[ تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى ] تېئومان – ئىستانبۇلنىڭ كۈز پەسلى

teoman_cal

‹‹ئىستانبۇلنىڭ كۈز پەسلى››ناملىق بۇ ناخشىنى قانچە قېتىملاپ ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن، ئەمما مەزكۇر ناخشىدىكى مىلودىيەگە تويۇنغان كۈي بىلەن ناخشا تېكىسىتىدىكى مۇڭنىڭ مېنى قانچىلىك جەلىب قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.

1,612 گىرادۇس 1

[تەرجىمە ناخشا تېكىسىتى] مۇستافا سەندال–پەرىشتە يۈزلۈكۈم

Mustafa Sandal

مۇستافا سەندال – مەن ھەم ياخشى كۆرىدىغان تۈرك پوپ ناخشىچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا بىر خىل جۇشقۇنلۇق ئۇرۇپ تۇرىدۇ. مەن مۇستافانىڭ ناخشىسى بىلەن ئۇنىڭ ‹‹بازاردىن مازارغا قەدەر››ناملىق ناخشىسى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ ‹‹مېنىڭ ھاياتىم››(ئىنگىلىزچە)،‹‹ئىسيانكار››قاتارلىق ناخشىلىرىنى قانچە قېتىم ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن. بۈگۈن تەرجىمە قىلغان ‹‹پەرىشتە يۈزلۈكۈم››ناملىق بۇ ناخشا تېكىسىتىمۇ ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى تەرجىمە قىلىنغان. ئەپسۇسكى، مەكتەپ  IPv6رىمنى چەكلىۋەتكەن بولغاچ، سۈزۈك فىلىم مەنبەيىم ئۈزۈلۈپ قېلىپ مەزكۇر ناخشىنىڭ خەتلىك نۇسخىسىنى ئىشلەش مۇمكىن بولمىدى. شۇنداقتىمۇ، مەزكۇر ناخشىنى ئاڭلاپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن.

2,889 گىرادۇس 11

تولىمۇ مەنىلىك ئىنگىلىزچە بىر جۈملە: Woman without her man is nothing

ئىنگىلىز تىلى دەرسى ۋاقتى، ئوقۇتقۇچى دوسكىغا تۆۋەندىكى جۈملىنى يېزىپتۇ: Woman without her man is nothing، ئاندىن ساۋاقداشلارنى مەزكۇر جۈملىگە تىنىش بەلگىلىرى قويۇشقا بۇيرۇپتۇ، ئوغۇللار مۇنداق قويۇپتۇ:Woman, without her man, is nothing(يەنى، ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرىسىز ھېچنېمە ئەمەس)، قىزلار بولسا مۇنداق قويۇپتۇ: Woman, without her, man is nothing(يەنى، ئەرلەر، ئايالسىز ھېچنېمە ئەمەس)، تىنىش بەلگە قويۇش تۈگىگەندىن كېيىن، سىنىپ بىر پەس جىمجىتلىققا چۈشۈپتۇ، چۈنكى ھەممەيلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىپ بولغان ئىدى…

3,016 گىرادۇس 10

‹‹نيۇ-يوركتا بەش مۇنار››نىڭ باش ناخشىسى‹‹تىجىمەل دۇنيا›› ھەققىدە

kinopoisk.ru

يېقىندا قۇتيار مۇنبىرىدىكى يولداشلار تۈركىيەنىڭ 2010-يىللىق نادىر فىلىملىرىدىن بولغان ‹‹نيۇ-يوركتا بەش مۇنار››نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تاماملاپ ئېلان قىلدى. بۇ فىلىمنى ئەينى چاغ، سۈزۈك نۇسخىسى تېخى چىقمىغان ۋاقتىدا، كىنوخانىدىن ئوغۇرلۇقچە تارتىۋالغان نۇسخىسىدىن كۆرگەن ئىكەنمەن، ئەمما ئاۋاز سۈپىتى ئاجايىپ ناچار بولغاچ، تۈزۈكمۇ زوق ئالالماي ئۆتۈپ كەتكەن، ئاندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرۈپ ئاندىن خۇماردىن چىققان ھەمدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان( بۇ ھەقتە تەسىراتىمنى ئىمتىھاندىن كېيىن تەپسىلىي يازغۇسىمەن) ئىدى، تۆنۈگۈن قۇتيار مۇنبىرىدە بۇ فىلىمنى قايتىدىن كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەمدە باش ناخشىسى بولغان ‹‹تىجىمەل دۇنيا››نى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

4,437 گىرادۇس 6