[ ياش بلوگگېرلارغا ئۇيغۇربەگدىن ئۈگۈت] ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ 5 ئادىتى
-
سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
باھا:28 دانە
07-04-2014
ئاز كەم بىر يىلدىن بىرى تورغا چىقالماي، ئۇيغۇر بلوگ ئىشلىرىنى كۈزىتەلمىگەن ئىدىم، يېقىندىن بىرى ۋاقتىم چىقىپ، كونا-يېڭى بلوگلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، نەتىجە شۇكى بلوگ ئوينايدىغان يالغۇز مەن ئەمەسكەنمەن، خېلى سالماق بلوگلارمۇ، كەسپىيلەشكەن شەخسىي بلوگلارمۇ مەيدانغا چىقىپتۇ، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال، ئەلۋەتتە. خوش، تېمىغا كەلسەك، بىلگىنىڭلاردەك ئۆزۈممۇ بىر كونا بلوگگېر بولغاچقا، بلوگشۇناسلىق ھەققىدە ئويلىغان بىر تىمامنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي دەپ مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھەر قايسىڭلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بەرسە تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.
ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ بىرىنچى ئادىتى: يازمىسىغا يۇمۇر خۇرۇچلىرى قوشۇۋېتىدۇ
. بلوگ – بىر كىشىنىڭ خاراكتىرى ۋە قىزىقىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بىر سالوندۇر. دەسلەپتە، مەن بلوگ يېزىشنى قانداقتۇر بىر خىل ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە باشلىغان ئىدىم، يېڭى باشلىغاندا ھېچقانداق بىر ئۈنۈم كۆرەلمىدىم، نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىلغىچە بلوگنى يالغۇز ئۆزۈم كۆرۈپ كەلدىم. كېيىن، زىيارەتچىلەرنىڭ سانىمۇ كۆپۈيۈشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئېشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. تەتىل مەزگىلىنىڭ بىر كۈنى، يۇرتۇمدا مېنىڭ بلوگىمنى پات-پات كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. پاراڭ ئارىلىقىدا «سىنىڭ بلوگىڭغا كىرسەم ھېچنىمىنى چۈشەنمەيمەن، ئەمما گەپلىرىڭ بەك يۇمۇر» دەپ قالدى دوستۇم. كېيىن بىلسەم، بۇ دوستۇملا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن تونۇشلارمۇ سەن، تورخۇمار، ئالىمجان ئەھەت، ئەجرىم دېگەندەك تور بېكەتلەر يازمىلارنى قىزىقارلىق يازىسىلەر دەپ قالدى. ئويلاپ باقسام، مەن تېخنىكىلىق يازما يازساممۇ، بەزىدە ئۆزۈممۇ بىلمەي گەپلىرىمگە قىزىق سۆزلەرنى قوشۇپ قۇيىدىكەنمەن. مەنلا ئەمەس، مەن تولا ئارىلايدىغان بلوگلارنىڭ كۆپىنچىسى يازمىلىرىنى زىرىكىشلىق قىلىپ قويماسلىققا تىرىشىدىكەن. دېمەككى، تېخنىكىنى چۈشەنمىسىمۇ يازغان خەتلىرىمنى ئوقۇيدىغانغا ئادەم توپلىيالىشىمدىكى بىر سەۋەب- ئۆزۈمنىڭ كام بولسا بولمايدىغان يۇمۇرىستىك ئىپادىلەش كۈچۈمكەن.
خۇلاسىگە كەلسەك، بلوگ يازغان ۋاقتىڭىزدا، يازمىلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا كۈچەش بىلەن بىرگە، يازمىڭىزنى باشقىلار زىرىكتۈرۈپ قويمىغۇدەك ھالدا يېزىشقا تىرىشىڭ، تېخنىكىلىق يازمىلارنىمۇ ئۆزگىچە گەپ-سۆزلەر بىلەن قىزىقارلىق قىلىپ ئىپادىلەشكە تامامەن مۇمكىنلىكىنى نىيۇتۇن ئىسپاتلاپ چىققانكەن ئەمەسمۇ؟
ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ ئىككىنچى ئادىتى: قەلەم قۇۋىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ
بلوگ – بىر كىشىنىڭ ئۆز بىلىمىنى تۆكۈپ بېرەلەيدىغان بىر سەھنە. ئەلۋەتتە، بلوگ يېزىش ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر قىلىدىغان جەريان بولغاچقا، بلوگگېردىن بەلگىلىك بىر يېزىش قابىلىيىتى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، بلوگىڭىزدا يېزىلىۋاتقان مەزمۇنلارنى توغرا، ئېنىق ۋە راۋان ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىنى پىششىق بىلگەن ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭمۇ بەلگىلىك بىر يېزىش قابىلىيىتىڭىز بولىشى كېرەك. ئالدىنقى يىللاردىكى «ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ» پائالىيىتىدە باھالانغان بلوگلارنىڭ يازمىلىرىغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇنلىرىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. شەخسەن مەنمۇ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئېنىق يېىپ چىقىش ئۈچۈن، بلوگ يېزىشدىن بىرەر-يېرىم سائەت بۇرۇن، يازماقچى بولغان مەزمۇننى كاللامدا ئويلىۋالىمەن ھەمدە قانداق يېزىش ھەققىدە قىسقىچە پىلان تۈزۈۋالىمەن، ئاندىن بىر ئولتۇرۇپ يېزىپ كېتىمەن.
ئەلۋەتتە، قەلەم قۇۋۋىتىنى بىردەمدىلا يىتىشتۈرۋاغىلى بولمايدۇ، ئەمما، كۆپ كىتاب ئوقۇش، كۆپ يېزىپ بېرىش ئارقىلىي تەدرىجىي يىتىلدۈرۈۋالغىلى بولىدۇ، بەزىدە قەلەم قۇۋۋىتى ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتى ۋە ئىلھامى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدۇ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بىر يازمىنى يېزىش ئۈچۈن كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە قەلەم قۇۋۋىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە تىرىشىڭ. ھېچ بولمىسا، يازمىنى پۈتتۈرۈشدىن بۇرۇن ئۆزىڭىز بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، ئۆزگەرتىش ۋە تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.
ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ ئۈچۈنچى ئادىتى: دېپلوماتىيەگە ماھىر كېلىدۇ
بلوگ – سىزنىڭ توردىن ئىبارەت بۇ سۈنئىي دۇنيادىكى ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق بىر خانىڭىزدۇر. خۇددىي رىئال دۇنياغا ئوخشاشلا، مەيلى خالاڭ ياكى خالىماڭ، بلوگدىن ئىبارەت خانىڭىزنىڭ ئىچ-سىرتىدا ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق مۇناسىۋەت دائىرىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە مەجبۇرسىز. مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى سىزنىڭ دېپلوماتىك ئالاقە ئىقتىدارىڭىز بىلەن باغلىق. يۈكسەل، سەھرالىق، بىردادا، مۇئەللىم، دوغاپ، تەشنا دېگەندەك بلوگگېرلارغا قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەر قايسى بلوگ-قىشلاقلاردا بۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئۆزىنىڭ خانىسىدىمۇ باشقا بلوگگېرلانىڭ توختىماي قەدەم-تەشرىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، چۈنكى، بلوگنى ئاۋات قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۆزىڭىز. سىز باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭ يۇ، باشقىلارنىڭ كەپىڭىزدىن چۈرگىلەپ كېتەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلسىڭىز تازا ئاقىلانە چارە ئەمەستۇر.
شۇڭلاشقا، بلوگ يېزىش بىلەن بىرگە، باشقا بلوگلارغا پەتىلەپ بېرىشكىمۇ، بلوگگېر توپلىرىغا قېتىلىپ، باشقا بلوگگېرلار بىلەن دېپلوماتىك ياكى غەيرىي دېپلوماتېك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقىمۇ مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىڭ.
ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ تۆتىنچى ئادىتى: بلوگىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ
ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ يەنە مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۆزىنىڭ زىيارەتچىلىرىگە ساھىب چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ۋاقتىدا جاۋاب يازىدۇ، پىكىرلىشىدۇ. بوپتۇ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ياخشى ئەمەس، دېپلوماتىيىگىمۇ ياخشى چىقمىدىڭىز، يۇمۇر ھۈجەيرىڭىزمۇ كەم، ئەمما بلوگىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا ساھىپ چىقالمىسىڭىز، بلوگ يازماي، ئاشخانا ئاشسىڭىز ياخشى. چۈنكى، بلوگىغا چۈشكەن ئىنكاسقىمۇ جاۋاب يېزىشقا ئىرىنگەن بلوگگېرنى بەلكىم مەندىن باشقىسى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن.
بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالماي دېسىڭىز، بلوگىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەستىقلاپ، مۇناسىپ ھالدا جاۋاب يېزىپ تۇرۇڭ.
ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ بەشىنچى ئادىتى: يۇقارقى تۆت ئادىتىنى تاشلاپ قويمايدۇ
شۇنداق، مەن بىلىدىغان ئالقىشقا ئېرىشكەن بلوگگېرلارنىڭ نۇرغۇنلىرى يۇقارقى بىرىنچىدىن تۆتىنچىگە بولغان ئادەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «بەشتە ياخشى» بلوگگېرلاردۇر. ماڭا ئىشىنىڭ!…
شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ بىر كۈنلەردە يۇقارقى بەش ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ، ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن تەقدىرلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىش پۇرسىتى كەلگەن ھامان « بىر زامانلاردا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا مۇشۇنداق بىر يازما ئوقۇغانتىم، مېنىڭ مۇشۇ كۈنگە ئېرىشىشمگە ئاۋۋال خۇدايىم، ئاندىن ئۇيغۇربەگ ياردەم قىلدى. مېنى تۇققان ئاپامغا، قاتارغا قوشقان ئاتامغا شۇنداقلا ماڭا يول كۆرسەتكەن ئۇيغۇربەگكە رەھمەت» دەپ ھاياجان ياشلىرىنى تۆكۈشىڭىز مۇمكىن.
ئاخىرىدا مەزكۇر يازما ئۈچۈن ئىشلەتكەن رەسىملەرنى تەمىنلىگەن ئەجرىم بلوگىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. خەيىر، ھازىرلەتىن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن……
2,676 گىرادۇس 28