
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، «ئەلى-زىۋىدە مۇسابىقىسى» بىلەن باشلانغان «كىتاب ئوقۇش يىلى»مىزغا كىرگەنلىكىمىزگە ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولاي دەپ قالدى، 20 كۈندە ھېچ بولمىسا بىر كىتابنى ئوقۇپ بولدى دەپ ئويلاپ مەزكۇر تېمىنى ئاچتىم. قېنى، مۇشۇ 20 كۈن ئىچىدە قايسى كىتابلارنى ئالدىڭلار؟ قايسى كىتابلارنى ئوقۇدۇڭلار؟ قانداق ھىس-تۇيغۇغا كەلدىڭلا؟ بىر دوكلاتىنى بېرىۋەتمەمسىلە، بىزمۇ بەرگەن دوكلاتىڭلاردىن پەيزى كىتاب ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.مانا مەن باشلامچىلىق قىلىپ. بۇ ئايدا مەن ئۆزۈم ئوقۇغان ئىككى كىتابتىن دوكلات بېرەي:
2,559 گىرادۇس
![[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] ئۈرۈمچىگە كەلگەندەك تەسىر بېرىدىغان ئىستانبۇل](wp-content/uploads/2015/01/5.-Istanbul_副本.jpg)
ئىستانبۇلغا كېلىشتىن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ كىنو-تىياتىرلىرىنى تولىمۇ قىزىقىپ كۆرەتتىم، گەرچە، كىنو-تىياتىرلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ، تۇرمۇشتىن ئۆرنەك ئېلىپ ئىشلىنىدۇ دەپ قارايدىغانلا بولغاچقا، شۇ كىنونىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن تۈركىيە ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا كىنولاردىن كۆرگەن كوچىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تونۇۋېلىشقا تىرىشتىم ھەمدە بۇ ئېكسپېدىتسىيە داۋامىدا ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تېپىشماقلارنى تېپىشقا ۋە تېخىمۇ كۆپ تېپىشماقنى كەشىپ قىلىشقا مۇۋەققەت بولدۇم…
3,739 گىرادۇس
ئوقۇغۇچىلىق ھايات گۈزەلكەن، تۇرمۇش قاتتىقكەن، كىشىنىڭ يۇرتىدا جان باقماق تەسكەن، ئاتا-ئانىلار ئەزىزكەن، قېرىنداشلار قىممەتلىككەن، دوستنىڭ ياخشىمۇ، ناچىرىمۇ بولىدىكەن، جەمئىيەت رىقابەتكە ۋە خىرىسقا توشقان ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى سالامەتلىك، ھەممىدىن ئەزىزى ۋەتەننىڭ بىر ئوچۇم تۇپرىقى ئىكەن. ئاللاھ بىزگە نېئمەت بىلەن غەنىمەتنى تەڭلا بەرگەن ئىكەن، بىزگە كەلگەن ئوقۇبەتلەر پەقەتلا بىر سىناق ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قوللار دۇئادىن، زېھىنلەر زىكىردىن ئايرىلماسلىقى لازىم ئىكەن.
1,526 گىرادۇس
![[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى ئىشلار(4)](wp-content/uploads/2013/09/ruhumuzu-dinleme-zamani-uc-aylar_副本.jpg)
«تۈركىيە تەسىراتلىرى»نى باشلىغاندا كاللامدا نۇرغۇن ھېكايە، نۇرغۇن سەزگۈرەشتىلەر بار ئىدى، ئەلۋەتتە، بۇ سەزگۈرەشتىلەرنىڭ بەزىلىرى تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشلار تۈپەيلى قاتتىق تەسىر قىلغان بولغاچقا، تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى بىر قانچە ئىشلارنى دەۋېلىشنى، شۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ھىس-تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلىگەندە بۇرۇنقى ئويلىرىم بىلەن سېلىشتۇرما قىلىشنى ئويلاشقان بولغاچقا، ۋەتەندىكى بىر قانچە ئىشلارنى سۆرەپ كېلىشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئويلاپ باقسام، بۇ شەكىلدە سۆزلەپ كەلسەم، پەقەتتىن ۋەتەندىكى مەن يۇلۇققان ئىشلاردىن بىر قانچە كىتاب چىققۇدەك يازما تۆكۈلۈپ، مەنمۇ ئۇ دۇنياغا بارغۇدەك بولۇپ كەتكۈدەكمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇقۇرمىنىم مەندىن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەن ھېكايە ئەمەس، بەلكى تۈركىيەدىكى ھىس – تۇيغۇلىرىم كۆرۈشكە بەك قىزىققاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ۋەتەندىكى ئىشلارنى بۈگۈن پۈتتۈرىۋېتىپ، تۈركىيەگە كېلىشنى باشلىۋەتسەم بولغۇدەك.
1,821 گىرادۇس
![[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى ئىشلار](wp-content/uploads/2013/12/170_63_851_1280-Taksim-Tunel-Tramvay_副本.jpg)
ئالىي مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى يىلى(2009-يىلى) بىزنىڭ سىنىپقا قازاقىستانلىق ئىككى سۇلۇ قىزنى بۆلۈپ قۇيۇپتىكەن، دەرس باشلىغان تۇنجى كۈنى ئۇلارنى ئۇيغۇر ئوخشايدۇ دەپ سالام بەرسەم، گېپىمنى چۈشەنمىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ چىرايى بىر خىل ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە شۇ ھامان «بىز قازاقىستانلىق» دېدى خاڭسوچە. مەنمۇ شۇ ھامان «ۋاي مەنمۇ قازاقىستانلىق» دەپ قازاقچە گەپ قىلىۋىدىم، ئۇلارنىڭ كۆزى يەنە لامپۇچكىدەك پالىلداپ كەتتى. گېپىمنى چۈشەنمەپتۇ-دە بۇلار دەپ ئويلىدىم بىر غۇلجىلىق قازاق دوستۇمنىڭ قازاقىستاندىكى قازاقلارنىڭ بىر كۆپ قىسمى قازاقچە بىلمەيدۇ دېگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئېلىپ.
2,191 گىرادۇس
![[ئىجادىيەتلىرىمدىن] قىز قەلئەسىدە ئىككى ئەتتىرگۈل uyghurbeg](wp-content/uploads/2014/03/DSC_0709_副本_副本.jpg)
تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ۋەتەندە قالغان نۇرغۇن دوستلىرىم ئۈندىدار ئارقىلىق ماڭا سالام يوللىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ماڭا ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ كەسپىدە تىرىشىپ نەتىجە قازىنىشىمنى تىلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن تەلەيلىك ئىدىم. بىلمىدىم، بۇ تەلەينى مەن ئۆزۈم تىرىشىپ تاپتىممۇ ۋە ياكى مەن ھەقىقەتەن «تەلەيلىك» بولغانلىقىم ئۈچۈن تۈركىيەدە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىممۇ…لېكىن، بەزى جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىدىم. چۈنكى، ئىستانبۇل خۇددى ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدەكلا ئىدى، ھەر يەردە ئۇيغۇر، ھەر يەردە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى، ھەتتا ئۇيغۇر ساتىراشخانىسى، ئۇيغۇر دورا-دەرمەك دۇكىنى، ئۇيغۇر كىتاپخانىسى…بارتى، قورسىقىمىز ئاچسا دىككىدە بېرىپ، ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئوخشاپ ئېتىلگەن لەغمەنلەرنى يەپ كېلەتتۇق.
2,365 گىرادۇس
شۇنداق قىلىپ، « تۈركىيە ئارزۇسى »نىڭ پېشىدە يۈرۈپ، بۇ «ئارزۇ»يۇمغا يەتكەنلىكىمگە شۇنداقلا ئارزۇ قىلغان تۈركىيەگە كەلگەنلىكىمكە 14 ئاي بولۇپ قالدى. بۇ جەريانلار ماڭا بەزىدە ھەقىقەتەن راست بىر ۋەقەدەك تۇيۇلسا، بەزىدە بىر تاتلىق كۆرگەن چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى. چۈنكى، بۇ جەرياندا بەزىدە چۈشتەكلا گۈزەل ۋەقەلىكلەرگە يولۇققان بولسام، بەزىدە رېئاللىقتەكلا ئاچچىق ئىشلارغا شاھىد بولغان ئىدىم. قىسقىسى، بۇ 14 ئايدا مەن نۇرغۇنلىغان ھىسلارغا چۆمۈلدۈم، بەزىدە ئىچ-ئىچىمدىن كۈلۈپ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرىلەر ئېيتتىم. بەزىدە، ئۆيۈمنىڭ بىر بۇرجىكىگە تىقىلىپ، غېرىبانە ھالەتتە مۇڭلىنىپ قالدىم. ئىشقىپ، بىزنىڭ چوڭلار «شە كۆرمىگۈچە مۇسۇلمان بولماس» دېگەندەك چوڭقۇر ھايات پەلسەپەسىگە ئىگە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرۇپتىكەن، ھەقىقەتەن، باشقىلارنىڭ يۇرتىدا كۈن كۆرمەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن. تۈركىيە ھەققىدىكى تەسىراتلارنى بايان قىلىشدىن بۇرۇن، تۈركىيە كېلىشدىن بۇرۇن ، تۈرك ۋە تۈركىيە ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم جەريانلىرىمدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئورتاقلىشىشنى ئويلاشدىم، چۈنكى بۇ ئىشلار تۈركىيەدىكى ئىشلاردەكلا مۇھىم ئىدى…
3,093 گىرادۇس
![[ئىجادىيەتلىرىمدىن] قىز قەلئەسىدە ئىككى ئەتتىرگۈل uyghurbeg](wp-content/uploads/2014/03/DSC_0709_副本_副本.jpg)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەقاچان «تەسىرات»لارنى ساقلاپ ئولتۇردۇڭلار، مېنى ھەپتىدە بىر يېڭىلايمەن دېگەنتىڭ دەپ ئەيىپلەشكە تەييار تۇردۇڭلار. تولىمۇ خىجىلمەن، يازمىنى باشلاپ قويغىلى خېلى بولغان، ھەمدە ئۈچ پارچە تەسىراتمۇ يېزىپمۇ بولغان ئىدىم، تولىمۇ ئەپسۇسكى بىر تەھرىرلىۋېتىشدىن ئۆتكۈزىۋەتمىسەم بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تېخىچە يوللاپ بولالمىدىم. بۈگۈنچە ماۋۇ بىر قانچە تەرجىمە شېئىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغايسىلەر، كاتتا تەسىراتلار كېلىۋاتىدۇ…
1,225 گىرادۇس
![[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] «تەسىراتلار»نى باشلاشدىن بۇرۇنقى ھىسلار](wp-content/uploads/2014/10/recommended_blog_3_副本.jpg)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز بلوگداشلار. بۈگۈن ئۆزۈمگە چەكسىز دەرىجىدە مەدەت بېرىش، ئىچىمدىكى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىكلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق، شەخسەن ئۆزەمنىڭ تۈركىيەدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ھەمدە ئوقۇغانلىرىم ئاساسىدا، «تۈركىيە تەسىراتلىرى» تېمىسى ئاستىدا مىكرو يازمىلارنى يېزىشكە تىرىشماقچى بولدۇم. ئەسلى، خېلى بۇرۇنلا تۈركىيە ھەققىدىكى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىشلارنى ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە گۈزەل بىر تىل بىلەن يېزىپ چىقىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم، بولسا ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ باققۇم بار ئىدى، ئەپسۇسكى، بۇ ئىشنى تاكى ھازىرغىچە سۈرۈپ كەلدىم. بەزى ئىشلارنى قىلىمەن دېگەن بىلەن، قىلىشقا باشلىغاندا كىشىدىن چەكسىز چىدامچانلىق ۋە پۈتمەس قىزغىنلىق تەلەپ قىلىدىكەن. بەزى ئىشلارنى باشلىماق تەس، بەزى ئىشلارنى باشلىغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش تەس بولىدىكەن، قىسقىسى، مەن قىلىمەن دېگەن ئىشنى قىلمىغۇچە بولدى قىمايدىغان بىرى بولغىنىم بىلەن، «تۈركىيە تەسىراتلىرى»نى يېزىشقا ھېچ بىر بېلىمنى چىڭ باغلاپ بولالمىدىم.
3,149 گىرادۇس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئوقۇش باشلاپ كەتكەندىن بېرى، تۈرلۈك ئىشلار تۈپەيلى بلوگنى يېڭىلاپ بولالمىدىم. ئەسلى خىيالىمدا «ئىستانبۇل خىياللىرى» دېگەن ماۋزۇ ھەققىدە ئىستانبۇلغا قەدەم قويغاندىن بېرى مەن يولۇققان بىر قىسىم زۆرۈر ئىشلارنى خاتىرىلەپ، رەتلەپ يېزىپ چىقىشنى ئويلاشقان، مۇساپىرچىلىق جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى نەبىجان تۇرسۇندەك، گۈلەندەك، ئۆزباشدەك ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە يېزىشنى ئويلاشقان بولساممۇ، ھېچبىر غەيرەتكە كېلىپ بولالمىدىم. ئەلۋەتتە، يازغانلىرىمنىڭ پۈچەك چىقىپ قېلىشىدىن ۋە ياكى ياخشى يازالماسلىقدىن ئەنسىرگەنلىكىممۇ بار. بلوگنى يېڭىلاپ تۇرۇشنى كۆپ ئويلاشتىم، لېكىن، قۇلۇمنىڭ ئۇچىدا بىر نېمە يوللاشقا مەيلىم بارمىدى .بىلمەيمەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن يازامدىم ياكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ…ھازىرچە، خەتلىك ناخشىلارنى يوللاپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن «يېڭىلاش» باھانىسى بولۇپ قالدى، بىلمىدىم، خەتلىك ناخشىلارغا ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ تاۋى بارمىكىن…
652 گىرادۇس

2013-يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلىپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر-ئۇچۇر بەرمەيلا جىمجىت تۇرۇۋالدۇق. «قېنى، بىلوگگىرلار قانداقراق ئويلايدىكىن» دېگەندىمىز، بەلكىم. بىزنى بىرەرسى تىللاپمۇ كەتمىدى، بۇ پائالىيەتنى قىلمىساق بولمايتتى، دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمىدۇق. قارىغاندا تەدبىركار، يۈكسەل، ئۇيغۇربەگ، شاھ ئۇيغۇر، كەمىنە قىسمەت … قاتارلىق بىز ئىسمىنى ئاتىغان ياكى ئاتىمىغان بىلوگگىرلارنىڭ بىلوگ سېپىدىن بارا-بارا ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تور ئەھلىلىرى بۇ پائالىيەت ھەققىدە گەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بولسا كېرەك.
1,300 گىرادۇس
![[تەرجىمە شىئىر] بەدرى راھمى ئەيۈپئوغلۇ – ئۈچ تىل](wp-content/uploads/2014/10/child-and-bus_副本.jpg)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئاۋۋال كېچىككەن بولساممۇ ھەر قايسىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمەن. ئىستانبۇلغا يېڭى كېلىپ، تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلىمدە تۈركچە ئوقۇتقۇچىمىز تەۋسىيە قىلغان ھەم ماڭا ئىنتايىن يېقىپ كەتكەن بۇ شېئىرنى بۈگۈن سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلەنمەك ئۈچۈن ئەپكەلدىم. بىلمىدىم، ماڭا ياققان بۇ شېئىر سىلەرگە ياقامدىكىن يوق…
376 گىرادۇس