WordPressچىلەر ئۈچۈن تەۋسىيە كىتاب: WordPress بلوگ قۇرۇش ۋە شۇغۇللىنىش

بلوگىمىزغا چۈشكەن بەزى ئىنكاسلاردىن ھەمدە مېنى ئۇدۇل ئىزدەپ كەلگەن بىر قىسىم يېڭى-كونا بلوگگېر دوستلارنىڭ پارىڭىدىن مۇشۇ WordPress ھەققىدە خۇددىي دۇنياقارا بلوگى تەمىنلىگەن Blogbus دەرسلىكىدەك بىر دەرسلىك كىتابنىڭ بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىشقانلىقىنى ئېيتىشقان ئىدى، بەزىلەر ھەتتا بولسا بىزنىڭ قول سېلىپ بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىشقانلىقى دېگەن بولسىمۇ. گەرچە ‹‹دەرسلىك ئىشلەيمىز›› دەپ بىر مەزگىل داۋراڭ سېلىپ ھەمدە قول سېلىپ بىر قىسىم ‹‹دەرسلىك››نى تاماملىغان بولساقمۇ، مۇشۇ دەرسلىكلەرنى تاماملاش داۋامىدا ‹‹دەرسلىك تۈزۈش››نىڭ قانچىلىك جاپالىقىنى ھىس قىلغاچ، WordPress ھەققىدىكى يازمىچە دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قىزىقىپ كەتمىدىم، قىسقىسى ئۇنىڭغا سەۋىيە يوق ئىدى

 

. ئالدىنقى كۈنى، گۈدۈك تورىدا ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ WordPress ھەققىدىكى بىر كىتابنى داڭلىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدىم، كىيىن ئىلقۇت بلوگىدىكى پەنگىيار ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ مۇندەرىجە قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپتىكەن، ئۆزۈممۇ بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ 360 بەتلىك بۇ كىتابنى تىز سۈرئەتتە كۆرۈپ چىقتىم، قاراپ باقسام مەيلى كىتابنىڭ سەۋىيىسى بولسۇن مەيلى مەزمۇنى بولسۇن خېلى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ، ناۋادا خەنچە ساۋادى بار دوستلار بولسا، مەزكۇر كىتابنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن! ناۋادا، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشقا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان يولداشلار بولسا، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى ئويلۇشۇپ بېقىشقا بولغۇدەك!…
تۆۋەندىكىسى ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مەزكۇر كىتابنىڭ مۇندەرىجە قىسمىنىڭ تەرجىمىسى(مەنبە مەنزىلى: http://blog.ilqut.com):

بىرىنچى باب: Web 2.0 دىن باشلانغان ئىنقىلاب دولقۇنى
1.1 Web 2.0 ئىنقىلابى
1.1.1 Web 2.0 نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى
1.1.2 Web 2.0 نىڭ ئاساسىي روھى: ئۇزۇن قۇيرۇق نەزىرىيەسى (The long tail)
1.1.3 Web 2.0 تورى ياكى مۇلازىمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى
1.2 بلوگ دېگەن نېمە؟
1.2.1 بلوگنىڭ پەيدا بولۇشى
1.2.2 بلوگ ۋە ئادەتتىكى تور بېكەتنىڭ ئوخشىماسلىقى
1.3 WordPress دېگەن نېمە؟
1.3.1 WordPress نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە يادروسى
1.3.2 WordPress نىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى
1.4 BSP دىن پايدىلىنىپ بلوگ قۇرۇش
1.4.1 BSP نىڭ ئارتۇقچىلىقى
1.4.2 BSP نىڭ كەمچىلىكى
1.5 BSP دىن باشقا تاللاش

1.5.1 ئۆزلۈكىدىن قۇرۇلغان سۇپىنىڭ ئالاھىدىلىكى
1.5.2 WordPress نىڭ كەمچىلىكى
1.6 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئىككىنچى باب: سىزنىڭ WordPress ڭىزگە بىر ئائىلە تەييارلاش
2.1 بلوگ تورىنىڭ مۇلازىمىتىرىنىڭ ئاساسىنى چۈشىنىش
2.1.1 مۇلازىمىتىرغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى
2.1.2 تور بەت مۇلازىمىتىرىنى چۈشىنىش
2.1.3 سانداننىڭ تۈرى
2.1.4 تور بەت تىلى
2.2 ئوخشاش بولمىغان مۇلازىمىتىر مۇلازىمىتىنى تاللاش
2.2.1 دۆلەت ئىچى ISP مۇ ياكى دۆلەت سىرتىدىكى ISP؟
2.2.2 مۇلازىمىتىر تۈرىنى تاللاش
2.2.3 مۇلازىمىتىر مەشغۇلات ئېغىزىنى تاللاش
2.2.4 مۇلازىمىتىرنىڭ چەكلىمىسى
2.3 ھەقسىز مۇلازىمىتىر ۋە ئۆزى قۇرغان مۇلازىمىتىر
2.3.1 ھەقسىز مۇلازىمىتىر
2.3.2 ئۆزى قۇرغان مۇلازىمىتىر http://blog.ilqut.com
2.4 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئۈچىنچى باب: مەخسۇس WordPress ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تور نامى ۋە مۇلازىمىتىرنى ئىلتىماس قىلىش
3.1 WordPress بلوگىنىڭ تور نامى مەسىلىسى
3.1.1 ئوخشاش بولمىغان تور نامىنىڭ پەرقى
3.1.2 تور نامى ئىلتىماس قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
3.2 تور نامى ئىلتىماس قىلىش جېڭى
3.2.1 ھەقسىز تور نامى ئىلتىماس قىلىش
3.2.2 ھەقلىق تور نامى ئىلتىماس قىلىش
3.3 مۇلازىمىتىر ئىلتىماس قىلىش جېڭى
3.3.1 ھەقسىز مۇلازىمىتىر ئىلتىماس قىلىش
3.3.2 ھەقلىق مۇلازىمىتىر ئىلتىماس قىلىش جېڭى
3.4 تور نامى ۋە مۇلازىمىتىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش
3.4.1 ھەقلىق تور نامىنى ھەقلىق مۇلازىمىتىرغا توغرىلاش
3.4.2 ھەقسىز تور نامىنى ھەقلىق مۇلازىمىتىرغا توغرىلاش
ھەقسىز مۇلازىمىتىر ۋە ھەقلىق تور نامى
3.5 بۇ بابتىن خۇلاسە

تۆتىنچى باب: WordPress نى قاچىلاش ۋە تەڭشەش
4.1 زۆرۈر بولغان cPanel مەشغۇلاتىنى چۈشىنىش
4.1.1 ھۆججەت مەشغۇلاتى
4.1..2 ساندان مەشغۇلاتى
4.2 WordPress قاچىلاشنى باشلاش
4.2.1 WordPress كە ئېرىشىش
4.2.2 WordPress نى قاچىلاش
4.3 چوقۇم ئىشلىتىلىدىغان WordPress قورالى
4.3.1 چوقۇم ئىشلىتىلىدىغان shh
4.3.2 چوقۇم ئىشلىتىلىدىغان WinSCP
4.4. بۇ بابتىن خۇلاسە

بەشىنچى باب: ئەڭ مۇكەممەل LAMP مۇھىتى قۇرۇش
5.1 مەۋھۇم مۇلازىمىتىر ئىشلىتىپ WordPress قۇرۇش
5.1.1 رەسمىي شۇغۇللىنىدىغان بلوگ
5.1.2 مەۋھۇم مۇلازىمىتىر بىلەن ئوخشاش بولغان WordPress مۇھىتى قۇرۇش
5.2 LAMP مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەۋھۇم مۇلازىمىتىر قۇرۇش
5.3.1 LAMP مۇھىتىنى تەڭشەش
5.3.2 ئەڭ قوللىنىشچان دېتال ۋە قوراللارنى قاچىلاش
5.4 WordPress زاپاسلاش مۇلازىمىتىرى مەشغۇلاتى
5.4.1 LAMP
مۇلازىمىتىرى تەييارلاش
5.4.2 Windows ئابۇنىچىلار مۇلازىمىتىرى تەييارلاش
5.4.3 زاپاسلاش مۇلازىمىتىرىنى رەسمىي مۇلازىمىتىر نەشرىگە كۆتۈرۈش
5.5 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئالتىنچى باب: WordPress تىكى ئاساسىي ئىشلىتىلىشى
6.1 WordPress نىڭ ئالدى سۇپا ۋە ئارقا سۇپىسىنى چۈشىنىش
6.1.1 WordPress نىڭ ئالدى سۇپىسى
6.1.2 WordPress نىڭ ئارقا سۇپىسى
6.2 ئارقا سۇپا ئاساسىي مەشغۇلاتى
6.2.1 تور بەت ۋە مەزمۇن قىسمى
6.2.2 يان تەرەپ ۋە باشقا قىسىم
6.2.3 WordPress دىكى ئىنكاس
6.3 ئۇسلۇب ۋە قىستۇرما تونۇشتۇرۇلۇشى
6.3.1 ئۇسلۇب
6.3.2 WordPress قىستۇرمىسى
6.4 بۇ بابتىن خۇلاسە ئىلقۇت بلوگى http://blog.ilqut.com نى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

يەتتىنچى باب: بىلمىسە بولمايدىغان WordPress ئالىي ئىقتىدارى
7.1 بىر پارچە مۇكەممەل يازما يوللاش
7.1.1 مەزمۇندىن باشقا
7.1.2 WordPress نىڭ ئىچكى تەھرىرلىگۈچىدىن پايدىلىنىش
7.1.3 رەسىم، سۈرەت، ئاۋاز، ۋىدىئولار جىپسىلاشقان يازما
7.1.4 ئىقتىدار خەتكۈچ كەچمىشى: ئالىي يازما يوللاش كونترول ئىقتىدارى
7.2 ئۇلانما ۋە بلوگ بەت ئايرىشنىڭ قوللىنىشى
7.2.1 ئۇلانمىنى باشقۇرۇش
7.2.2 بلوگ بەت ئايرىش ھەققىدە چۈشەنچە
7.3 قانداق قىلغاندا ئەزالارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغىلى بولىدۇ؟
7.3.1 ئەزا ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشنى باشلاش
7.3.2 ئەزا رولىنىڭ ھوقۇق چۈشەندۈرۈلۈشى

7.3.3 ئەزالار ئالىي ئىقتىدارى
7.4 قورالدىن پايدىلىنىپ WordPress نى كېڭەيتىش
7.4.1 WordPress نىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش
7.4.2 ئاپتۇماتىك ھالدا WordPress نىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈش
7.5 تېخىمۇ كۆپ WordPress ئىقتىدارى
7.5.1 ئادەتتىكى ئىقتىدارى
7.5.2 يېزىش ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىنى سەپلەش ھەققىدە چۈشەنچە
7.5.3 مۇقۇم ئادىرىسنى سەپلەش ئىقتىدارىنى تۇنۇشتۇرۇش
7.6 بۇ بابتىن خۇلاسە

سەككىزىنچى باب: بلوگىڭىزنىڭ WordPress ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىڭ
8.1 ئۇسلۇبنىڭ قۇرۇلمىسى
8.1.1 بلوگ قۇرۇلمىسى
8.1.2 ئۇسلۇب ھۆججىتىنى تونۇش
8.2 XHTML بەتنى چۈشەنچىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش
8.2.1 بەت ياساشتىكى تۇنجى قەدەم: دەسلەپكى HTML ئىزدىنىشى
8.2.2 HTML دىنمۇ مۇكەممەل ۋە ياخشى بولغان XHTML
8.2.3 HTML  ۋە XHTML نىڭ پەرقى
8.2.4 XHTML نى تولۇق چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ خەتكۈچ ۋە خاسلىقىنى قوللىنىش
8.3 PHP ئۇسلۇب خەتكۈچى دۇنياسىغا كىرىش
8.3.1 ئۇسلۇب خەتكۈچى دېگەن نېمە؟
8.3.2 ئۇسلۇب خەتكۈچىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟
8.3.3 get_archives پايدىلىنىش سەپلىمىسى
8.3.4 تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى ئۇسلۇب خەتكۈچىنى تونۇش بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى: http://blog.ilqut.com
8.4 بۇ بابتىن خۇلاسە

توققۇزىنچى باب: CSS دىن پايدىلىنىپ ئۇسلۇب بەت تىزمىسىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش
9.1 CSS نى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟
9.1.1 سىز CSS نى دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىمۇ؟
9.1.2 تەييارلاشقا تېگىشلىك قورال
9.1.3 بىلمىسە بولمايدىغان CSS ئۇقۇمى
9.2 ئاسانلا CSS غا كىرىش
9.2.1 CSS تاللىغۇچى ھەققىدە ئاددىي چۈشەنچە
9.2.2 تور بەتتە CSS نى قوللىنىش
9.2.3 دائىم قوللىنىدىغان CSS تىلى
9.2.4 CSS تىلىنىڭ قىسقاتىلىپ يېزىلىشى
9.3 CSS نى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش
9.3.1 رەسىم ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى
9.3.2 CSS چۈشەندۈرۈش ئۈنۈمى ياساش
9. 3.3 CSS دىن پايدىلىنىپ جەدۋەلنى رەتلەش ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار
9.3.4 رەسىمدىن پايدىلىنىپ ئۇلانما خېتىنى ئالماشتۇرۇش
9.4 بۇ بابتىن خۇلاسە
ئونىنچى باب: كېڭەيمە قىستۇرمىلىق WordPress ئىقتىدارى
10.1 ئالدى سۇپىدا يازما يوللاش تۈرى
10.1.1 Simple Tags: يازمىغا خەتكۈچ قوشۇش
10.1.2 WP-PageNavi: بلوگقا بەت قوشۇش
10.1.3 WP-PostViews Plus: يازما زىيارەت قېتىم سانىنى سىتاتسىتىكىلاش
10.1.4 Front-end Editor: بىۋاستە ئالدى سۇپىدا يازما تەھرىرلەش
10.2 يان ئىستون بۆلەك تۈرى
10.2.1 Random Posts: ئىختىيارى يازما كۆرسىتىش
10.2.2 Get Recent Comments: ئەركىن ھالدا ئىنكاس تەھرىرلەش ۋە نەقىل ئېلىش شەكلى
10.2.3 WP-dTree: يازما تۈرى، يازما ئارخىپىغا شاخسىمان مۇندەرىجە قوللىتىش
10.3 ئىنكاس ۋە سۆز قالدۇرۇش تۈرى
10.3.1 Akismet: ئەخلەت ئىنكاسنى ئۈنۈملۈك توسۇش

10.3.2 Custom Smilies: ئىنكاس رايونى چىراي ئىپادىسى
10.4 سىستېما باشقۇرۇغۇچى تۈرى
10.4.1 Delete-Revision: ئارتۇق يازما نەشرىنى چىقىرىپ تاشلاش
10.4.2 Clean Options: ۋوردپرەس قىستۇرمىسىنى تولۇق يۆتكەپ چىقىرىۋېتىش
10.4.3 Permalink Redirect: مەڭگۈلۈك تور ئادرىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلمىسى
10.4.4 Search Everything: بلوگنى ھەممە يەردە ئىزدىگىلى بولىدىغان قىلىش
10.4.5 WordPress.com Stats: بلوگ زىيارىتىنى سىتاتسىتىكىلاش
10.5 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئون بىرىنچى باب: يارقىن ئۈنۈم ئارقىلىق WordPress نى ئۆزگىچە قىلىش
11.1 Ajax نى تونۇش
11.1.1 Ajax دېگەن نېمە؟
11.1.2 Ajax يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تونۇش
11.2 Ajax ئىزدىنىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش
11.2.1 يازمىدا قولايلىق چاپلىما ئىشلىتىش
11.2.2 بىر بېلەت تاشلاش سىستېمىسى قۇرۇش
11.2.3 ئىنكاس تاپشۇرۇپ بەت يېڭىلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش
11.3 jQuery نى تونۇش
11.3.1 jQuery دېگەن نېمە؟
11.3.2 ئاددى بولغان jQuery نى ئىشلىتىش
11.3.3 jQuery UI ئامبىرى
11.4 ئۆزئارا jQuery ئىزدىنىشى

11.4.1 hover نى سۆز قالدۇرۇشتا ئىشلىتىش
11.4.2 سۆز قالدۇرۇشنى يىغىش ئۈنۈمى
11.4.3 Tab خەتكۈچ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يان ئىستوننى توپلاشتۇرۇش

11.5 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئون ئىككىنچى باب: بلوگنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان سىستېمىسىنى چۈشىنىش
12.1 Alexa قاتارى
12.1.1 Alexa بولسا تور بېكەتنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى
12.1.2 Alexa نى ئىشلىتىشنى باشلاش: Alexa تور بېكەتنى چۈشىنىش
12.1.3 تور بېكەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى چۈشىنىش
12.1.4 Alexa قورال تاياقچىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش
12.2 Google PR قىممىتى
12.2.1 PR نىڭ پرىنسىپى
12.2.2 PR ئاچقۇچى (مۇھىم نوقتىسى) نى ئىگەللەش
12.3 بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى ئىگەللەش
12.3.1 Google Analytics نى تونۇش
12.3.2 ئوقۇرمەن قەيەردىن كېلىدۇ؟
12.3.3 بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىم مەنبەسىنى ئىگەللەش
12.3.4 يازما مەزمۇنىنى ياخشىلاش

12.3.5 Google Analytics دىن پايدىلىنىپ سېلىشتۇرۇش
12.4 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئون ئۈچىنچى باب: بلوگىڭىزنى ئومۇملاشتۇرۇڭ
13.1 مەزمۇندىن باشلاش
13.1.1 بلوگنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەش
13.1.2 مەزمۇن سىزنىڭ ئەجەللىك تېخنىكىڭىز
13.1.3 TrackBack نى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
13.2 ئوبرازىڭىزنى قانداق تىكلەش كېرەك؟
13.2.1 ئۆزىڭىزنىڭ RSS ئادرېسىڭىزنى قۇرۇڭ
13.2.2 ئۆزئارا ئۇلانما كەم بولسا بولمايدۇ
13.3 نام چىقارغاندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
13.3.1 كۆچۈرمىكەشلىككە يول قويماڭ
13.3.2 ئوقۇرمەننىڭ يۈرەك سۆزىگە سەل قارىماڭ
13.4 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئون تۆتىنچى باب: SEO نىڭ مۇھىملىقى
14.1 SEO دېگەن نېمە؟
14.1.1 ئىزدەش ماتورىنىڭ ھەرىكەت پرىنسىپى
14.1.2 SEO نىڭ ئوبيېكتى
14.2 ئاساسىي SEO بىلىملىرى
14.2.1 مۇناسىۋەتلىك تور بەتنىڭ ئۆزىنىڭ پرىنسىپى
14.2.2 مەزمۇننىڭ SEO پرىنسىپى
14.3 WordPress كە قارىتىلغان SEO
14.3.1 WordPress نىڭ ئۆزىدىكى SEO سەپلىمىسى
14.3.2 بىر قېتىم تاماملىنىدىغان SEO قىستۇرمىسى
14.4 تولۇق بولغان SEO ئۈلگىلىرى
14.4.1 SEO قىلىشقا ماس كېلىدىغان بلوگ
14.4.2 ئاساسىي SEO سەپلىمە
14.4.3 ئالىي SEO سەپلىمە
14.5 بۇ بابتىن خۇلاسە بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئون بەشىنچى باب: بلوگدىن پايدىلىنىپ كىرىم قىلىش
15.1 بلوگنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى
15.1.1 ياردەم بەرگۈچى ئورۇننى ئىزدەپ تېپىش
15.1.2 ئېلان تورىدىن پايدىلىنىش
15.2 مەزمۇننى قانداق قىلغاندا پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
15.2.1 Google Adsense ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش
15.3 سىزنىڭ تۇنجى تالونىڭىز
15.3.1 پۇل ئېلىش پۇرسىتى
15.3.2 پۇلنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
15.4 دائىم كۆرۈلىدىغان تالاش-تارتىش ۋە قوللىنىش مەسىلىسى
15.4.1 Google Adsense ھېساباتىڭىز توختىتىلغاندا
15.5 بۇ بابتىن خۇلاسە تىخىمۇ نادىر يازمىلار http://blog.ilqut.com ئىلقۇت بلوگىدا

ئون ئالتىنچى باب: ئالاقە تورى (SNS) بىلەن توپلاشتۇرۇش
16.1 مىكروبلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بلوگ
16.1.1 مىكروبلوگنى تونۇش
16.1.2 بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كەتكەن مىكرو بلوگ: گۈدۈك
16.2 باشقا WordPress قەبىلىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش
16.2.1 WordPress قەبىلىلىرىنى ئىزدەپ تېپىش
16.2.2 ئالاقە ئالماشتۇرۇشتىكى «ئىككى بولماسلىق» تەدبىرى
16.3 بۇ بابتىن خۇلاسە

ئون يەتتىنچى باب: ماس قەدەملەشتۈرۈش ۋە WordPress تور بەتلىرىنى زاپاسلاش
17.1 مەۋھۇم مۇلازىمىتېر ئىشلىتىش تېخنىكىسى
17.1.1 VMware Player نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش
17.1.2 VMware Player نى ئىشلىتىپ مەزكۇر كىتابنىڭ قوشۇمچە دېسكىسىدىكى مەۋھۇم مۇلازىمىتېرنى ئىشلىتىش
17.2 زاپاسلاشقا تېگىشلىك سان-سىفىرلارنى چۈشىنىش
17.2.1 زاپاسلىماقچى بولغان تور بەت سان-سىفىرىغا ئېنىقلىما بېرىش
17.2.2 زاپاسلىماقچى بولغان ساندان سان-سىفىرىنى جەزملەشتۈرۈش
17.2.3 سان-سىفىرنى زاپاسلاش مۇلازىمىتېرىغا ئەسلىگە كەلتۈرۈش
17.3 ئاپتوماتىك زاپاسلاش قۇرۇپ WordPress نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
17.3.1 Linux دىكى يىراقتىن ئىجرا قىلىشنى تونۇش
17.3.2 rsh ۋە scp دىن پايدىلىنىپ يىراقتىن ئىجرا قىلىش ۋە ھۆججەت چىقىرىش
17.3.3 ئاپتوماتلاشقان زاپاسلاش-ئەسلىگە قايتۇرۇش مىخانىزمىنى قۇرۇش
17.4 بۇ بابتىن خۇلاسە

مەزكۇر كىتابنىڭ خەنزۇچە ئېلكىتاب نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار

Dbank تور بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈڭ

115 تور بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈڭ ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار

مەزكۇر كىتابنىڭ قوشۇمچە دېسكىسىدىكى مەۋھۇم مۇلازىمىتېرنى چۈشۈرۈڭ



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 1


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تۇرسۇنجان | 07:33 | 2012.05.18 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇشۇنداق ياخشى ماترىياللاردىن بىز نى خەۋەردا قىلغانىڭىز غا كۆپ رەخمەت ، مەن بىر يىڭى ھەۋەسكار ، مۇشۇنداق بىر ماترىيالغا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىدىم ، مانا سىزنىڭ تۇرايىڭىز دىن تاپتىم ، ئىسلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن ;-)

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif