ھەزرىتىم،WordPress بلوگىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرامسىز؟
-
سەھىپە:WP تېخنىكىسى
باھا:19 دانە
09-02-2012
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك،سانداننى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرۇش-ھەربىر توربەتچى(ھەمدە بلوگگېر)لارنىڭ دائىملىق ئادىتى.بېراق،ئەمەلىيەتتە بىز ھورۇنلۇقىمىز ياكى باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلى بۇ مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇلۇپ قالىمىز.
سانداننىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىرەر قېتىم ساندان ئارخىبلىرىنى يوقۇتۇپ باققانلار بەكرەك بىلسە كېرەك،مەسىلەن:مۇلازىمىتېر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇزۇلدى ياكى بېكەت خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ياكى ئاۋۇ بوشلۇق ساتقان تەرەپ ۋەيران بولدى دىگەندەك،مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە سىزدە زاپاس ساندان ھۆججىتى بولمىسا بلوگىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيلا قالماستىن،بەلكى،نۇرغۇن مۇھىم سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى يوقىتىشىڭىز مۇمكىن،بۇ چاغدا سىز كۈلەي دىسىڭىز كۈلەلمەي،يېغلاي دىسىڭىز يېغلىيالماي ھەسرەت چىكىپ ئولتۇرۇشدىن باشقىنى قىلالمايسىز,ئاندىن بېرىپ،تامغا بەشنى،ئىشىككە ئوننى،يەرگە يىگىرمىنى ئۈسۈۋېتىپ،ئۇھ دەپ ئارام ئالىسىز
ئەلۋەتتە(تورداشلار دىققەت:ئۇيغۇربەگ يازمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەردە قەستەن ھەيۋە قىلىش گۇمپىسى ئىشلەتتى،ئاگاھ بولۇڭلار)…
بلوگنى قانداق زاپاسلايمىز؟
ئادەتتە،مەن بىرھەپتىدە بىر قېتىم زاپاسلاش مەشخۇلاتى ئېلىپ بارىمەن(كەمىنە ناھايىتى ھورۇن بولغاچقا…خالىسىڭىز،سىز كۈندە بىرقېتىمدىن زاپاسلاپ تۇرۇڭ),بەزىدە تېخى،مۇشۇ ساندان زاپاسلاشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ ئىشىڭنى قىلە دەپ كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىپ يېتىۋالىمەن.شۇنداق دەپ تۇرۇقلۇق،بلوگ تۇيۇقسىز توختاپ قالسا قانداق قىلارمەن دىگەن قورقۇنچ ئىچىدە كۆزۈمنى ئاستا ئېچىپ،ئەتراپىمغا شاققىدە بىر قارىۋېتىمەندە،تۆۋەندە كۆرسىتىپ ئۆتۈلىدىغان باسقۇچلار بۇيىچە زاپاسلاش مەشخۇلاتىنى داۋام ئېتىمەن.تۆۋەندىكىسى،كەمىنە، WordPressنى تىز سۈرئەتتە زاپاسلاش مەشخۇلاتى جەريانىدا ئىشلەتكەن بىرتۈرلۈك تور گۇمپىسى:
1.FTP قورالى ئارقىلىق بوشلۇقتىكى ‹‹بلوگ››غا ئائىت ھەممە ھۆججەتلەرنى كومپىيۇتېرىمىزغا چۈشۈرىۋالىمىز.
2.phpMyAdmin مەركىزىگە كىرىپ،ئۆزىمىزنىڭ WordPress ساندانىنى تاللايمىز.
3.WordPress تىزىملىكىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن،Export (چىقىرىش) تاللىشىنى تاللايمىز.
4.Structure بۆلىكىدىن Add Drop Tables،Add AUTO_INCREMENT ۋە Enclose table and field names with backquotes لەرنى تاللايمىز.
5.Data بۆلىكىدە بارلىق تاللاشنى قۇرۇق تاشلاپ قۇيىمىز.
6.ئاخىرىدا Save as file تاللىشىنى تاللاپ سانداننى چۈشۈرۈشنى باشلىساق بولىدۇ(ناۋادا،ساندان بەك چوڭ بولۇپ كەتسە،پرىسلاپ چۈشەرسىڭىزمۇ بولىدۇ).
WordPress Database Backup قىستۇرمىسى ئارقىلىق سانداننى ئاپتوماتىك زاپاسلاش
ناۋادا،سىزنىڭ phpMyAdmin باشقۇرۇش ھوقۇقىڭىز بولمىسا،گۆشۈيۈپ ئولتۇرماي،ماۋۇ يەردە بىز ھەدەپ ‹‹گاڭگاۋ››(ئېلان) بىرىۋاتقان WordPress Database Backup قىستۇرمىسىنى سىناپ كۆرۈڭ.‹‹جۇڭگو ھەپتىلىكى››ژۇرنىلىنىڭ مەلۇمات بىرىشىچە،بۇ قىستۇرمىنى ئاپتور مەخسۇس ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ئارقىلىق ئۇيغۇر تورداشلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىشى ئۈچۈن ياساپ چىققانىكەن(قېنى چىراي ئىپادىلىرى؟ بۇ يەردىكىسى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى).شۇنداق بولغانىكەن،نېمىشقا بېشىدا دەپ يۈرگەن ئۇسۇل بۇيىچە تەمتىرەپ يۈرۈيمىز؟شاققىدە قىلىپ ماۋۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ باقايلى دەيمە،بولمىسا…ئەمىسە،قىستۇرمىنى ئىشلىتىشكە قاراپ ماڭدۇق ھە،دىققەت بىلەن ئاڭلايلى ئەمىسە!
1-قەدەم:ھەقاچان ھەممىڭلار پەرەز قىلىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمە؟قىستۇرمىنى تېپىپ چۈشۈرۈپ بوشلۇققا يوللايمىز،ئاندىنچۇ؟توۋا ما بالىنى،قىستۇرمىنى قوزغاتمامسىز؟ۋاي ئاللا،
Note: There is a file embedded within this post, please visit this post to download the file.
2.WordPress ئارقا سۇپىسىنىڭ ‹‹قوراللار›› تۈرىدە Backup دىگەن تاللاش قوشۇلىدۇ،شۇ يەرنى بېسىڭ.
3.Table رايونىدا سىز سېستىما بەلگىلەپ بەرگەن زاپاسلاش تىزىملىكىنى بايقايسىز،يېنىدا،يەنە سىزگە ئىختىيارىي قىلىپ تاشلاپ بەرگەن باشقا تىزىملىكمۇ بار.
4.زاپاسلاش مەشخۇلاتىدا،بىزگە ئۈچ خىل زاپاسلاش تاللىشى بىرىلگەن بولۇپ،مەن بۇيەردە زاپاسلاش ئېلخەتكە ئەۋەتىپ بىرىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
5.ئاندىن،ئوڭ تەرەپتىكى زاپاسلاش دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ زاپاسلاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ،مەشخۇلات ئاياغلاشقاندىن كىيىن،زاپاسلانغان ھۆججەت سىزنىڭ ساقلىۋېلىشىڭىزغا ئەسكەرتمە بىرىدۇ.
6.ئۇنىڭدىن باشقا،بۇ قىستۇرمىنىڭ قەرەللىك زاپاسلاش ئىقتىدارى بولۇپ،زاپاس ھۆججەتنى سىزنىڭ ئېلخىتىڭىزگە ئەۋەتىپ بىرەلەيدۇ،مۇشۇ يېرى-مېنىڭ بۇ قىستۇرمىنى ئالاھىدە ھۆرمىتى بىلەن سىزلەرگە تونۇشتۇرۇشۇمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى.
شۇنداق قىلىپ،بلوگىڭىزنى خاتىرجەم،ساق-سالامەت زاپاسلىۋالدىڭىز شۇنداقمۇ؟…