2014-يىلىدىن قىسقىچە خۇلاسە

300x250

2014-يىلىدىن قىسقىچە خۇلاسەئوقۇغۇچىلىق ھايات گۈزەلكەن، تۇرمۇش قاتتىقكەن، كىشىنىڭ يۇرتىدا جان باقماق تەسكەن، ئاتا-ئانىلار ئەزىزكەن، قېرىنداشلار قىممەتلىككەن، دوستنىڭ ياخشىمۇ، ناچىرىمۇ بولىدىكەن، جەمئىيەت رىقابەتكە ۋە خىرىسقا توشقان ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى سالامەتلىك، ھەممىدىن ئەزىزى ۋەتەننىڭ بىر ئوچۇم تۇپرىقى ئىكەن. ئاللاھ بىزگە نېئمەت بىلەن غەنىمەتنى تەڭلا بەرگەن ئىكەن، بىزگە كەلگەن ئوقۇبەتلەر پەقەتلا بىر سىناق ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قوللار دۇئادىن، زېھىنلەر زىكىردىن ئايرىلماسلىقى لازىم ئىكەن.

2014-يىلىدىن قىسقىچە خۇلاسە

1-ئاي IELTS ئىمتىھانى بەردىم

2-ئاي تۈركچە مەكتەپدىن ئوقۇش پۈتتۈردۈم

3-ئاي ئەسلىگۈدەك ئىش يوق

4-ئاي ئەسلىگۈدەك ئىش يوق

5-ئاي تۈركىيە ئاسپىرانتلار ئىمتىھانىغا قاتناشتىم

6-ئاي ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشنى باشلىدىم

7-ئاي 6-ئاينىڭ داۋامى ئەسلىگۈدەك ئىش يوق

8-ئاي TOEFL ئىمتىھانى بەردىم

9-ئاي ئىستامبۇل ئۇنىۋېرسىتىدا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم

10-ئاي ئەسلىگۈدەك ئىش يوق

11-ئاي ئەسلىگۈدەك ئىش يوق

12-ئاي ئەسلىگۈدەك ئىش يوق

قىسقىچە تەسىرات

ئوقۇغۇچىلىق ھايات گۈزەلكەن، تۇرمۇش قاتتىقكەن، كىشىنىڭ يۇرتىدا جان باقماق تەسكەن، ئاتا-ئانىلار ئەزىزكەن، قېرىنداشلار قىممەتلىككەن، دوستنىڭ ياخشىمۇ، ناچىرىمۇ بولىدىكەن، جەمئىيەت رىقابەتكە ۋە خىرىسقا توشقان ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى سالامەتلىك، ھەممىدىن ئەزىزى ۋەتەننىڭ بىر ئوچۇم تۇپرىقى ئىكەن. ئاللاھ بىزگە نېئمەت بىلەن غەنىمەتنى تەڭلا بەرگەن ئىكەن، بىزگە كەلگەن ئوقۇبەتلەر پەقەتلا بىر سىناق ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قوللار دۇئادىن، زېھىنلەر زىكىردىن ئايرىلماسلىقى لازىم ئىكەن.

 

خەيىر 2014-يىل، مەرھابا 2015-يىل!

1,012 گىرادۇس 13


13 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • غازى | 16:42 | 2014.12.31 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قارىغاندا يېڭى يىل بوسۇغىسىدا تۇرايىڭىزغا قەدەم باسقان مەن ئوخشايمەن، يېڭى بىر يىلدا ئاللا تېنىڭىزنى سالامەت، ئىشلىرىڭىزنى بەرىكەتلىك قىلغاي! مۇشۇ مەزگىللەردە قاچان تۈركىيە تەسىراتلىرى چىقاركىن دەپ ئەگىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم جۇمۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 10:34 | 2015.01.8 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      ئىمتىھانلار بېسىۋالدى دەڭە.

  • ئابدۇبەگ | 03:29 | 2015.01.1 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • bilikal | 04:21 | 2015.01.1 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • ئالماس | 06:08 | 2015.01.1 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    يېڭى يىلنىڭ ھەرئېيىدا ئەسلىگۈدەك ئىشلىرىڭىزنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ بولۇشىنى تىلەيمەن.

  • مۇئەللىم | 10:28 | 2015.01.1 جاۋاب

    مەن يىللىق خۇلاسە يېزىپ ئادەتلەنمەپتىكەنمەن ، بۇ خۇلاسىنى كۆرۈپ ، ئويلىنىپ قالدىم .
    ئالدى بىلەن پىلان تۈزۈلسە ، ئاندىن پىلاننىڭ قايسى تۈرلىرى ئورۇندالدى ، قايسى تۈرلىرى ئورۇندالمىدى ، يەنە قايسى تۈرلەر يېڭىدىن قوشالدى ، نەتىجىسى قانداق بولدى ؟ دېگەن تەرەپلەردە ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن كۈن-ئايلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىش بولىدىغان ئىشكەن…………..
    يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن بەگ ، مەيلى قايسى خىل نەتىجىگە ئىرىشمەڭ ، ئەسلا مەيۇسلەنمەڭ ، ئەگەر ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇملا بولىدىكەن ، سايىڭىزنى بولسىمۇ يۆلەپ تۇرىدىغان مەن بار ، ئۇلۇغ ئاللاھ تىلىگەن تىلىكىڭىزگە ۋە كۈتكەن نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىزگە نېسىپ ئەتسۇن ….!!!

    • ئۇيغۇربەگ | 10:34 | 2015.01.8 جاۋاب

      سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئىزگۈ تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت.

  • مەن | 15:49 | 2015.01.1 جاۋاب

    ئۇيغۇرجان بىلوگى نىمىشقا ئېچىلمايدۇ ؟
    بىلىدىغانلار ئېيتىپ بەرسەڭلەر .

  • ھون | 15:30 | 2015.01.2 جاۋاب

    ئايىلتىس ۋە توفئەلتىن نەچچە ئاپسىز؟

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


😉 😐 😡 😈 simple-smile.png 😯 frownie.png rolleyes.png 😛 😳 😮 mrgreen.png 😆 💡 😀 👿 😥 😎 ➡ 😕 ❓ ❗