[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈرك ناخشىچىلىرى ئەپلاتۇن & بۇرجۇ گۈنەش ئىجراسىدا–خالتا كوچىلار

 

مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن بېرى ئىشىمنى ھېچ ئىزىغا چۈشۈرۈپ بولالماي، خېلى كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىپتىمەن. قايسى كۈنى بىر مەكتەپدىشىم چاقچاق قىلىپ « كەپەڭنى تەتىلدىن بۇرۇن بىر قېتىم، تەتىل توشقاندا بىر قېتىم يېڭىلاپ قويساڭلا ئىشىڭ تۈگەيدىكەن» ھە دېگەنىدى، ناخشا خۇمار ۋە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى بولىدىغان كەپىداشلارمۇ پات-پات ناخشا تەرجىمە قىلمامسىز دەپ سۈيلەيدىغان بولىۋالدى، ئەسلى بۈگۈن ئالدىنقى ھەپتىدىكى ساياھەت خاتىرەمنى يوللاي دەپ ئويلاشقان ئىدىم، قارىسام ۋاقتى ئۆتۈپ قالاي دەپ قالغان بىر خەتلىك تەرجىمە ئەسىرىم بار ئىكەن، ئاۋۋال شۇنى يوللاپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىنىڭ ئەمدى نورمال يېڭىلىنىدىغانلىقىغا بەلگە بىرىپ قويمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. خوش، ئەزىزلەر، بۈگۈن ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنىدىغىنىم تۈرك ناخشىچىلىرى ئەڧلاتۇن & بۇرجۇ گۈنەش ئىجراسىدا–خالتا كوچىلار. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

1,476 گىرادۇس 4

[خەتلىك ناخشىلىرىم] ئۈمىت سايىن فەئات & تاركان – كەتمە

162283_1877809712791_1877789352282_61425_2261_b

شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى داۋام قىلماقتا، مانا شۇ تاپتا مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا تاقىشىپ كەلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىر قولۇم بەش بولاي دېسە ئەسلى، ھەي، شۇنداق ئالدىراش تۇرۇقلۇق بلوگىمنى يېڭىلىماي تاشلاپ قويۇشقا ئۇنىماي بىر قانچە كۈن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ بولغان بۇ يېڭى ناخشىنىڭ ئاخىرىنى ئىشلىۋەتتىم…

2,483 گىرادۇس 14

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈرك ناخشىچىسى كولپا ئىجراسىدا–مېنى سۆيگۈگە ئىشەندۈر

kolpa_net_intro_by_hakantoplu34-d553rrw_副本

شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى داۋام قىلماقتا، مانا شۇ تاپتا مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا تاقىشىپ كەلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىر قولۇم بەش بولاي دېسە ئەسلى، ھەي، شۇنداق ئالدىراش تۇرۇقلۇق بلوگىمنى يېڭىلىماي تاشلاپ قويۇشقا ئۇنىماي بىر قانچە كۈن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ بولغان بۇ يېڭى ناخشىنىڭ ئاخىرىنى ئىشلىۋەتتىم، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

2,096 گىرادۇس 4

مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئاپتونۇمىيەگە قايتىش(1)

2007091307511998cba

سۈرەتتە: بارسېلونادىكى پۇتبول مەيدانىدا كاتولىنىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بايرىقىنى نامايان قىلماقتا

 

مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئاپتونۇمىيەگە قايتىش(1)
ئاپتور: لىندا
ئەسلى ماقالىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى

بىر تەبىئىي شەكىللەنگەن مەدەنىيەت توپى ئۆز رايونىدا تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ياشاشقا ئىنتىلىدۇ شۇنداقلا سىياسىي سەۋەب تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ مەجبۇرى ھالدا ئۆزگەرتىلىشىنى خالىمايدۇ. ئىسپانىيە تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئىسپانىيەدىكى ھەر قايسى مىللەت ۋە رايونلارنىڭ بەس-بەستە مۇستەقىللىق تەرغىباتلىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغانلىرى يەنىلا كاتولىنىيە ۋە باسىك رايونلىرىدۇر.

1,325 گىرادۇس 1

[خەتلىك ناخشىلار] تۈركىيە ناخشىچىسى سەرتاب ئەرەنەر–بىر چارىسى تېپىلىدۇ

[خەتلىك ناخشىلار] تۈركىيە ناخشىچىسى سەرتاب ئەرەنەر–بىر چارىسى تېپىلىدۇ

بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز بولسا تۈركىيە ناخشىچىسى سەرتاب ئەرەنەرنىڭ مەلۇم بىر ئالبۇمىدىكى بىر ۋەكىللىك ناخشىسى بولۇپ،تۈرك دوستلارنىڭ ئېيتىشىچە تۈركىيەدە بىر قەپەز مودا بولغان مەشھۇر ناخشا ئىمىش، ئەلۋەتتە، ھارمايدىغان، چارچىمايدىغان ئۇيغۇربەگ يەنە بۇنىمۇ خەتلىك قىلىپ ياساپ چىقتى. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر. ئەمىسە ناخشىغا مەرھەمەت!…

2,621 گىرادۇس 9

[خەتلىك ناخشىلاردىن]تۈرك ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەننىڭ يېڭى ناخشىسى – سىتەمكار(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

gokhan_ozen_kader_utansin

تۈرك ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەننىڭ مەزكۇر ناخشىسى بولمىش ‹‹سىتەمكار»نى بۇرۇن تۈركچە سەۋىيە ئانچە يۇقىرى ئەمەس چاغدا «ئەيىبلىگۈچى» دەپ تەرجىمە قىپتىكەنمەن، يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ماتىرىيال كۆرۈۋېتىپ شائىرىمىز نىم شېھىتنىڭ «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق ئەسىرىدە «سىتەمكار» دېگەن بۇ سۆزنى ئۇچرىتىپ قالدىم، دېمەك تۈركچىدىكى «سىتەمكار» كەلىمەسى بىزدىكى مەنىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ئەسلى مەنىسىگە بەكرەك يېقىنلاشتۇرغان ئاساستا قايتىدىن ئىشلەپ چىقتىم، سىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…

2,359 گىرادۇس 3

[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى] تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ يېڭى ناخشىسى–سەن يىراققا كېتىپسەن

Tarkan Sen Çoktan Gitmişsin dinle

تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىدىكى لىرىكىغا، ناخشا تىكىسىتىنىڭ پاساھىتىگە بەك كۆيىمەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز تاركاننىڭ «ئىسمىمنى قەلبىڭگە ياز»(Adımı kalbine yaz)ناملىق ئالبۇمىدىكى بىر ناخشا. بىر تەرەپدىن ناخشا ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپدىن تەرجىمە تېكىسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈركچە ئۆگىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس…

2,442 گىرادۇس 4

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ناخشىچىسى گۆكتاننىڭ كونا مۇڭلۇق ناخشىسى–سەن(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

گۆكتاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئەرخان گۈلەريۈز، تۈركىيىدە بىر مەزگىل ناخشا ئېيتىپ يۈرگەن ئاداشكەن. گۆكتاننىڭ بۈگۈن تورداشلارغا ئەكەلگەن ناخشىسى «سەن» مەن تاكى ھازىرغىچە ھېچ زېرىكمەي ئاڭلاپ كەلگەن بىر ناخشا بولۇپ، مەندىن بۇرۇنمۇ بىرەيلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپتىكەن، كەسپىي كېسىلىم تۇتتى بولغاي، مەنمۇ ھەم بۇ ئامراق ناخشامنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر!…

3,089 گىرادۇس 6