WordPress بلوگىدىكى قسىتۇرمىلارنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى يۇقىتىش
-
سەھىپە:WP تېخنىكىسى
باھا:13 دانە
02-05-2012
باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ. قىستۇرمىلارنى بەك يېڭىلىغىڭىز كېلىپ كەتسە ئەڭ ياخشىسى كومپىيوتېرىڭىزدا بىر قېتىم سىناق قىلىپ بولۇپ، ئاندىن قەدىرلىك بلوگىڭىزدىكى قىستۇرمىنى يېڭىلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. ئاخىرىدا سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم قىستۇرمىلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلىتىڭلار.
كود قىسىمى:
تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ function.php ھۆججىتىنىڭ ئەك ئاستىغا چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
remove_action( ‘load-update-core.php’, ‘wp_update_plugins’ );
add_filter( ‘pre_site_transient_update_plugins’, create_function( ‘$a’, ”return null;“ ) );
?>