[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى] تۈركچە كىلاسسىك ناخشىلاردىن ئېلھان شەشەن ئورۇنلىشىدا : نيۇ-يورك

e46d2ca9a1949b474960ca061cb007bbf2e9467e1c7869d00b22e5eb7cb6528c

ئېلھان شەشەن(İlhan Şeşen)نىڭ «نيۇ-يورك»ناملىق مەزكۇر ناخشىسىنى ئىككى يىل بۇرۇن، تۈركچىنى يامىداپ ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ئېدىم، شۇ ۋاقىتتىكى سەۋىيەمدە مەن «نيۇ-يورك»دېگەن سۆزنى «نې يوك»(نېمە يوق) دەپ ئاڭلاپ يۈرۈپتىكەن، ئىسسىت دەيمەن ئۆتكەن ئۆمرۈمگە. بۈگۈن مەن ئامراق ناخشىلار تىزىملىكىنى ئاقتۇرۇپ بۇ ناخشىنى تۇيۇقسىز قايتا ئاڭلاپ قالدىم، شۇ ھامان توردىن ناخشا تېكىسىتىنى ئاقتۇرغان ئىدىم، ھىم، مانا، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە بىر ناخشا تېكىسىتى كۆپەيدى. قېنى، ئاڭلاپ باقمامدۇق؟…

3,341 گىرادۇس 13

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈرك ناخشىچى ئەمرە ئايدىننىڭ 2011-يىللىق مودا ناخشىلىرىدىن – خۇشۋاغ قال

emre-aydin2

ئەمدىكى تەنەپپۇس مەزگىلىدە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى، تۈركىيەنىڭ 2011-يىللىق مودا ناخشىلىرىدىن بىرى ‹‹خۇشۋاغ قال››، ناخشى ئەمرە ئايدىڭ، ئۇيغۇرچە-تۈركچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەندى. ساۋاقداشلار، ئەمدى كىتاب-ماتىرىياللارنى يىغىشتۇرۇپ، تەنەپپۇسكە چىققايسىزلەر! مەزكۇر ناخشا ئالدىنقى يىلى يوللانغان كونا ناخشا ئىدى، تۇرادىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم…

3,956 گىرادۇس 19

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ناخشىچىسى مۇرات ئەۋگىننىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى – بۈگۈن توي قىلىسەن

Murat-Evgin

تۈركىيە ناخشىچىسى مۇرات ئەۋگىننى مۇشۇ ناخشىسى ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم، كېيىن گۇگېلدىن ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنىڭ شەخسىي بېكىتىگە ھەم چىقتىم، شۇنچە ناخشىلارنى ئېيتىپتۇ، ماڭا مۇشۇ ناخشىسىلا ناھايىتى يارىدى، ئەلۋەتتە، ماڭا يارىغان ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ قويىدىغان ئادىتىمنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتتىم، تەرجىمىدە ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسلۇبى بىلەن مەنە تەرجىمە ئۇسلۇبىنى تەڭ بىرىكتۈرۈپ، ئازراق شېئىرىي پۇراق چىقاردىم دەپ ئويلايمەن، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…

3,261 گىرادۇس 10

[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى]تۈرك ناخشىچىسى ياشارنىڭ كونا ناخشىسى–توپلىغىن مېنى

yasar3

تۈرك ناخشىچىسى ياشار 1990-يىللىرى تۈركىيەدە مەلۇم تەسىر ياراتقان ناخشىچى ئىكەن. بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشىسى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ باقمىغان بولساممۇ «توپلىغىن مېنى»(Toplayıver Beni)ناملىق مەزكۇر ناخشىسىنى ئاڭلاپ خېلى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئەپسۇسكى بۇ ناخشا خېلى كونا بولغاچقا فىلىم(تۈركچە كېلىپ، ئۆزبېكچە قېلىپ)ىنى تاپالماي قالدىم. مەزكۇر ناخشىدا ئاجايىپ مۇڭ بار، يېقىندا ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان ناخشىلىرىمنىڭ بىرى. تۈركچە ناخشا ھەۋەسكارى بولسىڭىز ئاڭلاپ بېقىڭ، چوقۇم ياخشى كۆرۈڭ قالىسىز! ناخشا تېكىسىتىنىڭ ئۇيغۇرچە-تۈركچە سېلىشتۇرمىسى ھەم بېرىلدى.

3,307 گىرادۇس 15

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈركىيە ‹‹غەزەلنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى›› ئانسامبىلى – كادېكۆي(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

EZGININ-GUNLUGU-FOTOGRAF

بۈگۈن ئەكەلگەن تەرجىمە ناخشىنى مەن نەدىن ئاڭلىدىم ئېسىمدە يوق، بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق ياخشى كۆرۈپ ئاڭلاپتىكەنمەن، نەچچە كۈن بۇرۇن كۆكلەم مۇنبىرىدە بۇ ناخشىدا چىقىدىغان ‹‹كادېكۆي››نىڭ ئەسلىي بىر جاي نامى ئىكەنلىنى بىلىپ، ناخشا تېكىسىتىنى ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە مەزكۇر ناخشىنىڭ ئاپتورلىرى ھەققىدە ئازراق مەلۇمات ئاقتۇرۇپ باقتىم. گۇگېلدا ئېيتىلىشىچە تۈركىيە ‹‹غەزەلنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى›› ئانسامبىلى(تۈركچە  Ezginin Günlüğü، ئىنگىلىزچە Melody’s Diary ) ئەينى چاغ ئەمىن ئېگۈس(Emin İgüs)، خاقان يىلماز(Hakan Yılmaz)، شەبنەم باشار(Şebnem Başar)، تۇگاي باشار (Tugay Başar) ۋە ۋەدات ۋەرتەر(Vedat Verter) قاتارلىق ئەزالار بىرلىكتە 1982-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرغان بىر مۇزىكا ئەترىتىمىش. كېيىن بۇ مۇزىكا ئەترىتىدىمۇ يېڭى ئەزالار قوشۇلۇپ، كونا ئەزالار چىكىنىپ دېگەندەك ئىشلار بولغان سىياقتا. سەكسەن، توقسىنىنچى يىللىرى تۈركىيەدە خېلى مودا بولغان چىراي. مەن بۇلارنىڭ باشقا ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، كېيىن ياخشى ناخشىلىرى ئۇچراپ قالسا ئەلۋەتتە ئۆزلەشتۈرۈپ قويىمەن. بۈگۈن ئەكەلگىنىم بۇلارنىڭ مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بىر ناخشىسى – كادېكۆي. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…

2,482 گىرادۇس 4

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈرك ناخشىچىسى يۈكسەك ساداقەت – ساڭا ئاشىق يالغۇزمەن(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

yuksek-sadakat2

تۈركىيەدىكى بىر قانچە بالىلار قۇرغان مۇنبەر كۆكلەم مۇنبىرىنىڭ ئاتامانى بولغان ئاغام بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم، بىلگىنىڭلاردەك بىر قانچە ناخشىلارنى شۇ تەرجىمە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۈگۈنمۇ يەنە بىر ناخشىنى تەرجىمە قىلدىم دەپ ئەكەپتۇ، كۆردۈم، قارىسام بوپ قالىدىغاندەك. ئۇ ئاغىنىمىزنىڭ پىرىنسىپى – ئۇدۇل تەرجىمە، يەنى تۈركچە سۆزلەرنى ئامال بار ئۇيغۇرچىدىكى ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئېلىپ، تۈرك تىلى ئۆگىنىۋاتقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشدىن ئىبارەت. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغىنىمىز تۈرك ناخشىچىسى يۈكسەك ساداقەتنىڭ تەسىرلىك ناخشىسى – ساڭا ئاشىق يالغۇزمەن. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…

3,254 گىرادۇس 7

[خەتلىك ناخشىلاردىن] سەردار ئورتاچ ۋە يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ ئورۇنلىشىدا–دېيەلمەيمەن(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

serdar_ortac_diyemem

سەردار ئورتاچنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭمۇ تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ناخشىلىرىنىمۇ ھەم ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتىم. بولۇپمۇ يۇلتۇزخاننىڭ 2010-يىلى تۈركىيەدە مودا بولغان ناخشىسى «سېنى سۆيەتتىم»نى تولىمۇ سۆيۈپ ئاڭلايتىم، سەردار ئورتاچنىڭ «خالتا»(poset)ناملىق ناخشىسىنىمۇ ھەم تولىمۇ سۆيەتتىم، بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىنىم بولسا سەردار ئورتاچ ۋە يۇلتۇز ئوسمانىۋا بىرلىكتە ئورۇنلىغان يېڭى ناخشا – دېيەلمەيمەن.تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…

3,879 گىرادۇس 7

[خەتلىك ناخشىلاردىن] تۈرك پوپ ناخشا سەركىسى تاركاننىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى–غايىب(چۈشۈرۈۋېلىڭ)

tarkan_ngtr_conew12

تاركاننىڭ ناخشىلىرىنىڭ ھەممىسىنى شوخ دەپ ئويلاپ قالماڭ، بەزى ناخشىلىرىدا ئۇ ناھايىتى غېرىب، بەزى ناخشىلىرىدا بولسا ناھايىتى چۈشكۈن، بەزى ناخشىلىرىدا بولسا بەكلا تەلۋە. ھىم، بۈگۈنكى بۇ ناخشىسىدا بۇ ئاداش ناھايىتى مۇڭ، خۇددى سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىدەكلا. ھىم، يېقىندا ئايرىلىپ كېتىشكەن ئاشىق-مەشۇقلار بولسا بۇ ناخشىنى ئاڭلىماڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنى بېسىۋالالماي…ياش كەلكۈنى پەيدا قىلغۇسىلەر! تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…

3,720 گىرادۇس 11