[ ياش بلوگگېرلارغا ئۇيغۇربەگدىن ئۈگۈت] ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ 5 ئادىتى

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا

ئاز كەم بىر يىلدىن بىرى تورغا چىقالماي، ئۇيغۇر بلوگ ئىشلىرىنى كۈزىتەلمىگەن ئىدىم، يېقىندىن بىرى ۋاقتىم چىقىپ، كونا-يېڭى بلوگلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، نەتىجە شۇكى بلوگ ئوينايدىغان يالغۇز مەن ئەمەسكەنمەن، خېلى سالماق بلوگلارمۇ، كەسپىيلەشكەن شەخسىي بلوگلارمۇ مەيدانغا چىقىپتۇ، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال، ئەلۋەتتە. خوش، تېمىغا كەلسەك، بىلگىنىڭلاردەك ئۆزۈممۇ بىر كونا بلوگگېر بولغاچقا، بلوگشۇناسلىق ھەققىدە ئويلىغان بىر تىمامنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي دەپ مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھەر قايسىڭلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بەرسە تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.

3,565 گىرادۇس 28

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا تۈركىيەنىڭ بەلەدىيە سايلىمى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى بولسا ئەسلى تاتارلارنىڭ نوغاي دېئالىكېتىدا ئېيتىلغان ناخشىدىن ئۆزگەرتىلگەن ناخشا «دومبىرا»دۇر. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

6,193 گىرادۇس 39

[ئىجادىيەتلىرىمدىن] قىز قەلئەسىدە ئىككى ئەتتىرگۈل

[ئىجادىيەتلىرىمدىن] قىز قەلئەسىدە ئىككى ئەتتىرگۈل uyghurbeg

شۇنچە شېئىرلارنى يازدىم، ئويلاپ باقسام ئەتتىرگۈل ھەققىدە شېئىر يېزىپ باقماپتىمەن. دوستۇمنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالغاچ، ئۆلۈپ كەتكەن شېئىرىي تۇيغۇلىرىمدىن ئەتتىرگۈلنىڭ مەندىكى شېئىرىي مەناسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىم، ئەپسۇسكى ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئەمما خاتىرەمنىڭ كىچىككىنە رۇجەكلىرىدە ساقلىنىپ قالغان ئەسلىمەمگە كۆرە، كىچىك ئاكام بىلەن بىر يامغۇر ئارىلاش قار ياغقان ئىنتايىن سوغۇق بىر كۈندە، ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈن ئەتتىرگۈلنى كىچىككىنە بىر سۇلياۋ چېلەككە تاشلاپ، كوچىمۇ-كوچا يۈرۈپ سېتىپ باققان ئىدىم.

3,264 گىرادۇس 16

[ كۈندىلىك خاتىرەمدىن ] غېرىبسىنغان ئۇيغۇربەگ

[ كۈندىلىك خاتىرەمدىن ] غېرىبسىنغان ئۇيغۇربەگ gheribsinghan Uyghurbeg uyghurbeg

شائىرلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى، سازەندىلەرنىڭ مۇڭلىرىنى چۈشەنمەيدىغان مەن ئەمدىلىكتە بولسا ۋەتەن، ئۇرۇق-تۇققان، مېھىر-مۇھەببەت ھەققىدە يازغان قۇرلىرى، چالغان كۈيلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ھەر بىر نەپەسلىرىدە مەن ئېتىراپ  قىلىشقا پېتىنالمىغان بىر غېرىبلىقنى، بىر خىل تەنھالىقنى ئىپادىلەپ بېرىۋاتقاندەك، ئاشۇ نەپەسلەرنى ئۇلار ئەمەس، مەن ئېلىۋاتقاندەك، قەلەمنى ئۇلار ئەمەس مەن تۇتۇۋاتقاندەك، سازنى ئۇلار ئەمەس، مەن چېلىۋاتقاندەك ھىس قىلماقتا ئىدىم. ..

2,523 گىرادۇس 17

[ ئىجادىيەتلىرىم ] تۈركىيەم ئاھ تۈركىيەم!…

Uyghurbeg istanbul Turkiye sheir

نەچچە ئايدىن بىرى تۈرك چولپانلىرىنىڭ دىيارىمىزغا ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشى ئۈندىدار، تور بېكەتلەردە تۈركىيە ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارغا شاھىد بولدۇم، گەرچە بۇ تالاش-تارتىشتا ئىككىلا تەرەپنىڭ ھەق ھەمدە ناھەق تەرەپلىرى بولسىمۇ، تۈركىيەنى بىھۇدە ئەيىبلەش ھەمدە سەبىيلەرچە تەلپۈنۈشلەرگە قاراپ ئىچىم  ئېچىشتى، چۈنكى مەنمۇ بىر زامانلاردا تۈركىيەدىن چوڭ ئۈمىدلەر كۈتكەن، تۈركىيەگە بەك تەلپۈنگەن، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن تۈركىيەنى چۈشۈنۈشكە تېرىشتىم، تۈركىيەدىن رەنجىشىمىزنىڭ ھېچ ئورنى يوقلۇقىنى چۈشەندىم، مەزكۇر قوشاقسىمان شېئىر مۇشۇنداق ھىسلارغا تولغان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز پۈتۈپ قالدى…

2,495 گىرادۇس 10

يۇرتىنى يوقاتقان ئادەم – چىڭگىز تاغچى

600_22862_kirimli-korkunc-yillarjpg_副本 چىڭگىز تاغچى تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن تۈرك ئەدەبىياتى سەھنىسىدە داڭق قازانغان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. چىڭگىز تاغچىنىڭ رومانلىرىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ كۈلپەتلىك ھاياتى ئېچىنىشلىق ئەمما روشەن بىر شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، «تۈركچە مېنىڭ ئانام ماڭا گەپ قىلغان تىلدۇر» دەپ تۈرك تىلىدا(تۈركىيە تۈركچىسىدە) ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدۇ. چىڭگىز تاغچىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «يۇرتىنى يوقاتقان ئادەم»، «ئۇلارمۇ ئىنسان ئىدى»، «ئۆلۈم ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەر»، « شۇ توپراقلار بىزنىڭ ئىدى»، « قايتىش »، « ئانامغا يازغان خەتلەر»، «ماڭا ئوخشاش بىرى»، « بىر قىرىم ھېكايەسى» قاتارلىقلار بار.

2,122 گىرادۇس 4

[خەتلىك ناخشا ] تۈركىيە ناخشىچىسى ئەمرە ئايدىن ئىجراسىدا يېڭى ناخشا – ئەپسۇس

Emre-Aydin-Ses

ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر كۆڭلى بار، ھەر كۆڭۈل ئۈچۈن بولسا بىر ناخشا بار. يېقىندىن بۇيان مېنىڭ كۆڭلۈمگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ناخشا تاپالماي، كۆڭۈل خانەمگە يۇشۇرۇنغان سىرلىرىمنى ئاشكارىلىيالماي تولىمۇ قىينالغان ئىدىم. تەلىيىمگە يارىشا، كۆڭۈل خانەم ئۈچۈن بىر ناخشا تاپتىم، كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئىنتايىن رازى بولدۇم. بۈگۈن سىلەرگە ئەپ كەلگىنىم بولسا، تۈركىيە ناخشىچىسى ئەمرە ئايدىن ئىجراسىدا يېڭى ناخشا – ئەپسۇس. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ۋە تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

3,014 گىرادۇس 7

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەن ئىجراسىدا يېڭى ناخشا – نېمە پەرقى

biyografi_副本
تۈركىيە ھەققىدە يازىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى، ئەمما نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ھېچ ئولتۇرۇپ يازالماي كەتتىم، شۇنداقتىمۇ بلوگىمنى پات-پات مارىلاپ تۇرىدىغانلارغا يېقىندا تەرجىمە قىلغان بىر قانچە ناخشىلىرىمنى سونۇشنى ئويلاشتىم. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى تۈركىيە ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەن ئىجراسىدا يېڭى ناخشا «نېمە پەرقى». ۋاقتىڭلار يەتكەندە ئاڭلاپ قويارسىلەر. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

3,028 گىرادۇس 3

ئۇيغۇربەگدىن ھەيرانلىق: ئىستانبۇل تور بازىرى ئېلان قىلىندى……

QQ图片20131229224437_副本

نەچچە ئايلىق ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاش، كۈزىتىش ۋە تىرىشىپ ئەمەلىلەشتۈرۈش داۋامىدا دىيارىمىز بۇيىچە تۇنجى بولۇپ تۈركىيەدىن بىۋاستە دىيارىمىزغا مال سالالايدىغان كەسپىيلەشكەن تور دۇكىنى ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇل تور بازىرى بۈگۈن ئاخىرى پۈتۈپ ئىشقا سېلىندى…

4,554 گىرادۇس 21

ئىستانبۇلدا ئاممىۋى قاتناش – قولايلىق ۋە قولايسىز

170_63_851_1280-Taksim-Tunel-Tramvay_副本

ئىستانبۇلغا كېلىشدىن بۇرۇن، دۇنياۋى شەھەر دېگەن ئۇقۇم كاللامغا ئورنۇتۇلۇپ كەتكەن بولغاچقىمۇ، ئىستانبۇلنىڭ قاتناش ئىشلىرىنى ئىلىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرى بولغان بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجىنلىرىگە، ھەتتا مەن تىجارەت قىلغىلى بارغان خوڭكوڭ شەھىرىگە سېلىشتۇراتتىم، ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەندىكى ھاياجاندا دىققەت قىلمىغان قاتناش كېيىنرەك ئىشلىرىم ئىزىغا چۈشۈپ ئوقۇش، ئىشلەش ۋە ھېيت-بايراملاردىكى مېھماندارچىلىقلار داۋامىدا دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتىشقا جەلىب قىلدى، مېنىڭ بۇ يازمام بولسا ئىستانبۇلغا تېخى ئۆزلىشىپ بولالمىغان كەمىنىنىڭ قىسقىغىنە ئويلىرى، يازمامدا ئارتۇق ياكى كۆپتۈرۈلۈپ كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزىتىپ، كام قالغان جايلىرى بولسا تولۇقلاپ قويۇشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىمەن، ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت…

3,427 گىرادۇس 19

مەن يوقاپ كەتمىدىم، ئەمما بىلمەيمەن: مەن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن؟

ruhumuzu-dinleme-zamani-uc-aylar_副本

تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، بىر قانچە سۈرەت ئەسەرلىرىمنى ۋە بىر قانچە ناخشىلارنى يوللاپ قويغاندىن باشقا، ئۆزۈم ھەققىدە بايان بېرىشنى ئۇنتۇپ كەپتىمەن، راست گەپنى قىلسام تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزۈممۇ ئىتىراپ قىلىمەن، بىلىنمەيلا يوقاپ كەتتىم، توردىن زىرىككەن ئوخشايمەن دەپمۇ ئويلىدىم، تۈركىيەنىڭ ئاستا ئەمما رېتىمسىز مۇھىتىدا كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي يۈرۈپ نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. شۇنداق، مەن يوقاپ كەتمىدىم، ئەمما بىلمەيمەن: مەن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن؟…

2,129 گىرادۇس 10

تۈركىيە جۇمھۇرىيەت بايرىمىدىن بىر شىڭگىل

DSC_0248_副本

«جۇمھۇرىيەت بايرىمى پارىتىنىڭ مانىۋىرىدىن بىر شىڭگىل» ناملىق يازمىدا ئېيتىلغاندەك 29-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت بايرىمى ئىدى ھەمدە بۇ كۈننى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئاقساراي تەرەپتە پارات بولدى، كەمىنە بۇ پاراتقا كېچىكىپ قالغان بولساممۇ شۇنداقلا رەسىمگە تارتىش تېخنىكام چەكلىك بولسىمۇ بىر قانچە رەسىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلدىم. مەقسەت: شۇ كۈندىكى بىر قىسىم ئەسلىمىلەرنى سۈرەت ئارقىلىق سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىش…

4,441 گىرادۇس 7