شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئائىت بىر قانچە پاراڭ
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:17 دانە
01-09-2014
بەلكىم ئەزىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا «قەيسەر يۈرەك» ئىسىملىق كىنونى كۆرمىگەنلەر يوق بولسا كېرەك. شۇ كىنودا باش پېرسوناژ ۋىللىيامنىڭ ئۆلۈشدىن بۇرۇن « ئەركىنلىك » دەپ قەھرىمانلارچە توۋلاپ جان بەرگەن كۆرۈنۈشلىرى بەلكىم ھەممىڭلارنىڭ يۈرۈكىنى لەرزىگە سالغان بولۇشى مۇمكىن. ئالاھەزەل ئۈچ يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا مۇھىم بىر پۇرسەت كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ يىلى 18-سىنتەبىر كۈنى شوتلاندىيەلىكلەر بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن، ئۇمۇمىي ئاۋاز تاشلاپ قارار بېرىدۇ. مەزكۇر يازمامدا، بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن بىلىشكە تىگىشلىك بىر قانچە مۇھىم ئىشلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇسىمەن.
شوتلاندىيە ھەققىدە قىسقىچە پاراڭ
شوتلاندىيە بۈيۈك بېرىيانىيە بىرلەشمە خانلىقىغا تەۋە (بىز ئەنگىلىيە دەپ ئىستىمال قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ نامى) يەرلىك دۆلەت بولۇپ، تېررېتورىيىسى 790 ئارال ۋە بىر پارچە قۇرۇقلۇقتىن تەشكىل تاپىدۇ شۇنداقلا ئاتلانتىك ئوكيان، ئايرىش دېڭىزى، شىمالىي دېڭىزلار بىلەن تۇتىشىدۇ. شوتلاندىيە خانلىقى ئەسلى ئۆزىگە ئۆزى بەگ بولغان مۇستەقىل خانلىق بولۇپ، 1707-يىلى ئېنگىلاند پادىشاھلىقى بىلەن بولغان جەڭدە مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، بۈيۈك بېرىيانىيەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. 1801-يىلى، ئېنگىلاند، شوتلاندىيە، ئېرلاندىيە، ۋېلش قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى بۈيۈك بېرىيانىيە بىرلەشمە خانلىقى تەشكىللىنىدۇئ شۇنىڭدىن بىرى، شوتلاندىيەنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىدۇ. ھازىر شوتلاندىيە بۈيۈك بېرىيانىيە بىرلەشمە خانلىقىغا تەۋە ئاپتونومىيلىق دۆلەت بولۇپ، ئۆزىنىڭ پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى بار. شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئېنگىلىزلاردىن پەرقلىق بولغان مەدەنىيىتى ۋە تىلى بار بولۇپ، كۆپىنچىمىز بىلىدىغان يوپكا كېيىۋالىدىغان ئەركەكلەر شوتلاندىيەنىڭ ۋەكىللىك ئوبرازىدۇر. شوتلاندىيەدىن نۇرغۇن داڭلىق شەخىس چىققان، ھەممىمىز بىلىدىغان ئەنگىلىيەنىڭ سابىق ۋەزىرى بىلايىر شوتلاندىيەلىكدۇر.
دۆلەت بايرىقى:
خانلىق بايرىقى:
پايتەختى: ئەدىنبۇرگ
يەر كۆلىمى: 78,387 km2
نوپۇسى: 5,327,700(2013-يىلىدىكى ئىستاتىستىكا)
پۇل بىرلىكى: پونىدسىتىرلېڭ
تىلى: ئىنگىلىزچە، سكوتچە
شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا نېمىگە ئېرىشىدۇ؟
شوتلاندىيە مىللەتچى پارتىيىسى سايلامدا نۇرغۇن بىلەت بىلەن ئۇتۇققا ئېرىشىپ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، 2014-يىلى ئۇمۇمىي خەلق ئاۋاز قۇيۇش ئارقىلىق، شوتلاندىيەنىڭ بۈيۈك بېرىيانىيە بىرلەشمە خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلىنىشىنى ياكى بۈيۈك بېرىيانىيە بىرلەشمە خانلىقىغا قارام بولۇپ قېلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇشۇ يىلدىكى راي سىناشقا كۆرە، تەخمىنەن 1 مىليون شوتلاندىيەلىك شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئالدىنقى يىلدىن بىرى، شوتلاندىيە پارلامىنىتىدا، ھەر قايسى پارتىيەنىڭ مىللەتۋەكىللىرى شوتلاندىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل دۆلەت ھالىتىدىكى سىياسىي ھالىتىنىڭ پايدا ۋە زىيىنى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. مىللەتچى پارتىيىسىنىڭ جاكارلىشىغا ئاساسلانغاندا، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ نۇرغۇن پايدىسى باركەن. تۆۋەندىكى شۇلارنىڭ بىر قىسمىدۇر:
1. زور مىقداردىكى نىفىت كىرىمى
شوتلاندىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، شىمالىي دېڭىزدىن كېرىدىغان نىفىت كىرىمىنىڭ ھەممىسى شوتلاندىيەنىڭ چۆنتىكىگە كېرىدىكەن. شۇ تاپتا، شوتلاندىيەگە قاراشلىق شىمالىي دېڭىز نىفىتلىكىدىن ھەر يىلى 24 مىليون تۇڭ مىقدارىدا نىفىت قېدىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ نىفىتلىك كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمى مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېرىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ئاز قىسمى باج نامىدا شوتلاندىيە مالىيەسىگە بېرىلىدىكەن.
2. بالىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى
مىللەتچى پارتىيىسى مىللەت ۋەكىلى شوتلاندىيە مۇستەقىل بولغاندا بەش ياشدىن تۆۋەن بالىلارغا ھەقسىز كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. مەزكۇر سۇغۇرتىغا ئاساسلانغاندا، شوتلانديىە تەۋەسىدىكى بەش ياشدىن تۆۋەن بالىلار دۆلەتنىڭ ھەقسىز يەسلى، ھەقسىز كۈتۈنۈش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، بۇ سىياسەت نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. چۈنكى، بۇ سىياسەت ئارقىلىق، ئانىلار بالىلىرىنى خاتىرجەم ھالدا ھۆكۈمەتكە تاشلاپ بېرىپ، ئۆزلىرى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.
3. تېخىمۇ كۆپ كۆچمەنگە ئېرىشىدۇ
شوتلانديىە نوپۇسىدا ياشانغانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، شۇ تاپتا ياش ئەمگەكچىلەرنىڭ سانى ھۆكۈمەتنىڭ كۈتكىنىدىن خېلىلا تۆۋەن. شۇڭلاشقا، شوتلاندىيە ھەر يىلى 2 مىڭدىن 24 مىڭ ئەتراپىدا كۆچمەنلەرگە مۇھتاج ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ تۈزگەن پىلانىغا ئاساسلانغاندا، شوتلاندىيەدە ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسا، ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن شوتلاندىيەدە 2 يىلغىچە قانۇنلۇق ھالدا تۇرالايدىكەن.
4. ۋىللىيام ۋېللىسنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ
ئەلۋەتتە، «قەيسەر يۈرەك»دىكى ۋىللىيام ۋېللىسنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسى مۇستەقىللىقكە تەلپۈنگەن شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ يۈرىكىگە چوڭقۇر ئورنالغان بولۇپ، شوتلانديىە مۇستەقىل بولغىنىدا ۋىللىيامنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە روھى ئەمىن تاپىدۇ.
شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا نېمىنى يوقىتىدۇ؟
ئەلۋەتتە، ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ چىققانىكەن، نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە مەجبۇردۇر شوتلاندىيە. بۇ ھەقتە شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلارنىڭ قارىشىچە، شوتلاندىيە مۇستەقىللىقى تۆۋەندىكى ئىلتىپاتلاردىن قۇرۇق قالغۇسىدۇر:
پۇل بىرلىكى – پوند سىتىرلىڭ
شوتلاندىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان پۇل بىرلىكى – پوند سىتىرلىڭنىڭ ئوبۇرۇتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى گەرچە ئەنگىلىيە بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى پۇل بىرلىكىنى پوند سىتىرلىڭنى داۋاملىق ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ئۈمىد قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى قەرزىنى كۆپەيتىش رولىنىلا ئوينايدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيەگە قىلچە پايدىسى يوق، ئەلۋەتتە، ئەنگىلىيە ئەزەلدىن ئۆزىگە پايدىسى يوق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى
- شوتلاندىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىي رەئىسى ھاسسائىدنىڭ « شوتلاندىيەنىڭ ئەزا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس بولمىغان تەقدىردىمۇ ئىنتايىن تەس» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاز دېگەندە 16 ئاي ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، شوتلاندىيەنىڭ ئىقتىساد مېنىستىرى « بىز كۈچىمىزنىڭ بېرىچە تىرىشىمىز» دېگەن.
-
يادرو قوراللىرى
- شوتلاندىيەلىكلەر يادرو قورالىغا قارشى تۇرۇپ، شۇ تاپتا ئەنگىلىيەنىڭ قىسمەن يادرو قوراللىرى ۋە يادرو ئېنىرگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتلىرى شوتلاندىيە پاسلانېل ھەربىي بازىسىدا ساقلىنىۋاتىدىكەن. شوتلانديىە پارلامېنىتى شوتلاندىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، يادرو قوراللىرىنى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئەنگىلىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.
-
ئولىمپېك مېداللىرى
- .شوتلاندىيە تەنھەرىكەت كومىتتىتىدىكى بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، شوتلاندىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 2016-يىلى رىئو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن ئەمما شوتلاندىيە تەنھەرىكەتچىلىرى شوتلاندىيە كوماندىسى ۋەياكى ئەنگىلىيە كوماندىسىغا تەۋە بولۇشنى ئۆزى قارار بېرىشىدىكەن.
- 2012-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئەنگىلىيە كوماندىسىدىكى 10% شوتلاندىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر ئېرىشكەن مىدال ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ 25%گە يەتكەن. ئەپسۇسكى، شوتلاندىيە كوماندىسىنىڭ «تەجرىبىسى يوق» بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن شوتلاندىيە تەنھەرىكەتچىلىرى ئەنگىلىيە كوماندىسىنى تاللىشى مۇمكىنكەن.
-
تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى
- ئەنگىلىيە BBC قانىلىنىڭ باشلىقى بىر قېتىملىق زىيارەت خاتىرىسىدە، شوتلاندىيە مۇستەقىل بولۇپ كەتسە، BBCپروگراممىلىرىنى شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. دېمەككى، شوتلاندىيە مۇستەقىل بولۇپ كەتسە «شېرلوك ھولمېس» دېگەندەك داڭلىق تېلىۋېزىيە تېياتېرلىرىنى شوتلاندىيەلىكلەر كۆرۈش ھوقۇقىدىن ئايرىلىدىكەن.
-
ئاخىرقى سۆز
- «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ئالدىدا تۇرغان شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ «مۇستەقىللىق چۈشى»نىڭ ئەمەلگە ئاشامدۇ-ئاشمامدۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسى بولسا «شوتلاندىيەنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەمما ئەنگىلىيە تەۋەسىدە قېلىشىنى ئۈمىد قىلىش» بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەرت، كەڭ قورساق، ئالىيجاناپ روھىنى بىلدۈرگەن.
-
مەزكۇر ماقالىنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.