتىن ئىدى، بىر قېتىم بولسىمۇ سېنى ئىزدىيەلمىسەم
Korkumdan bir kere bile seni aramadıysam
مەنزىلسىزمەن سەنسىز، سەۋەبى بىر يەرگە قۇنالمىسام
Yönsüzüm sensiz, sebebi bir yere konamadıysam
ئۇنتالمىدىم، سەۋەبى ھېچبىر سۆيگۈگە سىغالمىسام
Unutmadım nedeni hiç bir aşka sığamadıysam
ھۆرمىتىمدىن ئىدى، سېنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنتۇشقا قىيالمىسام
Saygımdan biraz da seni unutmaya kıyamadıysam
ئاھ نەۋقىران يىگىتنىڭ ئىدى، بىر چاغلاردا ئىچىمدىكى يانغىنلار
Ah delikanlıydı bir zamanlar içimde yangınların
ئاخىرى بېشىمنى ئېلىپلا كەتكەنلىكىمدىن زىيان بولدى سۆيگۈلىرىم
Hep başımı alıp gittiğimden ziyan sevdalarım
سۆزلىمەيمەن مەن ھەسرەتلىرىمنى، ھەمىشە قەلبىمگە، قەلبىمگە چۈشەندۈرىمەن
Söylemem ben acılarımı hep içime içime anlatırım
ئەڭ ئېغىرى ئۆلمەيدىكەنغۇ ئىنسان، بۇنىمۇ چۈشەندۈرىمەن
En acısı ölmüyor da insan ben bunu da atlatırım
چۈشۈرۈش ئادرېسى
http://yunpan.cn/cgAHmzxGFuZvc
مەخپىي نومۇر سوراپ قالسا: 6e97
2014.9.29
چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى
Skydriveدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى: بۇ يەرنى بېسىڭ
1,924 گىرادۇس 15