بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش

بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا بىر قانچە كىچىك ئەپنى ياساش جەريانىدا، ئەپ ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھەر قايسى رازمىدىكى ئەپ ئايكونلىرىنى تەييارلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمما، لايىھە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالمىغاچقا، ھەر قايسى رازمىدىكى ئايكونلارنى تەييارلاش ماڭا قېيىن توختىدى. تور بېكەتلەردىن ئاقتۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭ چارىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپتىم. 

456 گىرادۇس 2

ئاغرىغاندا

ئاغرىغاندا

ئۇيغۇربەگ

چەكسىزلىكنىڭ ئۇپۇقىدىن چۆچۈپ كەلدىم

بىر شەكىلدە ئاغرىغاندا

جان تاتلىق ئىكەن ئەسلى

ئارزۇلىرىم كەتتىغۇ توختاپ

ئاچچىق كۈلۈۋاتىدۇ

دېسەم – دېمىسەم

رەھىمسىز تەقدىرىم شۇتاپ

بوينۇمغا دار يىپى باغلانغاندەك

تەمتىرىدىم لوقماننى ئىزدەپ

كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈپ كەتتى

غەربنىڭ-شەرقنىڭ تىبابىتى

خىيالىمغا ئولاشتى قاتار

مىللى تىبابەتنىڭ ئۈگۈتلىرى

تېخى بايا

يۈگۈرەپ يۈرگەنتىم قۇيۇندەك

ئەمدى ۋاقىت مېنى مىنمەكتە

مەن بولسام ۋاقىتنى يېمەكتىمەن

قولۇمدا كىتاب

تىلىمدا خىتاب

خىزىر ئەلەيھىسالام نەدىسەن!

بۈرزۈكۋارىم غېنىباي

تۇمۇرۇمنى بىر تۇتساڭ

كېسىلىمنى بىر ئۇتساڭ

ۋادەرىخا

ئاشقازىنىم ئاغرىۋاتىدۇ

پىكىرلىرىم ئاغرىۋاتىدۇ

قەلەملىرىم ئاغرىۋاتىدۇ

مەنمۇ ئاغرىۋاتىمەن…

2015-يىلى 16-ئۆكتەبىر

130 گىرادۇس 0

بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

 ئۇيغۇربەگ

ئەي قەلىمىم،
بىلىۋاتىمەن مەندىن رەنجىدىڭ،
سىياھ قۇسۇپ بىر پەس تىنجىدىڭ.
يازالمىدىم سەندە نەسىھەت،
قۇرالمىدىم سەندە سەلتەنەت.
ياراتمىدىم سۆيگۈنى قايتا،
ماختىمىدىم مەجنۇننى ئەسلا.

مەن نېمە قىلدىم؟
مەن ئۇزۇن سۈكۈت قىلدىم،
قىيا تاشنى ئۆرنەك قىلدىم.
شىلدىرلاپ ئاققان سۇلارنى ئەمەس،
گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلنى ئەمەس،
تىۋىشسىز دەرەخلەرنى تۇتېم قىلدىم،
تىمتاس قىرغاقلارنى ئۇدۇم قىلدىم.
بەرھەق!
مەن سۈكۈتنى كېپەن قىلدىم،
قورقۇنچنى چاپان قىلدىم،
ئىلھامىمنى ئولپان قىلدىم.
مەن
ھاياتنى دەپ ھاياتنى ياقتىم،
ئۆزۈم سۆيمىگەن ئىشىكنى قاقتىم…

سۇنمىدىڭ قەلىمىم، سۇنمىدىڭ،
سەن سۇنمىدىڭ مەن سۇلدۇم،
مەن
ئانام قىلغان دۇئالارنى،
ئاتام يارغان ئوتۇنلارنى،
ئاكام يازغان شېئىرلارنى،
بالىلىقىمدا ئالغان ئۈمىدلەرنى،
ھەسرەت ئىچىدە يۈتتۈم.

قەلىمىم،
مەن ۋەتەننى، مەن ئانامنى، مەن ئاكامنى،
ماتەم ئىچىدە سېغىندىم…

2015-يىل 7-ئاۋغۇست ئىستانبۇل

172 گىرادۇس 3

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

1,019 گىرادۇس 23

تەۋسىيە يېڭى ئەپ: كۈنلەر

1588100908

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر.  يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ سانى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم پىشقەدەم بلوگگېرلارمۇ ئەپ ئېچىشقا يۈزلىنىشكە باشلىدى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان سابىق ۋارىس رۇزى بلوگىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىجادىيىتى ئاستىدا پۈتكەن  ئالما تېلىفونلىرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەپ <<كۈنلەر>>نى ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم. 

993 گىرادۇس 6

bulbul.me تور نامى سېتىلىدۇ

internet-browser-2-640x0_copy

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر،  ئۆزۈم بىر زامانلار ئېلىپ ساقلاپ قۇيۇشقا ئالغان ئىسىم بۇلبۇل.مەن(bulbul.me) تور نامى بار ئىدى، ئويلاپ باقسام، بۇ ئىسىمنى قۇچاقلاپ ياتساممۇ ماڭا ئىقتىسادىي زىياندىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدىكەن. ئىچ پۇشۇق بار چاغلاردا، bulbul.me نامىدا بىر تور بېكەتمۇ قۇرۇپ قويغان. مەندە تۇرسىمۇ تۇرىدۇ، ئالىدىغانلار چىقسا سېتىپلىۋېتەي.

325 گىرادۇس 0

مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى «كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى» پىلاستىنكىسى

مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى توپلىمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.  تۈركچە ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى كاياخاننىڭ قايتا ئېيتىلغان ناخشىلىرىدىن پۈتۈلگەن پىلاستىنكا «كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى» ناملىق پىلاستىنكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. كاياخاننىڭ ناخشىلىرى لىرىكىلىق، مەزمۇنلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاركان، ئەمرە ئايدىن، مۇستافا جەجەللى، گۈلشەن، سەزەن ئاقسۇ، سېلا، جاندان ئەرچەتىن، ئاژدا پەككان، نىلوفەر، مەھمەت ئەردەم قاتارلىق داڭلىق تۈرك ناخشىچىلىرى كاياخاننىڭ ناخشىلىرىغا قايتىدىن جان بىرىپتۇ. تۈركىيەدىكى نۇرغۇن رادىئولاردا بۇ ناخشىلار ئۈزۈلمەي قۇيۇلىۋاتىدۇ، شەخسەن مەنمۇ ھازىر قايتا – قايتا ئاڭلاۋاتىمەن.

1,022 گىرادۇس 8

[WordPress ئۇسلۇبى] بۇلبۇل بلوگى ئۇسلۇبى – Deluxe

[WordPress ئۇسلۇبى] بۇلبۇل بلوگى ئۇسلۇبى – Deluxe

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭلارغا، ئائىلەڭلارنىڭ تىنچ – ئامان تىلەكداشمەن(بۇ يەردە قىزغىن بىر چاۋاق بار بولۇشى مۇمكىن). 2015- يىلى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش تۈپەيلىدىن WordPress ھەققىدە تۈزۈكرەك بىر ئىزدىنىشكە قادىر بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، يېڭى يىلغا بىر سوۋغا سۈپىتىدە مۇشۇ يىلى بۇلبۇل بلوگى ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرگەن بىر ئۇسلۇبنى ھەقسىز تارقىتىشنى ئويلاشتىم، ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

914 گىرادۇس 17

تۈركچە ئۆگىنىش ياردەمچىسى «تۈركچەم»نىڭ ئاندىروئىد(Andorid) نەشىرى ئېلان قىلىندى

uyghurbeg-app-turkchem

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئ‍ۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئەپنىڭ iOS نەشىرى بىلەن تەڭ، System تور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمگىكى بىلەن مەزكۇر ئەپنىڭ Android نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلدۇق.

2,902 گىرادۇس 8

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى – گۈل رەڭگى

 ئۇيغۇربەگ-GECEMUZIKMASTER_07_copy

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. خەتلىك ناخشا يوللىمىغىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، سەۋەبى يوللايدىغان يەرمۇ يوق شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئالدىراش بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى مەزگىلدە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ پۈتتۈرۈپ قويغان ئىككى ناخشام بار ئىدى، بەلكىم يېڭى ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان دوستلار بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن خىيال بىلەن، شۇ ناخشىنىڭ بىرى بولغان تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى ئىجراسىدىكى مۇھەببەتلىك لىرىكا «گۈل رەڭگى»نى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، قېنى مەرھەمەت.

1,208 گىرادۇس 8

[ يېڭى ئىجادى ئەپ] ئالما ۋە ئەنجۈر تېلىفونلىرى ئۈچۈن «ئۆتكۈرنامە» قازناقتىن چىقتى

app-icon

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا ئېيتىلغاندەك، ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپ ئاخىرى ئەپ بازىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئەپ دۇكىنىغا يوللاندى. ئەي، ئەنجۈر تېلىفون ئابۇنتلىرى، يېشىڭلارنى سۈرتىۋېتىڭلار، سىلەرمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنسىلەر، بۇ قېتىم سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. بۇدا «ئۆتكۈرنامە»نىڭ ئۇلى ئاندروئىد ئۈچۈنمۇ سوقۇلدى. مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەپنى چۈشۈرمەي، تارقاتماي يۈرۈشكە قەلبىڭىز قانداق ئۇنىسۇن؟ ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى دەھشەتلىك ئاغدۇرۇڭ…

2,762 گىرادۇس 14

يىگىرمە ئالتە ياش

يىگىرمە ئالتە ياش
مۇھەممەتئېلى نىياز ئۇيغۇربەگ

ئايمىدۇر يا كۈنمىدۇر ئۆمرۈم
يوللىرىمغا قەھرىنى چاچقان
غەممىدۇر ياكى دەردمىدۇر تۇيغۇم
تومۇرۇمدا چىچەكلەر ئاچقان.

نەۋباھارنى قوغلاشقان ئىدىم،
زىمىستانغا بوپ قالدىم ئەسىر.
نە ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتتىم،
ئۆتمۈشۈمدىن يارىتىپ قەسىر.

رەنجىيەلمەيمەن سېنىڭدىن پەلەك،
ئۈمۈدلىرىمگە جۇدۇنلار تەردىڭ.
يىگىرمە ئالتە ياشدەك چىراي بىلەن تەڭ
سەكسەن ياشتەك ئەلەمنى بەردىڭ.

2015-يىلى 21-نۇيابىر

437 گىرادۇس 4