يېڭى ئەپ «ئۆتكۈرنامە»نىڭ قوزغىلىش رەسىم ۋە ئايكون لايىھەسى

app-icon

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا بىر قانچە ئايلىق تەييارلىق ۋە ئىزدىنىش داۋامىدا پۈتكۈزگەن مەرھۇم شائىر، يازغۇچى، ئەدىپ ۋە ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ توقسان پارچىدىن ئارتۇق شىئىرلىرىدىن پۈتۈلگەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپنى ئەپ بازىرىغا يوللاپ بولدۇم. ئەپ ئېلان قىلىنىشدىن بۇرۇن، ياش لايىھىلىگۈچى ئابلىمىت ئابلەت(Giant) لايىھەلىگەن ئەپ قوزغىلىش رەسىمى بىلەن ئايكونىدىن ھۇزۇر ئالايلى.

1,324 گىرادۇس 8

[ساياھەت خاتىرىسى] موسكىۋا خاتىرىسى (1)

Offices Banner Moscow

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇنىڭدىن تەخمىنەن يېرىم ئاي بۇرۇن ئاللاھنىڭ خالىشى، ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى، دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكىۋاغا ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. گەرچە ئۆزۈمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە بولغان ئىشەنچىم ياخشى بولمىسىمۇ، ئاشۇ ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى شۇنداقلا شۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىمنى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشدىن بۇرۇن ئاددىي سۆزلىرىم ئارقىلىق خاتىرىلەپ قۇيۇشنى ئويلاپ، كومپىيۇتېر ئالدىغا يېتىپ كەلدىم. ئىنشائاللاھ، سىلەرنىڭ يازمامنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

1,272 گىرادۇس 8

سەن كەتكەندە

سەن كەتكەندە

سەن كەتكەندە جان دادا،
سورىغانتىم سېنى ھەممىدىن.
مومام دېدىكى،
جەننەت دېگەن يەرگە كەتتى،
پات يېقىندا كېلىدۇ قايتا.

تاغام دېدىكى،
ساڭا ماشىنا ئالغىلى كەتتى،
پات ئارىدا كۈلىدۇ قايتا.

دوستلىرىڭ دېدىكى،
ئوغلۇم ئېلى
داداڭ يىراق يەردە سېنى كۈتمەكتە،
سەن ئەر بولغاندا قايتىپ كېلىدۇ.

 

سېنى كېلىدۇ دېگەنلەر
قاتار بولۇپ كەتتى پىشىڭدىن.
مەن ھەم سېنى كۈتەر ئەر بولدۇم،
لېكىن سەن كەلمىدىڭ.

2015-يىلى 25-ئاۋغۇست

750 گىرادۇس 9

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە،
سائەتلەر ھالسىز.
بىر توپ ئادەم سىياقلار،
يۈرىشەر جانسىز.
ئادەم دېمە، چىرايلار
مۇز تەلەت، قانسىز.
ھۇدۇقىشار جۈپ كۆزلەر،
يۈرەكلەر ئەنسىز.

 

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە.
كوچا لىق مۇردا.
مەسچىت جىمجىت، گۆر جىمجىت،
دىلدا يوق خۇدا.

 

2015-يىلى 25-ئاۋغۇست

421 گىرادۇس 0

مەن شېئىر ئوقۇدۇم

مەن شېئىر ئوقۇدۇم

 

تاڭ يۇرىغاندا
يۈرۈكۈم بىر نەرسىنى خالىغاندەك بولۇپ
قولۇمغا چىقتى بىر كىتاب
ئىچىدە لىققىدە شېئىر…

 

بىر ساقىينىڭ رومكىلارغا شارابنى ئۇستاتلىق بىلەن قۇيغىنىدەك ئەمەس،
بىر ئاشىقنىڭ مەھبۇبەسىدىن كەلگەن خېتىنى ئاۋايلاپ ئاچقان ھالىتىدە
شېئىرلارنى بىر-بىرلەپ ئوقۇشقا كىرىشتىم.

 

مەن شېئىر ئوقۇدۇم،
بەلكىم شېئىر مېنى ئوقىدى.
مەن شېئىر ئوقۇدۇم،
ياكى شائىر مېنى توقىدى.

 

شېئىر دېدىكى،
شېئىر كۆڭلۈڭنىڭ قىتىغا بارىدۇ،
دەردىڭنىڭ ئۇلىغا تىگىدۇ،
شائىر سېنىڭ سېپىللىرىڭنى بۇزۇپ
يۈرۈكۈڭنىڭ ئىسيانىنى پايخان قىلىدۇ.

 

شائىر دېدىكى،
شېئىردۇر بىر ھېكمەت،
شائىردۇر بىر ھەقىقەت.
مەن،
خالىسام سېنى ئەل قىلىمەن،
خالىسام ساڭا قۇل بولىمەن.
مەن ساڭا سۆيگۈ شارابىنى ئىچتۈرۈپ،
كوھىقاپتىن سەلتەنەت قۇرىمەن.

 

بەرھەق،
شېئىر يۈرۈكۈمنىڭ قېتىغىچە باردى،
شائىر ئۈمۈدىمنىڭ پايانىنى تاپتى.
ئەمما،
يۈرۈكۈمدىكى يارىلار شۇ پېتى قالدى.

 

2015-يىلى 27-ئاۋغۇست

392 گىرادۇس 0

قەھۋە

قەھۋە

 

مەن قەھۋەگە خۇمارمەن.
شېكەرلىك، سۈتلۈك بىر قەھۋەگە.
ئوخشاش سەھەرنىڭ ئوخشىمىغان سائەتلىرىدە
يۈرۈپ قالىمەن قەھۋە ئىچىشكە.
ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى قەھۋەخانا
ماڭا بۇرجىكىدىن-تۈڭلۈكىگىچە تونۇش،
ئولتۇرىدىغان يېرىممۇ تونۇش بىر يەردە.
ئىشىكدىن كىرىپ ئوڭغا بۇرۇلسام
كونا بىر تېلىۋېزور بار توختىماي سۆزلەيدىغان
ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئىككى كىشىلىك ئورۇن
دەل ماڭىلا خاس ئورنۇمدۇر.

 

كۆيۈك پۇراپ تۇرىدىغان قەھۋە
ماڭا يېڭى ئەسلىمە قالدۇرمايدۇ.
مەندەك ۋەتەنسىرىگەن بىرىگە،
ئۇيغۇرسىرىغان بىرىگە،
ئەسلەتمەيدۇ بىرىنى،
ئانا يۇرتىنى
چېيىنى…

 

2015-يىلى 29-ئاۋغۇست

428 گىرادۇس 1

ئۇيغۇربەگ خىزمەتتە…

books3980x360__thumb.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. خىزمەت سەۋەبىدىن ئىككى ئايدىن ئۆيدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، كومپىيۇتېر ئ‍الدىغا كېلەلمەي قالدىم. ئويلاپ باقسام، خىزمەت قىلىشمۇ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەن، دىققىتىمنى خىزمەتكە باغلاپ قۇيۇپ، نۇرغۇن بېسىملاردىن ۋە ئارتۇق ئەندىشىلەردىن قۇتۇلۇپ قالدىم. ھەممىڭلارنى سېغىندىم، ماڭا ئېلخەت ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق سالام يوللىغان ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.

954 گىرادۇس 4

ئۇيغۇربەگ تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ئۈچۈن لەشكەر تارتىڭلار…

ئۇيغۇربەگ تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ئۈچۈن لەشكەر تارتىڭلار…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بىلگىنىڭلاردەك، ئۈرۈمچى كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى شۇ تاپتا ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم باسقان بولۇپ، «ئەڭ» مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:00 دە باشلىنىدۇ. ئۇيغۇربەگ تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ئۈچۈن لەشكەر تەشكىللەپ بىلەت تاشلىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تەپسىلاتىنى كىيىنكى بەتتىن ئوقۇڭ.

1,708 گىرادۇس 7

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – قەسەم قىلدىم

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – قەسەم قىلدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن خەتلىك فىلىم ئىشلەشدىن ئىنتايىن سوۋۇغان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ياخشى دەپ قارايدىغان ھەۋىسىمنى توختىتىپ قويۇشقا مەيلىم بارمىدى(ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!). يېقىندا مەن ياخشى كۆرىدىغان تۈرك چولپانى تاركان مەرھۇم شائىر، ئۇستاز ۋە ناخشىسى كاياخاننىڭ ناخشىسى بولمىش « قەسەم قىلدىم » ناملىق ناخشىنى قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، ناخشاخۇمارلىقىم تۇتۇپ، ناخشىنى خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم. ئىشىنىمەنكى، بلوگىمدىكى خەتلىك ناخشا ھەۋەسكارلىرى مەزكۇر ناخشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغۇسى.  ناخشىنى ھەر قايسى فىلىم بېكەتلىرىگە يوللىغان بولساممۇ، تەستىقلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلىگۈسىمەن. ئادرېس يازما ئىچىدە…

2,646 گىرادۇس 40

پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم

پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش داۋامىدىكى 5 تۇيغۇم - ئۇيغۇربەگ بلوگى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭلاردەك، بىر نەچچە ئايدىن بىرى مېنىڭ توردىكى ۋە بلوگدىكى ئاكتىپچانلىقىم تۆۋەنلەپ، سەپرايىم ئۆرلەپ، گەپلىرىم قالايمىقانلىشىپ دېگەندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇربەگ» ۋە «تۈركچەم» دېگەن ئىككى ئەپ ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالدى.  مەن سىلەرنى ئۆز كۆرگەچكە، ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان FBIنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن بىرنى ئاشكارلاپ ئۆتۈۋېتەي، مەنمۇ ھازىر iOS پروگراممىلىرى ئېچىشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن…

1,989 گىرادۇس 32

ئۇيغۇربەگدىن يېڭى ئەپ «تۈركچەم» ئېلان قىلىندى

uyghurbeg-app-turkchem

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئاچماقتا. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئ‍ۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى.

3,238 گىرادۇس 48

تەگئاتىمىز ئۇيغۇربەگ، يىلتىز بويلاپ ماڭىمىز ئەمدى…

uyghurbeg-tegat

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. سىلەر بىلگەن «ئۇيغۇربەگ» بۇ ئىسىمنى 2005-يىلىدىن بىرى كەمىنە مۇھەممەتئەلى بەزىدە تەخەللۇس، بەزىدە تورنام قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. 2005-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا(مەسىلەن:«كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى») قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بېسىلغان كىچىك يازمىلىرىمدا مۇشۇ تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن، 2009-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇربەگ» نامىدا بلوگ ئېچىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم…

1,470 گىرادۇس 21