WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى

psd-photoshop-freebies-012

WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىگە بەك كۆنەلمىگەچكە ئەزەلدىن بىرى Windows Live Writer ئىشلىتىپ يازما يىزىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەمما يېقىندا مەلۇم بىر بلوگنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى ھۆددىگە ئالغاندىن كېيىن، بلوگگېرنىڭ تەلىپى بويىچە يازما تەھرىرلىگۈچىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بىر قانچە قىستۇرمىلارنى ئىزدەپ، ئاخىرى قىستۇرمىسىزمۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشكە قادىر بولدۇم. بۇ يەردە بۈگۈن بۇ رېتسىپنى ھەر قايسى بلوگگېرلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن.


تەدبىرنىڭ بايانى ۋە بايانى

ئەلۋەتتە، WordPress سېستىمىسىدىكى يازما يىزىش تەھرىرلىگۈچى Wordدەك ئۇنچە كۆپ ئىقتىدارلىق ئەمەس.  ئەمەلىيەتتە WordPressنىڭ سۈكۈتتىكى تەھرىرلىگۈچى  TinyMCEنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارى يۇشۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، بىز كود ئارقىلىق بۇ يۇشۇرۇۋېتىلگەن ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنى ئەسلىگە ئەكەلتۈرۈپ، تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتەلەيمىز، مەسىلەن: يازما پارچىلاش، خەت چوڭلىقىنى بېكىتىش، ماۋزۇ بېكىتىش دېگەندەك. ئۈنۈمى تۆۋەندىكى سۆرەتتىكىدەك:

yazma2

خوش، ئەمىسە جىڭ گەپكە ئۆتەيلى.

كود ئويناش مەشىقى باشلاندى!

تۆۋەندىكى كودنى functions.php ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى كود ?> نىڭ ئالدىغا چاپلاڭ:

function enable_more_buttons($buttons) {   

    $buttons[] = 'hr';   

    $buttons[] = 'del';   

    $buttons[] = 'sub';   

    $buttons[] = 'sup';    

    $buttons[] = 'fontselect';   

    $buttons[] = 'fontsizeselect';   

    $buttons[] = 'cleanup';      

    $buttons[] = 'styleselect';   

    $buttons[] = 'wp_page';   

    $buttons[] = 'anchor';   

    $buttons[] = 'backcolor';   

    return $buttons;   

    }   

add_filter("mce_buttons_1", "enable_more_buttons"); 

يۇقارقى كوددا يۇشۇرۇۋېتىلگەن كونۇپكىلار تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدار ئىستونىدىكى  بىرىنچى قۇردا پەيدا بولىدۇ. خالىسىڭىز ئىككىنچى قۇرىدا ياكى ئەڭ ئاستىنكى قۇرىدا پەيدا قىلالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودلاردىن خالىغان بىرىنى يۇقارقى كوددىكى add_filter("mce_buttons_1", "enable_more_buttons"); دېگەن كودلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.

ئىككىنچى قۇرغا چىقىرىش كودى:

add_filter("mce_buttons_2", "enable_more_buttons");

ئەڭ ئاستىدىكى قۇرغا چىقىرىش كودى:

    add_filter("mce_buttons_3", "enable_more_buttons");   

شۇنداق قىلىپ يۇقارقى كودلار ئارقىلىق قىستۇرما ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشكە قادىر بولدۇق.



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 7


7 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • سەھرالىق | 14:40 | 2012.09.5 جاۋاب

    دىۋان فەتىھ قىلىندى!

  • wiros | 04:05 | 2012.09.6 جاۋاب

    تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن سۇلتانىم !!!!

  • تەشنايى | 04:40 | 2012.09.6 جاۋاب

    تۇغۇلغان كۈنلىرىگە مۇبارەك بولسۇن جانابى بەگ! يىڭى بىر ياشقا كىرگەندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولغاي…

  • نۇرنىجات | 06:20 | 2012.09.6 جاۋاب

    ۋوي!بۈگۈن بەگنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىتى؟تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

  • huxhuy | 00:30 | 2012.09.9 جاۋاب

    بۇ ئىقتىدار قوشۇلغاندىن كېيىنكى ئۈنۈمىنى كۆرسەك بولاتتى. رەسىم يوقمۇ؟ بېگىم… :?:

  • تورسودا | 04:45 | 2012.09.14 جاۋاب

    ئاشۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى شۇ بۇرادەر…. :smile:

  • تورسودا | 04:47 | 2012.09.14 جاۋاب

    ئۈنىمى بەك ياخشىۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ….

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif