
4 كۈن بۇرۇن، يەنى 10-ماي كۈنى، شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتى چەتئەل تىلى ئېنىستېتۇتىنىڭ باكلاۋېرلىق دېسسېرتاتسىيىسى ياقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈدىغان كەمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۇيغۇر پەرزەنتى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلى بولغان بۇ ئىشقا جىددىي تەييارلىق قىلدۇق ۋە ئۇتۇقلۇق ھالدا تامام قىلدۇق.
6,437 گىرادۇس
مەزكۇر كىنونى نەچچە يىل بۇرۇن تۈركچە بىلمەيدىغان زامانلىرىمدا كۆرۈپ قان قۇسۇپ يېغلىۋەتكەن ئىدىم، يېقىندا چالا تۈركچەم بىلەن بۇرۇنقى ھېسلارغا ئوخشىمىغان ھېس-تۇيغۇلىرىم بىلەن كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە ئۆزەمچە ئاقسالىق قىلىپ كىنونىڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان كىنو ناخشىسىنى تەرجىمە قىپ باقتىم. تەرجىمىدىن زىرىككەنلەر بېشىمغا تاش-توقماق ئاتمىسۇن دەپ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدىم، مەزكۇر يازمىنىڭ باش نۇقتىنەزىرى ئەلۋەتتە تەرجىمىدە…
3,795 گىرادۇس

ئاپەت چىققاندا بەزى خەنسوچە بېكەتلەر ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا قارىلىق تۇتىشىدىكەن. يەنى بەت سۈررەڭ ھالەتكە ئايلىنىدىكەن، بېكەتكە قارىلىق تۇتۇش دېگەن ئاتالغۇنى كىم بۇرۇن ئىشلەتكەن، قارىلىق تۇتۇش ۋاجىپمۇ دېگەندەك مەسىلىلەر بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئۇنداق ئۈنۈمنى قانداق ھاسىل قىلىمىز، بۇ دەل بۇ يازمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى.
2,526 گىرادۇس
تۇرپاندىكى تۇيۇق مازار كەنتى نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي ئۇيغۇر كەنتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1700 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارالماقتا. مەزكۇر كەنتتە ھازىرغا قەدەم ساقلىنىپ قالغان مىللىي ئەنئەنە، تىل بايلىقلىرى شۇنداقلا ئىمارەتلەر تۇيۇقلۇقلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىنى يۇرۇتۇپ بەرمەكتە ئىكەن. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى سىنا مىكروبلوگىدىكى بىر قېرىندىشىمىز تاپشۇرۇق يۈزىسىدىن ئىشلەپ چىققان بولسىمۇ، بىزگە قىممەتلىك بولغان تارىخىي ۋە دىنىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، قېنى نەزىرىڭىز مەزكۇر فىلىمدا بولسۇن…
4,753 گىرادۇس

شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»، ئەڭ ئاۋۋال بۇ بايراملىرىنىڭ قۇتلايمەن. دوپپىمىز مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جۇلاسى، مىللىي كىملىكىمىزنىڭ بەلگىسى، دوپپا – خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى تارىخىمىزنىڭ نامايەندىسى، دوپپىنى سۆيگەنلىك مەدەنىيىتىمىزنى سۆيگەنلىك، دوپپىنى سۆيگەنلىك مىللىي كىملىكىمىزنى سۆيگەنلىك، دوپپىنى سۆيگەنلىك سەلتەنەتلىك تارىخىمىزنى سۆيگەنلىك(خۇددىي تېلىۋېزور ئالدىدا سۆزلىگەندەك سۆزلىۋەتتىما…)،خوش، ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا مەن مەكتەپداش ئىنى-سىڭىللىرىم بىلەن سىنا مىكروبلوگىدىكى «دوپپا مەدەنىيەت ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈن شۇ گۇرۇپپا بۈگۈنكە ئاتاپ بىر قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا(ما گەپنى چۈشەنگەنسىلەر؟)نى ئىشلەپ چىقىپتۇ، قانداقراق ئىشلىگەندۇ؟…
2,898 گىرادۇس

سىنا مىكروبلوگىدا ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىدىغان ئىشىم بار، سىنا مىكروبلوگى شۇ تاپتا جۇڭگۇدا يېڭىلىنىشچانلىقى ئەڭ چوڭ بولغان دوستلىشىش خاراكتىرىدىكى چوڭ بېكەتلەرنىڭ بىرى، Twitter ئەندىزىسىنى دورىغان بۇ مىكروبلوگ سۇپىسى شۇ تاپتا جۇڭگۇدىكى داڭدار شەخىسلەرنى، چولپان-مۇتەخەسىسلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلىپ قالماستىن، يەنە دۇنياۋى ئورگانلار، مەسىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلات-ئورگانلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەنىڭ سابىق مېنىستىرى لۇ كى ۋېن(陆克文) قاتارلىقلارنى ئۆزىگە تارتقان، ئەلۋەتتە، مەزكۇر سۇپىدا كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرى، رېياسەتچىلەر، ناخشىچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك قىزىقچىلار قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرىمۇ جايلاشقان. مۇشۇ سۇپىدا يەنە «دوپپا مەدەنىيەت ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى» دېگەن بىر بلوگمۇ بار، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بلوگ سىنا مىكروبلوگىدا «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» نامىدا پائالىيەت ئويۇشتۇرغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا خېلى قىزغىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يىلىمۇ مەزكۇر بلوگ «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نىشانى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت كۈنى»نى تەبرىكلەش، مىللىي روھنى كۈچەيتىش، مىللىي خاسلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىدى. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئىشلەۋاتقان، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپ قاتنىشىپ، پائالىيەتنى پائال قوللاپ كەلدى…
4,733 گىرادۇس

ھەممە بلوگداشلارغا پۇر كەتكەندەك، نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن بلوگلار شۇنداقلا ماڭا ئىشىنىپ تور ناملىرىنى ساقلاشقا بەرگەن تورداشلارنىڭ تور ناملىرىغا قارا قول تەگكەندىن كېيىن،ماڭا ناھايىتى زەربە بولدى، بلوگ ساھەسىدىن شۇ پېتىلا يوقاپ كېتەي دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن بلوگلاردىن بىردەمدىلا ۋاز كېچىشكە يۈرۈكۈم چىدىمىدى. نۇرغۇن بلوگداشلار، جۈملىدىن نەچچە يىللىق ھەمكاردىشىم پرېستان، تورخۇمارنىڭ ئاپتورلىرىدىن تەدبىركار ۋە ۋىروس، كۆككەپتەر بلوگى، ئىزتىل بلوگى، مۇئەللىم بلوگى، سابىق تەشنايى بلوگى ۋە ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ بولالمىغان باشقا بلوگ-بېكەتلەرنىڭ ئاتامانى مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى قايتا باشلىۋېلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەپسۇسكى، بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ ئىشى بېشىمنى ئاغرىتسا، بىر جەھەتتىن تور ناملىرى يوقالغان بلوگداشلارنىڭ بلوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش يۈكۈمنى ئارتتى، بىر قىسىم تورداشلار يېڭى تور نامدا يېڭىدىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلسا، بىر قىسىم تورداشلار ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملارنى ماڭا سوۋغا قىلىپ، ئەسلىدىكى تورناملارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشىمنى تەۋسىيە قىلىشتى، بۇ يەردە مەن مېنى قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن بارلىق خالىس نىيەتلىك تورداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت سىلەرگە.
7,985 گىرادۇس
ئۆزۈمنى ۋىروس-پىتلاردىن ناھايىتى يىراق، ئوغرىلىنىشدىن ئۇزاق دەپ قارايتىم، ئۆزەمگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن، قويۇلىشتىن ئامان قالىمەن دەي ئويلايتىم، ئەمما بۇ بىر ئايدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تارتقان زىيىنىمنى ئاز دەپ نەچچە قېتىم قويۇلدىم. بۇلارغۇ مەيلىتىغۇ؟ ئەمما… يېقىندا ماڭا يەنە كۆز تەگدى. نەچچە ھەپتە بۇرۇن QQرىمنى ئوغرى ئېلىپ، چوڭ ئاۋارىچىلىق سالغان بولسا، ئەمدى يېقىندا بۇ ئوغرىلار ماڭا يەنە باشقىچە ھۇجۇم قىلىشتى….
2,278 گىرادۇس

ھەربىر بلوگ ھەۋەسكارلىرىغا ئايان بولغىنىدەك،بىز ھەمىشە بلوگىمىزنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە،كۆركەم قىلىشقا تىرىشىمىز.مەسىلەن:يازمىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش،ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش،بلوگغا ئىقتىدار قوشۇش،SEO ئەلالاشتۇرۇش دىگەندەك.بىزنىڭ بلوگىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىزنى ئەلۋەتتە،ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدۇ.ئەمما،شۇنىسىنى ھەم ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى،بىز شۇ تىرىشىش داۋامىدا بىلىپ-بىلمەي زىيارەتچىلىمىزنى ساقىت قىلىپ تاشلاپ،ئۆزىمىزنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قالىمىز.ئاندىن،بۇ ئىشلار ئاخىرى كېلىپ زىيارەتچىلىرىمىزنى بىزار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ…
1,530 گىرادۇس

ئىنكاس يېزىش بلوگىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاشتىكى قورالى، شۇنداقلا ئىنكاس ئارىسىدا چىراي ئىپادىسى قوشۇلسا، چايغا ناۋات سالغاندەكلا ياخشى ئىش. WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى بەكلا مەتو، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق، شۇڭا ئۆزۈم شاققىدە بۇرۇنقى چىراي ئىپادىسنىڭ ئورنىغا باشقا چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇ. wordpress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى 22 تال بولۇپ، بىر-بىرىدىن سەت، بەتبەشىرە…ھا ھا… (چىراي ئىپادىسىنى لايىھەلىگەن كىشى بۇ گېپىمنى كۆرسە قانچە تىللا مېنى)
1,192 گىرادۇس

قاچانمۇ بىر تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، قاچانمۇ بىر خەتلىك كىنو ياساشنى ئۆگەندىم، شۇنىڭدىن كېيىن پۇرسەت ۋە ۋاقىت چىقسىلا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن شۇنداقلا ماڭا ياخشى تۇيۇلغان ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە خەتلىك قىلىپ تەييارلاپ «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» نامى ئاستىدىدىكى يۈرۈشلۈك خەتلىك ناخشىلارنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇپ كەلدىم. بۇ جەرياندا تەرجىمەم چولتىلىقتىن، تېخنىكىلىق خاتالىقدىن ساقلىنالمىدى، شۇنداقتىمۇ مېنىڭ بۇ قىزغىنلىقىم بوشاپ قالمىدى، تورداشلارمۇ ۋاقتىدا ئىنكاسلارنى يېزىپ، يوقلىشىپ تۇردى، ناخشا يوللانمىغان ۋاقىتلاردا چ چ ۋە ئېلخەت ئارقىلىق ئىزدەپ مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردى…
4,095 گىرادۇس

يېقىندىن بۇيان word ئىشلىتىپ مۇنداق بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم، مىسال ئېلىپ بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرەي. word تا يېڭى ھۆججەت قۇرغاندىن كېيىن 1-قۇرغا ماۋزۇ يازدىم، ئاستىغا بولسا مەزمۇن يازدىم. ئەلۋەتتە ماۋزۇ ئوتتۇرغا توغرىلىنىشى كېرەك. ئەمما ماۋزۇنى ئوتتۇرغا توغرىلىسام ئاستىدىكى مەزمۇنمۇ توغرىلىنىپ كەتتى. ماۋزۇنى قارا خەت قىلسام، مەزمۇنمۇ قارا خەت بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي ئوڭشىيالمىدىم. قىززىق يېرى باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇرۇپ تەييار قىلىنغان word ھۆججىتىنى بولسا قانداق تەھرىرلىسەم شۇنداق ئۆزگەردى، ئاچچىقىمدا تاسلا قالدىم word نى قايتا قاچىلىغىلى. توردىن ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقىپ قالدى. ئوڭشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1,363 گىرادۇس