بىر قانچە ئىسىملارنى ئۆتكۈزۈۋېتەي دېگەن

300x250

ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىتىنىڭ توردىكى قىسقارتىلما يېزىلىشى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىم…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئەينى چاغدا بىر ئىشلارنى قىلارمەن دەپ ئېلىۋالغان بىر قانچە ئىسىم بار ئىدى، كېيىن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەندە بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، شۇڭا بۇ ئىسىملارنى قولۇمدا تۇتۇپ سېسىتقاندىن، ئالىدىغانلار بولسا ئەسلى باھادا سېتىۋېتەي دېگەن مەقسەتتە مەزكۇر تېمىنى ئېچىپتىمەن.

1. KITAPZAR.COM ۋە KITABZAR.COM

ئوقۇلۇشى: كىتاپزار & كىتابزار
ئىسىم ھەققىدە: ئەسلى بۇ تور نامنى ۋەتەنگە قايتقاندا كىتاب سودىسى قىلىدىغان تور بېكەت ۋە ئەپ تۈرى ئۈچۈن سېتىۋالغان. بۇ تور ناملار بىلەن ئېلكىتاب تورى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

باھاسى: 75 سومدىن 150 سوم، ئايرىم سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.

2. TERJIMAN.COM & TERJIMAN.NET

ئوقۇلۇشى: تەرجىمان (ULY قائىدىسى بۇيىچە ئېلىنغان)
ئىسىم ھەققىدە: كۆرگىنىڭلاردەك مەنىسى ئۇچۇقلا بىر ئىسىم. شۇڭا كۆپ چۈشەنچە بېرىپ تۇرماي.

باھاسى: 80 سومدىن 160 سوم، ئايرىم سېتىلمايدۇ.

ئىسىملارنىڭ ھەممىسى Godaddy تورىدا، ئۆزۈم يۇرت سىرتىدا بولغاچقا، پەقەتلام ئالىپاي تورى ئارقىلىق ھىساۋات قىلىنىدۇ. قىزىقىدىغانلار تۆۋەندىكى ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلغايسىزلەر: uyghurbeg@yahoo.com، خېرىدارلارغا ئالدىدىن سالام ئېيتىمەن.

2015.01.31 يېڭىلاندى
ئىسىملارنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، خېرىدارلارغا ۋە قىزىققۇچىلارغا رەھمەت.

 

805 گىرادۇس 7


7 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئابدۇبەگ | 15:57 | 2015.01.29 جاۋاب

    ئاھ دىۋان ھەجەپ سىغىندىم سىنى.

  • ئابدۇبەگ | 16:01 | 2015.01.29 جاۋاب

    ياخشى ئىسىملاركەن .

  • يولۇچى | 08:27 | 2015.01.31 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ راسلا بەك ئسىل ئىسىملاركەنتۇق بولسا كىتاب تورنى ئۆزىڭىزلا بىر قوللۇق ماڭدۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلتى ئەزالار تىزىملىتالايدىغان قىلىپ ماڭا ئوخشاش كىتاب ھەۋەسكارلىرى تىزىملىتىپ ئۆزىمىزگە يارغان تەربىۋى ئەھمىيتىگە ئىگە كىتابلارنى يوللاپ تۇراتتۇق

    • ئۇيغۇربەگ | 14:52 | 2015.01.31 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تەكلىپىڭىزگە رەھمەت.

      بۇ ئىسىملارنى ئەسلى تۆۋەندىكى مەقسەت-مۇددىئا بىلەن سېتىۋالغان:

      1. تەرجىمە تور نامى
      بۇ نام ئارقىلىق، پىدائىي تەرجىمانلارنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەر خىل تىللاردىكى بىزگە پايدىلىق، مەزمۇنى ياخشى، ئېسىل ۋە ياخشى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ توپلايدىغان بېكەت، شۇنداقلا ھەر قايسى تەرجىمانلارغا تەرجىمە ئىشى بۇيرۇتىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىش ئىدى، خۇددى خەنزۇلارنىڭ «译言网» تورىدەك بىر نېمە قىلىش ئىدى، ئەمما، مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى يېتىشمىدى.
      قىزىققانلار، يىيەنۋاڭنى تۆۋەندىكى ئادرېس بىلەن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ:
      http://www.yeeyan.org/

      2. كىتابزار تورى
      مەن بۇ تور نام بىلەن كاللامدىكى يەنە بىر تۈر(سودا تۈرى)نى تاماملىماقچى ئىدىم. يەنى، بۇ تۈردە، مەن تور يۈزىدە، ئەپلەردە كىتابچىلىق قىلىشنى ئويلاشقان، تۈرگە مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش، ئەپ ۋە تور بەت لايىھەلىرىنى تەييارلاپ بولغان، كېيىن مەكتەپكە كىرىپ كېتىپ، بۇ تۈردىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدۇم. مېنىڭ بۇ تۈرۈمگە تۈركلەرنىڭ كىتاپيۇرتى تورى ئۆرنەك بولالايدۇ. ئادرېسى:
      http://www.kitapyurdu.com/

      ھەممىڭلارغا رەھمەت

  • ئابدۇبەگ | 16:43 | 2015.02.1 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ سىز ئەمدى بىلوگ چىلىقنى تاشلاپ تورنام چىلىق قىممايدىغان سىزھە. 😎

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


😉 😐 😡 😈 simple-smile.png 😯 frownie.png rolleyes.png 😛 😳 😮 mrgreen.png 😆 💡 😀 👿 😥 😎 ➡ 😕 ❓ ❗