مىش-مىش پاراڭ : ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتىتتا WordPress دەرسى ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ!

689-1

خوش، سۈيۈملۈك WordPress سېستىمىسى ئۆزىنىڭ ئون يىللىق مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بېكەت سېستىمىسىغا ئايلاندى. WordPress ئارقىلىق مىليونلىغان بېكەتلەر قۇرۇلغاندىن باشقا،  يالغۇز ئامېرىكىدىلا نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئورگان بەتلىرى شۇنداقلا مېدىيا باشلىرىمۇ WordPress ئارقىلىق قۇرۇلۇپ نورمال مېڭىۋاتماقتا. ئەلۋەتتە، مەزكۇر قەدىناسدىن بىز چوڭ-چوڭ بېكەت ئاچالمىغان بولساقمۇ( ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىدىن باشقا) «2011-يىلىدىكى 10 چوڭ بلوگ»نىڭ توققۇزىنى بۇ سېستىمىدا تەربىيىلەپ چىقتۇق. خوش، بايا شۇنداق بىر پاراڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدىكى…ئاڭلاشنى خالىسىڭىز يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت!…

 

ھىم، بايا سۆزلەپ نەگە كەلگەنتىم؟ ھە…ئېسىمگە كەلدى، بايا شۇنداق بىر پاراڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدىكى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مەكتەپتە WordPress دەرسى ئېچىلىدىغان ئوخشايدۇ! ئۇ مىش-مىش پاراڭلارغا كۆرە ئامېرىكا Massachusetts شىتاتىدىكى كىلارك ئىنىستۇتى(Clark College) كومپىيۇتېر تېخنىكىسى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى  Bob Hughes ئەپەندى WordPressگە ئائىت بىر قىسىم دەرسلەرنى ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، پروفىسسورلارنى WordPress بىلىملىرى ھەققىدە بىلىملەرنى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىدىكەن.

مىش-مىش پاراڭدىكى «Introduction to WordPress»( ۋوردپرېسنىڭ بايانى)ناملىق بۇ دەرسلەردە ستۇدېنىتلار WordPress ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە، WordPress ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. مىش-مىش پاراڭنىڭ ئەڭ ئاقماس بىر قىسمى شۇكى، مەزكۇر دەرسلىكلەر شىتات ياكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن رەسىمىي دەرسلىك قىلىنىپ قوللىنىدىكەن.

شۇنداق، بۇ يازمىنىڭ ھېچقانداق تەربىيىۋى ياكى پايدىلىق تەرەپلىرى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇق مىش-مىش پاراڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەمما كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ خىيالى باشقا، مەسىلەن ئالايلۇق : سىز ئۆزىڭىزنى ھازىر ئاشۇ دەرسلىك ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ تۇرۇڭ. مېنىڭ سۇئالىم شۇكى : سىز مۇشۇ دەرسنى تاللاپ ئوقۇمتىڭىز؟ سەۋەبىنى قىسقىچە ئېزاھلاپ ئۆتكەيسىز!…



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 20


20 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئۇيغۇربەگ | 13:07 | 2012.02.24 جاۋاب

    شەخسەن مەن : تاللاپ ئوقۇپ باقايمىكىن دەيمە، دەرسلىكلەردىن ھېچ بولمىسا بىرەر قىستۇرما ياكى ئۇسلۇب ياساشنى ئۆگىنىپ قالسام، ئۇيغۇرچە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ، ئورگان بېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ شۇ يەرگە يوللىۋەتسەم، كېيىنرەك كۆپ تىللىق قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ باي بوپ كەتسەم…دەپ خىيال سۈرۈپ قالىمەن(ئەلۋەتتە، باي بولۇش بىر خام-خىيال خالاس :cry: )
    PS:ئەلۋەتتە، دەرسلىرى ئوڭاي بوپ قالسا بۇنىڭ بىلەن بىرەر نومۇرنى ئوڭايلا ئېلىۋېلىش ئۈچۈنمۇ ئوقۇيمەن، بۇنى ھېچكىمگە دېمەڭلار ھە… :lol:

  • wiros | 13:21 | 2012.02.24 جاۋاب

    دىمەكچى بۇ مەكتەپكە ۋوردپرېسس دەرىسى ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ 4 يىل ئوقۇپ بەشىنچى يىلى يەنە بىر پىرىس مودا بوپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق ھە ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 13:23 | 2012.02.24 جاۋاب

      بالاڭزا ۋوي، بىر دەرسلىك قىلىپ ئوقۇيمىز، كەسىپ قىلىپ ئەمەس! :x
      ئەڭ مۇھىمى : ما مەكتەپلەردىكى بىر پۇڭغا ئەسقاتمايدىغان « پالانى-پۇستانى ئىدىيىسى» ۋە «پۇستانى-پالانى نەزەرىيىسى»نىڭ ئورنىغا مۇشۇنى ئوقۇپ قويساق دەيمىنا… :mrgreen:

  • yarghol | 13:25 | 2012.02.24 جاۋاب

    مېنىڭمۇ كىرىپ بىر -ئىككى سائەت ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ باققىم بار . بىرەر كۈتۈلمىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىپ قالامدىم تېخى ..

    • ئۇيغۇربەگ | 15:29 | 2012.02.24 جاۋاب

      مەن دەرس سۆزلەپ بەرسەممۇ كېلەمسىز؟

  • sunbooks | 13:28 | 2012.02.24 جاۋاب

    مەن دائىم تاللاپ ئۆتىلىدىغان دەرىسلەردىن ئازراق بىر نەرسە ئۆگىنىۋالاي دەپ كىرەتتىم،لېكىن كىرگەندىن كىيىن ھەممىسى ئاقماس گەپلە بوپ چىقىدۇ(ئەشۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغىمۇ ئكتۈش تازا خوش ياقمايدۇ بۇ دەرىسنى).ئەگەر شۇنداق بولماي قېپ قالسا مەن چۇقۇم قاتنىشاتتىم،ۋوردپرېستە بلوگ قۇرىمەن دەپ كۆپ پۇتلاشتىم ئەمەسما…شۇنىڭ بىلەن يەنە شۇ بلوگباستا ئوتتۇراپ قالدىم ئايپاتەمدەك… :roll:

    • ئۇيغۇربەگ | 15:30 | 2012.02.24 جاۋاب

      تاللاپ ئۆتىلىدىغان دەرسلەرنى تاللاپ تۇرۇس دەرسىگە چىقمىسا بېكاردە. ماۋۇ دەرسنى تۇرايىمىزدىكى بلوگگېرلار چوقۇم ئۆتۈلىدىغان دەرس دەپ ئۆگەتسە بولامىكى!

  • چەۋەندازلار | 13:31 | 2012.02.24 جاۋاب

    يېڭىلىقكەن ھە بۇ. مەن قاتنىشىشنى تازا قارار قىلالمايۋاتىمەن جۇمۇ :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 15:31 | 2012.02.24 جاۋاب

      ھەي، يازمىنى تولۇق ئوقۇڭ دەيمەن…

  • izyar | 14:08 | 2012.02.24 جاۋاب

    مىنىڭ ۋاقتىممۇ چىقمىغۇدەك دەرسلىرىمنىڭ تولالاقىدا !!!! :roll:

    • ئۇيغۇربەگ | 15:31 | 2012.02.24 جاۋاب

      ھەي، يازمىنى تولۇق ئوقۇڭ دەيمەن…كېسەكچى ئىزيار…

  • ئۇدۇن | 14:15 | 2012.02.24 جاۋاب

    مىش-مىش پاراڭلار فەچەتقۇ!!! :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 15:31 | 2012.02.24 جاۋاب

      سىزمۇ ئىنكاس كۆرگىلى كەلگەن ئوخشىمامسىز؟

  • رىنات | 18:58 | 2012.02.24 جاۋاب

    مەن ئەلۋەتتە تاللاپ ئوقۇيتىم… چۈنكى مەندىكى كومپىيوتېرغا بولغان قىزىقىش ئەمما….ۋەھشى. :grin:

  • alsihat | 14:39 | 2012.02.25 جاۋاب

    مەن ئۇيغۇرچە سۆزلىسە ئۇقۇيتۇم :lol: ئەمما ئىنگىلىزچە بولسا دەرىس ۋاختىدا ئۇخلاپلا چىقىمەن :lol:

  • ئۇيغۇربەگ | 15:14 | 2012.02.25 جاۋاب

    ئورۇسچە ئۆتۈپ قالسا ئوقۇمسىز؟
    مەسىلە تىلدا ئەمەس : نېمىشقا ئوقۇيمىز ئىدى…

  • ۋەتەن | 15:20 | 2012.02.25 جاۋاب

    مەن شۇ فاكۇلتېتتىن بولىمەن ، ھازىر بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى بەك ياخشى ، دەرس سۆزلەپ «ئىنكاسنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئىنكاس مەدەنىيىتى» دېگەن قىسمىغا كەلدۇق. قىزىققۇچىلاربولسا مانا بۇ شۇ فاكۇلتېتنىڭ تور بەت ئادىرىسى : http://weten.me/

  • ۋەتەن | 15:24 | 2012.02.25 جاۋاب

    مەن شۇ كەسىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولىمەن، ھازىر بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى بەك ياخشى ، دەرسنى سۆزلەپ «ئىنكاسنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە دىۋان مەدەنىيىتى »دېگەن بابقا كەلدۇق. مانا بۇ يەرگە كىرىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ:http://weten.me/

    • ئۇيغۇربەگ | 05:50 | 2012.02.26 جاۋاب

      ۋەتەن دېگەن بىر سەرگەردان بالا، باللا، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا ھەم ۋىرۇس بار، ئاگاھ بولغايسىزلەر! :shock:

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif