[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] بەنگۈ ئىجراسىدا – ھۆرمىتىمدىن

Bengu - saygimdan

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئادانا سەپىرىم تۈگىگەندىن كېيىن، سىلەرگە بىر خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، شۇنچە قېتىملىق ئىمتىھانلاردىن كېيىن كەمىنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ۋە تەتقىقاتى كەسپىگە ماگېستىرلىق ئاسپىرانتى بولۇپ قوبۇل قىلىندىم(چاۋاك چېلىۋەتمەمسىلە؟). تۈركىيەدىكى ئۆز خىراجىتىم بىلەن ماگېستىرلىققا قوبۇل قىلىنىش جەريانىم تولىمۇ مۇشەققەتلىك ۋە مەنىلىك بىر چېنىقىش بولۇپ قالدى، ئىنشائاللاھ، مۇشۇ ھەققىدە كېيىنرەك بىر ماقالە يازغۇسىمەن. خوش، ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى بلوگىمغا خەتلىك ناخشا يوللىماي كەلگەن ئىدىم، ھەقاچان خەتلىك ناخشىلارغا ئىشتىھايىڭلار بار ھەقاچان. بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا خېلى بۇرۇن پۈتتۈرۈپ قويغان خەتلىك ناخشا «ھۆرمىتىم»نى سۇنماقچى بولىۋاتىمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ ناخشا سىلەرگە چوقۇم تېتىپ قالغۇسى. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

2,483 گىرادۇس 15

[مىكرو خاتىرىلەر] ئوسمانىيە خاتىرىسى

[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] ئۈرۈمچىگە كەلگەندەك تەسىر بېرىدىغان ئىستانبۇل

سەككىزىنچى چىسلا جۇڭگودىن كەلگەن بىر ئۆمەككە ئەگىشىپ، ئادانا ۋېلايىتىگە تەرجىمانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئوسمانىيە – ئادانا ۋىلايىتىگە قاراشلىق كىچىك ناھىيە بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭ نوپۇسى باركەن، ناھىيەنىڭ كۆلىمى يۇرتۇم توقسۇدىن ئازراق چوڭ، كۇچاردىن خېلىلا كىچىك ئىكەن. ئوسمانىيەدە تۈركلەر ئانادولۇغا يېڭى يەرلەشكەندە ئىشلەتكەن قورغان، سېپىللىرىنى كۆردۈم، ئوسمانىيەلىكلەرمۇ يۇرتىنىڭ ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن ئاھاڭداش بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىكەن.
خىزمەت داۋامىدا مېنىڭ ئۇيغۇرلىقىمنى ئاڭلىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلىقىنى قىزغىنلىق بىلەن قەيت قىلىپ ئۆتۈشتى. زاۋۇتقا بېرىش-كېلىش داۋامىدا يول بۇيىدىكى تاغ-ئورمانلارنىڭ، ئىمارەتلەرنىڭ ۋە ئادەملىرىنىڭ يۇرتۇمدىكىلىرىگە تولىمۇ ئوخشايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم ھەمدە بۇ يەردە ئۆزۈمنى يۇرتتا تۇرغاندەك ھىس قىلدىم. ئىنشائاللاھ، ئەتە سەھەردە ئىستانبۇلغا قايتىمەن.

2014-يىلى 9-سىنتەبىر ئوسمانىيە

1,505 گىرادۇس 6

شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئائىت بىر قانچە پاراڭ

scotland-605x300_副本

بەلكىم ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا «قەيسەر يۈرەك» ئىسىملىق كىنونى كۆرمىگەنلەر يوق بولسا كېرەك. شۇ كىنودا باش پېرسوناژ ۋىللىيامنىڭ ئۆلۈشدىن بۇرۇن « ئەركىنلىك » دەپ قەھرىمانلارچە توۋلاپ جان بەرگەن كۆرۈنۈشلىرى بەلكىم ھەممىڭلارنىڭ يۈرۈكىنى لەرزىگە سالغان بولۇشى مۇمكىن. ئالاھەزەل ئۈچ يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا مۇھىم بىر پۇرسەت كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ يىلى 18-سىنتەبىر كۈنى شوتلاندىيەلىكلەر بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن، ئۇمۇمىي ئاۋاز تاشلاپ قارار بېرىدۇ. مەزكۇر يازمامدا، بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن بىلىشكە تىگىشلىك بىر قانچە مۇھىم ئىشلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇسىمەن.

3,052 گىرادۇس 17

ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى كىم يالماپ كەتتى؟

wechat-guanxi-720x355_副本

خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى، بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن. بۈگۈن قانداقتۇر ۋاقتىم چىقىپ، بلوگىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بلوگنىڭ زىيارەت كۆرسەتكۈچىسىگە قاراپ، تۇرايىمىزنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن بىر زامانلىرى ئېسىمگە كەلدى. باشقا بلوگداشلار بىلەن پىكىرلىشىشىمچە، بۇ يالغۇز ئۇيغۇربەگ دۇچ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالماستىن، باشقا نۇرغۇن شەخسىي بلوگلارنىڭ زىيارەت سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولۇپ، ئېنىقكى بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار ئىدى، بۈگۈنكى بۇ يازمىدا، بلوگلارنىڭ زىيارەتچى سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەققىدىكى بىر قانچە ئويلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈسىمەن…

6,463 گىرادۇس 54

بلوگنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش

مۇساپىر ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، بلوگىم مۇشۇ بىر ئايدىن ICP سەۋەبلىك تاقىلىپ قالغان ئىدى، بۈگۈن بوشلۇق تەمىنلىگەنلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىپ يۈرۈپ بلوگنى ئەسلىگە ئەكىلىۋالدىم. ئۆزۈم شۇ تاپتا ئىنگىلىزچە ئىمتىھان ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە قاتراپ يۈرگەچكە، بلوگنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويىمەن، ئاڭغۇچە مېنى ئۇنتۇپ قالساڭلارمۇ بلوگىمنى ئۇنتۇپ قالماي يوقلاپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، رەببىمىز پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە نىسىپ قىلسۇن.

1,651 گىرادۇس 6

تور دۇنياسىدىن ۋاقىتلىق خوشلىشىش…

[تەرجىمە شىئىر] بەدرى راھمى ئەيۈپئوغلۇ – ئۈچ تىل

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور دۇنياسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىدىغان بولدۇم، بۇ مەزگىلدە بلوگىمنى نورمال زىيارەت قىلىپ تۇرالايسىلەر، چۈشكەن ئىنكاسلارغا جاۋاب يازالمايمەن، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار…

1,435 گىرادۇس 2

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] نىل كارائىبراھىمگىل ئىجراسىدا – قاناتلىرىم بار روھۇمدا

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] نىل كارائىبراھىمگىل ئىجراسىدا – قاناتلىرىم بار روھۇمدا

تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ۋاقتىمدا، مۇئەللىمدىن بىر تۈركچە تېياتىر تەۋسىيە قىلىشنى ئۆتۈنگەن ئىدىم، مۇئەللىمىم تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن دەپ تۈركىيەدە ئالقىشلىنىۋاتقان تېياتېر «مەدجەزىر»نى تەۋسىيە قىلدى، گەرچە بۇ تېياتېرنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشقا ۋاقتىم يار بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ باشتېما ناخشىسى ماڭا ياراپ قالدى. ماڭا يارىغان نەرسە سىلەرگىمۇ يارايدۇ دېگەن ئۈمۈددە، بىكار قالغان ۋاقتىمدا شاق-شۇق قىپلا خەتلىك قىلىپ ئىشلىۋەتتىم. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

3,577 گىرادۇس 11

تېخنىكىلىق ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ئۆزۈر خېتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتىم يېڭىدىن باشلانغاندىن بېرى تاكى ھازىرغىچە ئېلخەت، چ چ، ئۈندىدار ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق مېنى ئىزدەپ ھەقلىق ياكى ھەقسىز مۇلازىمەت تەلەپ قىلغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم بلوگگېرلار ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنۈپ خەت يېزىشتى، ئەپسۇسكى نۆۋەتتىكى ئوبېكتىپ ۋە سۇبېكتىپ شەرتلەر تۈپەيلى، مەن بۇرۇن ھەقلىق مۇلازىمىتىنى قىلغان(ۋاقتى توشمىغان) بلوگگېرلاردىن باشقا كىشىلەرگە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشنى بەزىدە رەت قىلدىم، بەزىدە ھېچ ئىپادە بىلدۈرمىدىم. بۇنىڭدىن باشقا، بلوگىمدا ۋە ياكى باشقا جايلاردا مېنىڭ تېخنىكىلىق يازمىلارنى يېزىپ تۇرۇشۇمنى، بلوگچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىپ تەكلىپ بەرگەنلەرمۇ بولدى. ئالدى بىلەن ماڭا ئىشەنگەن شۇنداقلا مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن كونا-يېڭى بلوگداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بولغاچقا، مېنىڭ بلوگغا بولغان مۇھەببىتىم ھېچ سۇسلاپ قالمىدى، سىلەر بولغاچقا. بلوگ يازغاندا ئىلھام  بۇلىقىم ھېچ قۇرۇپ قالمىدى. ياقا يۇرتتا غېرىبسىنغىنىمدا سىلەرنىڭ مەدىتىڭلار ماڭا غايەت زور تەسەللىي بولدى. سىلەرگە رەھمەت، سىلەرگە يەنە بىر رەھمەت.

2,465 گىرادۇس 18

[ ياردەم ] ئۇيغۇرچە سۆزلۈك بىلەن تۈركچە سۆزلۈك ئاھاڭ جەھەتتە قانچىلىك ئوخشايدۇ؟

istanbul-uyghurbeg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا ئۆتكۈزىلىدىغان بىر ئىلمى يىغىنغا بىر دوستۇم ئۇيغۇرچە-تۈركچە سۆزلۈكلەر ئىچىدە  ئاھاڭداش جەھەتتە ئوخشىشىدىغان سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىدارلىق جەھەتتىكى ئالاھىلىكى ھەققىدە بىر ماقالە سۇنماقچى ئىدى، شۇڭلاشقا، بۇ ماقالىنىڭ ئىلمىيلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر نومۇر قۇيۇش سېستىمىسى ياساپ چىقتى، ئۇيغۇرچىغا پىششىق ھەمدە تۈركچىدىن ئاز-تولا ساۋادى بار ئەزىزلىرىمىزنى ياردەمگە چاقىرىمەن…

2,176 گىرادۇس 4

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] زۈلفۈ لىۋانەلى – يىگىتىم ئارسلانىم

yigidim aslanim

ئەسلى مەنبەسى تۈركچە بولغان، «مەن نەگە بارالايمەن، ۋاي بارالمايمەن» دەپ ئۇيغۇرچە ئېيتىلىپ، مۇزىكىسىدىكى مۇڭى بىلەن شۇ دەۋردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ يۈرەك-تارىنى چەككەن بىر ناخشا بار. بۇ ناخشا ئەسلى «يىگىتىم ئارسلانىم» نامىدا تۈرك سەنئەتكار زۈلفۈ لىۋانەلى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئورتاق خورىغا ئايلانغان شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بىر قانچە چوڭ يىغىلىشلاردا، نامايىشلاردا بۇ ناخشىنى ئوپچە ئېيتىدىغان كەيپىيات شەكىتلەنگەن. ئالدىنقى يىلى، تۈركىيەدىكى «گازى باغچە ۋەقەسى» نامايىشىدا، تاكسىمدا تۈنىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ ناخشىنى ئورۇنلاپ، ئۆزلىرىگە مەدەت تىلىگەن.

3,688 گىرادۇس 22

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تويگار ئىشىقلى–ھايات كەبى

ferhat_Toygar_isikli_sen_esittir_ben_video_klip_2_副本

خۇددى ھېلىھەم قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتقان ئىدىم، ئەمدى يوقلىقىڭغا ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەپ ئاران چىداۋاتىمەن.خۇددى پاجىئەلىك ئاخىرلىشىدىغان ھېچ ھېكايە يوقتەك بىزنىڭكىنىمۇ ياخشى ئاخىرلىشىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، يالغانكەن. ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، مۇشۇنداق كۈنلەردە توڭلاپ قالىتىڭ، بۇنى بەك ياخشى بىلىمەن. ئىشقىپ، نېمىلا بولمىسۇن ئۆزۈڭگە ئوبدان قارا، ئېسىڭگە يازلارنى كەلتۈرگىن، پات-پات ئۆزۈڭ ھەققىدە ئۇچۇر بىرىپ تۇرغىن، مېنى دېرىزە ئالدىدا تەلمۈرگۈزۈپ ساقلاتما. بىلىمەن، مەندىن كېيىن ھاياتىڭغا باشقا بىرسى كىرگۈسى، نېمىلا بولمىسۇن……بەخىتلىك بولۇشقا تىرىش، بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتما. رەھىمسىزسەن، ئىسيانكارسەن، ۋاپاسىزسەن، رىياكارسەن. ھەم گۇناھسىز ھەم گۇناھكار ھايات كەبى……

3,333 گىرادۇس 13

تۈرك فوتوگراف مۇستاپا سەۋەننىڭ ئەسەرلىرىدىن…

ئۇيغۇربەگ تۈرك فوتوگراف مۇستاپا سەۋەننىڭ ئەسەرلىرىدىن…

فوتوگرافتۈركىيەگە كەلگەندىن بىرى فوتوگرافچىلىققا ھەۋەس قىلىپ قالدىم شۇنداقلا ئۇ يەر بۇ يەرگە بېرىپ داڭلىقلارنىڭ فوتوگراف ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزۈم كىتابقا قاراپ ئۆگۈنۈپ دېگەندەك بىر نېمىلەرنى قىلىپ يۈردۈم. تۈركىيەدە مەن دىققەت قىلىۋاتقان ھەمدە ياقتۇرىدىغان بىر قانچە فوتوگراف بار بولۇپ، ئىچىدىكى بىرى مۇستاپا سەۋەندۇر. بۈگۈن بىز بۇ يازمىدا مەزكۇر فوتوگراف بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز ھەمدە ئۇنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن بەھىرلىنىپ چىقىمىز.

2,392 گىرادۇس 11