[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى] تۈركچە كىلاسسىك ناخشىلاردىن ئېلھان شەشەن ئورۇنلىشىدا : نيۇ-يورك

e46d2ca9a1949b474960ca061cb007bbf2e9467e1c7869d00b22e5eb7cb6528c

ئېلھان شەشەن(İlhan Şeşen)نىڭ «نيۇ-يورك»ناملىق مەزكۇر ناخشىسىنى ئىككى يىل بۇرۇن، تۈركچىنى يامىداپ ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئاڭلىغان ئېدىم، شۇ ۋاقىتتىكى سەۋىيەمدە مەن «نيۇ-يورك»دېگەن سۆزنى «نې يوك»(نېمە يوق) دەپ ئاڭلاپ يۈرۈپتىكەن، ئىسسىت دەيمەن ئۆتكەن ئۆمرۈمگە. بۈگۈن مەن ئامراق ناخشىلار تىزىملىكىنى ئاقتۇرۇپ بۇ ناخشىنى تۇيۇقسىز قايتا ئاڭلاپ قالدىم، شۇ ھامان توردىن ناخشا تېكىسىتىنى ئاقتۇرغان ئىدىم، ھىم، مانا، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە بىر ناخشا تېكىسىتى كۆپەيدى. قېنى، ئاڭلاپ باقمامدۇق؟…

بۇ مەزكۇر ناخشىنىڭ ئەسلى ئاھاڭىدىكى نۇسخىسى

بۇ نەق مەيدان نۇسخىسى

نيۇ-يورك
ناخشىدا ئېلھان شەشەن
ئۆزلەشتۈرگۈچى : ئۇيغۇربەگ

شۇ كېچە نيۇ-يوركتا
O gece new york’ta
لالما ئىت كەبى چۆرگىلىدىم
Sokak köpeği gibi dolaştım
تېپىشماق نيۇ-يوركنى
Bilmece new york’ta
يېشىمەن دەپ ناھايىتى تىرىشتىم
Çözülür diye hayli uğraştım
شۇ كېچە نيۇ-يوركتا
O gece new york’ta
باشقا ئادەمگە ئايلاندىم
Başkalaştım
سېرىق، قارا، ئاق رەڭلىك
Sarı kara beyaz
ھەممە مۈشۈكلەر بىلەن ئويناشتىم
Bütün kedilerle oynaştım
ئازراق يىراق ئارىلىقتىن
Uzaktan ama biraz
ئەركىنلىك ئىلاھى بىلەن سالاملاشتىم
Hürriyet ablayla selamlaştım
شۇ كېچە نيۇ-يوركتا
O gece new york’ta

Manyaklaştım
نيۇ-يورك، نيۇ-يورك
New york new york
نيۇ-يورك، نيۇ-يورك
New york new york
ھەممە تەل بولسىمۇ، ئىستانبۇل يوق
Her şey var da istanbul yok



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
2,375 گىرادۇس 13


13 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • sazguri | 15:46 | 2012.04.10 جاۋاب

    دىۋان ھاھاھاھ :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  • Billionaire | 22:15 | 2012.04.10 جاۋاب

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم:
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت!بەزى يەرلىرىنى چۈشەنگەندەك قىپتىكەنمەن ئەمما چۈشەنمەپتىكەنمەن ئەمدى بىلىۋالدىم.
    Bütün kedilerle oynaştım
    ھەممە ئىتلار بىلەن ئويناشتىم
    بۇ يەدەkedi مۈشۈك بولسا توغرا بۇلامدۇ قانداق؟
    Manyaklaştımنىڭ تەرجىمىسى يوققۇ؟«سەت»گەپ قىلماي دەپ قەستەن قويۇپ قويدۇڭىزمۇ يە!
    تەرجىمىسى ياخشى چىقىپتۇ،يەنە يولىڭىزغا قارايمىز.

    • ئۇيغۇربەگ | 02:28 | 2012.04.11 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      ئاۋۇ مۈشۈكلەرنى ئالدىراپ كېتىپلا ئىت دەپ ئېلىپ قويۇپتىمەن، يوللاپ قويغىنىم دەسلەپكى ۋاقىتتا پۈتتۈرگەن تەرجىمەم ئىكەن، باياتىن ئازراق جايىنى يېڭىلاپ قويدۇم.
      Manyaklaştım ماۋۇنى تەرجىمە قىلاي دەپ قايسى سۆزنى ئىشلىتىشنى بىلمەي قالدىم، شۇڭا ئاشۇنداق قالدى، رەھمەت سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىزگە…

      • تىلەك | 15:28 | 2012.04.12 جاۋاب

        مۈشۈكنى ئىت دەپ ئالدىم دەڭ بەگ………
        بىزنىڭ بىلوگقا بىر چىرىپ بىر قوللۇق ئوڭشاپ بېرىڭا بەگ…………..

  • Billionaire | 23:04 | 2012.04.11 جاۋاب

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم:
    كۆرسەتمە دىگۈچىلىك ئەمەس،مۇشۇنداق بىرلىكتە ئىلگىرلىمەمدۇق.
    manyaklaştımدىگەننى «سەۋدالاشتىم»،«تەلۋىلەشتىم»،«ئەقىلدىن ئاداشتىم»دىگەندەك تەرجىمە قىلسا بۇلارمىكىن.

  • نىدا | 19:37 | 2012.04.13 جاۋاب

    گوگۇل تەرجىمانىدىغۇ «مەن يېقىنلاشتىم» دەپ تەرجىمە قىلىپ بەردى بۇنى. ھە راست، ئوبۇلقاسىم ئۆمەر بۇنى «سەن يوق» دەپ ئۆزلەشتۈرۈپتىكەن، بەك قاملىشىپتۇ ئۇ ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقان ناخشىمۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىل YK نىڭمۇ «نەپرەت» دەپ بىر ناخشىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىپتىكەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 12:03 | 2012.04.21 جاۋاب

      بۇ ئادەم تىللىغاندەك گەپ ئىكەن…
      راستنى دېسەم تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقان ناخشىلاردىن پەقەت «پەرىشتەم»(مۆمىنجان ئابلىكىم)نىلا ياخشى كۆرىمەنكەن… :cool:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:43 | 2012.04.23 جاۋاب

      ئۇنداق مەنىدە ئەمەس، سەل قوپال گەپ ئىدى بۇ…

  • ئۆزتۈرك | 06:33 | 2012.04.17 جاۋاب

    قالتىس قىپسىز بىگىم …رەخەت سىزگە مەن ئازراق بولسىمۇ بىلۋالدىم بۇ ناخشا مەزمۇننى ;-)

    • ئۇيغۇربەگ | 13:45 | 2012.04.23 جاۋاب

      رەھمەت. رەھمەت…

  • ئۆزتۈرك | 09:01 | 2012.04.18 جاۋاب

    Manyaklaştım بۇ يەرنى تەرجىمە قىلماپسىز مۇ نىمە بىگىم ;-)

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif