
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز بلوگداشلار، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش داۋامىدا تورغا كۆپ چىقىپ بولالمىدىم، ئەمما سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. ئەلھەمدۇلىللا، يېقىندا خىزمەتكە ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىپ، ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇم. بۇرۇن نۇرغۇن بلوگگېرلارنىڭ ئۇسلۇب ياساپ بېرىش تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ئەمدىلىكتە ۋاقتىم ئازراق بولسىمۇ سېلىككەچ مەزكۇر يازمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمەن، WordPress ئۇسلۇب ياساتماقچى ياكى دوراپ ياساتماقچى بولسىڭىز مەزكۇر يازمىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ…
4,325 گىرادۇس
![[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا جەجەللى ئورۇنلىشىدا – سوقۇلغىن](wp-content/uploads/2013/06/mustafa-ceceli-es_副本.jpg)
تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا جەجەللى تۈركىيەدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشا چولپىنى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ھەر يىلى تۈركىيەدىكى ئالقىشلانغان ئون ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرىدۇ. بلوگىمىزدا بۇرۇن مۇستافا جەجەللىنىڭ 2011-يىلىدىكى مودا ناخشىسى «ئۆكسۈك»نى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان، بۇ قېتىم ئۇنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئىجادىيىتى «سوقۇلغىن»نى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. ھەۋەسكارلار ئۈچۈن مەزكۇر ناخشىنىڭ سۆزى ۋە سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…
2,776 گىرادۇس
«ھۆكۈمران ئۈزۈك» يۈرۈشلۈك كىنوسىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلار ھە قاچان مۇشۇ يۈرۈشلۈك كىنونىڭ ئالدىنقى بابى بولغان «خوببىتلار»نىڭ بىرىنچى قىسمى بولغان «خوببىتلار1: غايىبانە سەپەر»نى كۆرۈپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن. ھەقاچان بۇ كىنونىڭ داۋامى بولغان « خوببىتلار2: دەشتى سىماگ»نى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانسىلەر؟ خوش، كىنوسى چىقىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر كىنونىڭ كەمىنە تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرگەن تەشۋىقات فىلىمىنى بىر كۆرۈپ چىقمامسىلەر؟…
2,465 گىرادۇس
![[خەتلىك فىلىم] سىلەر ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالامسىلەر؟ (ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋېلىڭ)](wp-content/uploads/2013/06/r34_20093011_副本.jpg)
ھەر قېتىم ئۆزىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەم بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن، باشقىلاردەك ئىسلامىي بىلىملەردە پىشقان ۋە تەقۋادار بولالمىغانلىقىمىزدىن، باشقىلاردەك ناتىق بولالمىغانلىقىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ياراتقۇچىمىز ئاللاھ تائالا بىزنى تاشلىۋەتمىدى. تۆۋەندىكى نوتۇقتىن ئىلھام ئېلىش ئارقىلىق قەددىڭىزنى رۇسلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تۇنجى قېتىم بۇ خىل فىلىمنى تەرجىمە قىلىشىم، خاتالىق كۆرۈلسە كەچۈرۈۋەتكەيسىلەر.
11,650 گىرادۇس
![[Wordpress ئۇسلۇبى] سابىق ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ئىشلەتكەن ئىجادىي ئۇسلۇب - Begpro](wp-content/uploads/2013/06/QQ图片20130609005044_副本.jpg)
بىر زامانلاردا WordPress ئۇسلۇبى ياساشقا قاتتىق ھېرىسمەن ۋاقىتلىرىم يىنىك بلوگى دىيەن دىيەن(点点) تورىدىكى بىر ئۇسلۇبنى دوراپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ناملىق سابىق بلوگىمدا ئىشلەتكەن ئىدىم. ئەمدى ئۇ بلوگمۇ يوق بولدى، مەزكۇر ئۇسلۇبنى ھامىنى ئىشلەتمىگەنكىن ياقتۇرغان ۋە تەلەپ قىلغان بلوگداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم.
4,509 گىرادۇس

يانفونلارنىڭ ئەقلىيلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىرىمىز يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىشقا كۆنۈپ كەتتۇق، شۇنداقلا بلوگىمىزغا يانفون ئۇسلۇبى ياساش ئىھتىياجىمىز ئېشىشقا باشلىدى. بۇرۇن «WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!» ناملىق يازمىمىزدا قىستۇرما ئارقىلىق يانفون ئۇسلۇبى ھاسىل قىلىشنى ئۆگەنگەن بولساق، بۇ قېتىم يانفون ئۇسلۇبىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ ئۆتىمىز.
2,578 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، بۈگۈن 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى. ئالدى بىلەن ئوماق ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ شۇنداقلا ئۆزىنى بالا چاغلايدىغان بلوگداشلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بالىلار بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن…بىر زامانلاردا مەنمۇ بالا ئىدىم، بالا بولغاندىمۇ تولىمۇ ئويچان بىر بالا ئىدىم، غايىلىرىممۇ بەك-بەك كۆپ ئىدى، ھازىرغۇ چوڭ بوپ كېتىپ شۇ غايىلىرىمنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم، بۈگۈن مۇشۇ بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلىقدىكى بىر قىسىم سەبىي غايىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم، مېنىڭ غايەمگە قىزىقامسىلەر؟ ئەمىسە…ئايرىمخانىگە مەرھەمەت…
4,218 گىرادۇس
ئەمرە ئايدىن مەن ياقتۇرىدىغان تۈرك ئارتىسلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىكى لىرىكا، سۆزىدىكى بەدىئىيلىك ماڭا بەك ياقىدۇ،بىر زامانلاردا تۇرايىمىزدا ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «سوغۇق خانەلەر»، «خۇشۋاغ قال» قاتارلىق ناخشىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان. بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلاردا ئۇنىڭ يەنە بىر ئەسىرى بولغان « بەلكى بىر كۈن ئەسلەرسەن» بولىدۇ، قېنى، يازمىغا مەرھەمەت…
2,131 گىرادۇس
ئوقۇش پۈتتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، تۈركچە ئۆگۈنۈشۈمنى تاشلىۋەتكىلى خېلى بوپتۇ. بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، مۇشۇ يېڭى تۈركچە ناخشا-ئەسەرلەرنى كۆرۈپ باقاي دەپ تور ئارىلاۋېتىپ تۈركىيە ناخشىچىسى فەتتاھ جاننىڭ ئورۇنلىشىدىكى « قۇرۇق ئىستاكان»نى ئۇچراتتىم ۋە شۇھامانلا ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىۋەتتىم. ياقتۇرغانلارغا چۈشۈرۈش ئادرېسى ھەم تەييار.
3,405 گىرادۇس

بىر زامانلاردا ئۇيغۇربەگنىڭ مەرھۇم كەپىسىدە «گۈزەلىم» دېگەن ناخشىسى بىلەن داڭقى چىقىپ كەتكەن مەكتەپداش ئىنىم ئۆمەرجان ئاتەش مۇشۇ قىشلىق تەتىلدە ئۆزىنىڭ كونا بىر ئىجادىيىتى بولمىش «كېچەلەرى»گە ئاتايىن MV ئىشلەپ چىقىپ مەكتەپدىكىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى، MVنىڭ سەۋىيىسى يامان ئەمەس، ھەممىدىن مۇھىمى ناخشىسى يامان ئەمەس بولغاچقا، بۇ يېڭى تۇرادا بۇ مەكتەپدىشىمنىڭ داڭقىنى يەنە بىر چىقىراي دەپ بۇ تېمىنى يوللاۋاتىمەن، ئاياقلىرىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ قويغاچ كۆرۈپ باقامسىلەر؟
6,986 گىرادۇس
ئۇزاق بوپتىكەن تېخنىكا ئويناپ باقمىغىلى، بلوگداشلارنىڭ قولى قىچىشىپ قالدىغۇ دەيمەن. بۈگۈن مەن بلوگداشلارغا يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى باسقاندا ماۋزۇسىنىڭ ئورنىدا «يازما ئېچىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئۈنۈمنى قانداق ھاسىل قىلىشنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي، ئۈنۈمىنى مۇشۇ يېڭى تۇرادىكى بىرەر يازمىنىڭ تېمىسىنى چىكىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت…
2,135 گىرادۇس
بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەنئەتكارلار بىرلىشىپ ئېيتقان «تەبىئەت ئۈچۈن چال» يۈرۈشلۈك ناخشىلىرىنى مەلەك بىلەن تەڭ پۈتتۈرۈپ تۈگەتكەن ئىدۇق، ئۇيغۇرچە بەتلەردە بۇ يۈرۈشلۈك ناخشىلار ئىچىدىكى «كۈندۈز كېچە» ھەممىدىن بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم بۇ ئەترەت تۈركىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشى زامانىدا غەلبە نۇسرىتىنى چالغان ھالقىلىق جاي چاناققەلئە ئۈچۈنمۇ بىر ئەسەر ئىجاد قىپتۇ. بۇرۇن مۇشۇ چاناققەلئە ئۇرۇشى ھەققىدە كۆپ ماتېرىيال كۆرۈپ، چاناققەلئەگە غايىبانە ئاشىق بولغان ئىدىم، شۇ يەردە شېھىت بولغان ئەزىمەتلەردىن پەخىرلىنەتتىم. شۇڭا بۇ ناخشا چىققان ھامانلا تەرجىمە قىلىۋەتتىم، بلوگداشلارنىڭ چاناققەلئە ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى بولسا ئاستىدا ئىنكاس شەكىلدە پىكىر بايان قىلسىكەن دەپ ئويلايمەن…
3,230 گىرادۇس