[WordPress ئۇچۇرى] WordPress 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

wordpress-3-1-features

WordPress 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى ئۈلۈشكۈن  رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئىنگىلىزچە نەشرىگە يېڭىلاپ سالغان بولسىڭىز، باشقۇرۇش بېتىڭىزگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىڭ:

http://tor-betingiz-yaki-wordpress-ning-adresi/wp-admin//update-core.php
ئۇيغۇرچە نەشىرىنى بۇيەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەر

1. خەت شەكلى UKIJ Tuz Tom،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى.

2. بۇرۇنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان fonts ھۆججەت قىسقۇچى ئۆچۈرۈۋېتىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بىرلا CSS ئارقىلىق بارلىق بەتلەردىكى خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەشكە بولىدىغان قىلىندى. ئۆزىڭىزنىڭ EOT ھۆججىتىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،wp-content/languages/fontfaces.css ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ چىقىڭ.

3. UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ EOT  ھۆججىتى تەمىنلەندى.

4. باشقۇرۇش بېتى ۋە ئۇسلۇبنىڭ خەتلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاساسەن 12px قىلىپ تەڭشەلدى. پىرسەنت بويىچە تەڭشەلگەن ئورۇنلار ئۆزگەرتىلمىدى. شۇڭا بىر قىسىم ئورۇنلاردا خەتلەر يەنىلا كىچىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

ھەل قىلىنمىغان مەسىلە

قاچىلاش جەريانىدىكى تور بەت نامىنى كىرگۈزىدىغان ئورۇن، باشقۇرۇش بېتىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ۋە تېز يوللاش كۆزنىكىگە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى. گەرچە ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى ۋە تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى ئۇسۇل بويىچە tinymce ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆزگەرتىش ساقلاپ قېلىندى. شۇڭا بىر قىسىم تور كۆرگۈلەردە نورمال كىرگۈزگىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

تۇرايىمىزدىن سەمىمىي ئەسكەرتىش

بىر قىسىم بلوگگېرلارنىڭ تۇرايىمىزغا بەرگەن ئىنكاسلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى نەشىرىدىكى مەزكۇر سېستىمىدا قىسمەن كەمچىلىكلەر ساقلانغان بولۇپ، بلوگ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش(نامەلۇم سەۋەب)، يازما تەھرىرلەش ئورنىدا خاتالىق كۆرۈلۈش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋال ساقلانغان. شۇڭا، نەشىرىنى كۆتۈرمىگەن تورداشلارنىڭ ۋاقتىنچە كۈتۈپ تۇرۇپ،سېستىما مۇقىملاشقاندا ئاندىن مەشخۇلات قىلىشىنى ۋە ياكى مەشخۇلات قىلىشتىن بۇرۇن،ساندان ۋە يۈكلەنگەن ھۆججەتلەرنى زاپاسلاپ قويۇشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 0


ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif