[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى ئىشلار(4)

300x250

[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى ئىشلار(4)

«تۈركىيە تەسىراتلىرى»نى باشلىغاندا كاللامدا نۇرغۇن ھېكايە، نۇرغۇن سەزگۈرەشتىلەر بار ئىدى، ئەلۋەتتە، بۇ سەزگۈرەشتىلەرنىڭ بەزىلىرى تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىشلار تۈپەيلى قاتتىق تەسىر قىلغان بولغاچقا، تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى بىر قانچە ئىشلارنى دەۋېلىشنى، شۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ھىس-تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلىگەندە بۇرۇنقى ئويلىرىم بىلەن سېلىشتۇرما قىلىشنى ئويلاشقان بولغاچقا، ۋەتەندىكى بىر قانچە ئىشلارنى سۆرەپ كېلىشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئويلاپ باقسام، بۇ شەكىلدە سۆزلەپ كەلسەم، پەقەتتىن ۋەتەندىكى مەن يۇلۇققان ئىشلاردىن بىر قانچە كىتاب چىققۇدەك يازما تۆكۈلۈپ، مەنمۇ ئۇ دۇنياغا بارغۇدەك بولۇپ كەتكۈدەكمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇقۇرمىنىم مەندىن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەن ھېكايە ئەمەس، بەلكى تۈركىيەدىكى ھىس – تۇيغۇلىرىم كۆرۈشكە بەك قىزىققاندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ۋەتەندىكى ئىشلارنى بۈگۈن پۈتتۈرىۋېتىپ، تۈركىيەگە كېلىشنى باشلىۋەتسەم بولغۇدەك.

ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، ئۆگىنىۋالغان تۈركچەم بىلەن بىر قانچە بالىلارغا تۈركچە ئۆگەتمەكچى بولدۇم، باشتا بۇ بالىلارنى مەن ئىزدەپ تۈركچە ئۆگىتىپ قۇياي دېگەن بولسام، كېيىنچە تۈركچە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بىر قانچە بالىلارنىڭ تەكلىپى بۇيىچە بىر ھەقسىز كۇرس ئېچىشنى ئويلاشتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا، مېنىڭ تۈركچەم پەقەت B1 سەۋىيە، يەنى باشلانغۇچتىن سەل ھالقىغان سەۋىيەدە بولۇپ، مەن پەقەت نورمال ئالاقىدە بولالايدىغان، گېرامماتىكىدا چەكسىز دەرىجىدە ئاجىز بىرى ئىدىم، لېكىن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن شۇ ھالىتىدىمدىمۇ تۈركچە كۇرس ئېچىشقا بەل باغلىدىم ۋە بىر قانچە ھەپتە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئون-يىگىرمە بالىلارنى تېپىپ، كۇرسنى باشلىۋەتتىم.

 

بەلكىم، مېنى تونۇيدىغانلار مېنىڭ ئىنتايىن قىزغىن ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، شۇڭا كۇرسنى بەلەن ئېچىپ كەتتى دەپ ئويلىغانسىلەر. ئەمما، مېنى ئوبدان بىلىدىغانلار، مېنىڭ نوتۇق قابىلىيىتىمنىڭ ناچارلىقىنى، ئوپچە سۇرۇندا گەپ قىلغاندا ئىنتايىن تەمتىرەپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا، سىنىپدا سۆزلىگەندىمۇ قاتتىق دۇدۇقلاپ كېكەچ بولۇپ قالىدىغان ئىشىم بار. ماتىرىيال تېپىشقا ۋە سىنىپ ھازىرلاشتا ئازراق قىينالغان بولساممۇ، دەرس تەييارلاش ۋە دەرس ئۆتۈشتە ئىنتايىن قىينالدىم.

 

بايا دېگەندەك، مەن قەتئىي دەرس ئۆتەلمەيدىغىنى ھەمدە كۆپ ئادەم بار يەردە نۇتۇق بىرەلمەيدىغىنى. ئەينى چاغ، «پادىشاھنىڭ نوتۇقى» دېگەن كىنونى كۆرۈپ، بۇ كىنو مەن ئۈچۈن ئىشلەنگەنمۇ دەپ ئويلاپ قالغان. بۇ كىنونى كۆرۈپ، نۇتۇق قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈشكە بەل باغلاپ، تۈزۈك چارە تاپالماي تۇرۇپ، دەرس ئۆتىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنچە ئەنسىرەپ تۇرساممۇ، بىر ئىشنى باشلاپ قۇيىمەن دەپ سۆز بەرگەن ئادەم بولغانكى، ئۇنىڭدىن باشقا، دەرس ئاڭلايمىز دېگەنلەرنىڭ ئىچىدە مەكتەپداش سىڭىللار بولغانكى، «يۈز» دېگەن نەرسىنىڭ يۈزى بىلەن، كۇرسنى باشلىماي ئامال بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، 20گە يېقىن بالىلارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى بىلەن كۇرسنى باشلىۋەتتىم.

 

تۇنجى قېتىملىق دەرسدە نېمە سۆزلىگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، لېكىن ئېسىمدە قالغىنى شۇكى،45 مىنۇتلۇق دەرسدە مېنىڭ ئىسمىم پالانى، مەرھابا، ئىيى ئاكشاملار دېگەندەك ئادەتتىكى تۈركچە گەپلەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقانلىقىمنى، بەزىدە ئۆزۈمنىڭ گېپىنى ئۆزۈم چۈشەنمەي ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ بۇلالماي ئىنتايىن قىينالدىم. ھەر ھالدا، ئوقۇغۇچىلىرىم مېنى قوللاپ بەردى، مەدەت بەردى، بولمىغان بولسا، تۇنجى قېتىملىق دەرسدىن كېيىنلا دەرس ئۆتۈش مانداق قېيىن بولىدىغان بولسا، بولدى كۇرس ئاچتىم دەپ ئۆزۈمگە بالا تېپىۋالماي دەپ بەل قۇيۇۋېتىشىم ئېنىق ئىدى. شۇ دەرس ئۆتكەن تۇنجى كۈنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا 45 مىنۇت توختىماي گەپ قىلىشنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئىكەنلىكىنى ھېچ قىلدىم ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ شۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققانمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.

 

شۇنداق قىلىپ، كۇرسىمىز ئىككى ئايچە داۋام قىلدى، بۇ جەرياندا 20 ئۇقۇغۇچىنىڭ سانى بەزىدە ئازلاپ، بەزىدە كۆپۈيۈپ قالدى. دەرسلىكلەرمۇ بەزىدە ئۆزگىرىپ، بەزىدە كونىسىغا قايتىپ دېگەندەك داۋام قىلدى. كېيىنچە بالىلارنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ، ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان ناخشىلارنى بالىلارغا قۇيۇپ بەردىم، ياخشى ناخشىلارنىڭ تۈركچە-ئۇيغۇرچە تېكىسىتىنى بېرىپ يادىلاتقۇزدۇم، سىنىپدا ئانچە-مۇنچە ئېغىز تىلىنى مەشىق قىلدۇردۇم، ئەسلى مەكتەپدىكى تۈرك بالىلارنى ئەپ كېلىپ بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولغان بولساممۇ، تۈرك دوستلىرىم بۇنىڭغا ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلغاچقا پۇرسەت تېپىلمىدى.

 

بىزنىڭ مۇقىم سىنىپ بولمىغاچقا، مەكتەپنىڭ قايسى سىنىپى بوش بولسا شۇ سېنىپقا چېپىپ دىگۈدەك، دەرسنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇردۇم. مېنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگەن ئىش بولسا، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قىزغىنلىقى بولدى. بېشىدا، بۇ بالا قېچىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئوقۇغۇچىلىرىم تولۇق ۋە ۋاقتىدا كېلىپ ماڭا ئىنتايىن ياخشى ياردەمچى بولدى. ھەتتا، مەندىن سۇئال سوراپ، بىلمىگەن بولسام ئۆزلىرى جاۋابىنى تېپىپ ماڭا دەرس بەرگەن بولدى. يەنە بىر ئوقۇغۇچىم تۈركىيەگە چىقىش ئارزۇسى بىلەن مەندىن ئايرىم دەرس ئېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. گەرچە شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرگەن بولساممۇ، شۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئايرىم دەرس ئۆتۈپ بەردىم. ئۇ ئوقۇغۇچۇم شۇنداق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا تۈركچە سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە ئۇشبۇ مۇكاپاتقا قوبۇل قىلىندى.

 

مەزكۇر سىنىپنىڭ ئىسمى – ھابابام سىنىپى بولۇپ، ئالىي مەكتەپدىكى قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىمنى ئەسلىسەم، بىرىنچىسىگە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى كەلسە، ئىككىنچىسىگە دەل مۇشۇ ھابابام سىنىپى ئېسىمگە كېلەتتى.  ھازىرمۇ، ھابابام سىنىپىدىكى ئىشلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمنى مەمنۇنلۇق بىلەن ئەسلەيمەن……

1,217 گىرادۇس 4


4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئىزتىل | 03:31 | 2014.12.26 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم ئۇيغۇربەگ ، بولسا مۇشۇ تۈرك تىلىنى ماڭا ئۆگەتسىڭىز بۇلاتتى

  • تەشنايى | 13:32 | 2014.12.26 جاۋاب

    مەنغۇ سىلىنى نوتۇق قابىلىيتى خىلى ئوبدان بار دەپ ئويلايىتتىم! بەلكىم سىڭىلچاقلار ئالدىدا تەمتىرەپ قالغان بولۇشۇڭلا مۇمكىن :mrgreen: ئاۋۇ يەردە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتىنىشىپ، ئوبدان ناتىق بولۇپ كەلسەڭلا بولغۇدەك…
    ھەي، ۋاقىت نېمىدىگەن تىز ئۆتكەن! ھەش – پەش دېگۈچە مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپ قالدىم. ئالدىراشچىلىق…
    كېيىنكى يازمىدا تۈركىيەگە بارىدىكەنمىز ئەمىسە! 😆

    • ئۇيغۇربەگ | 10:33 | 2015.01.8 جاۋاب

      مېنىڭ نوتۇق قابىلىيىتىم ھەقىقەتەن ناچار.
      تۈركىيەگە بامىساقمۇ تۈركىيەگە بېرىشقا تىرىشارمىز.

  • نەجمى | 11:58 | 2015.04.2 جاۋاب

    خېتىم بادىمۇ ?

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


😉 😐 😡 😈 simple-smile.png 😯 frownie.png rolleyes.png 😛 😳 😮 mrgreen.png 😆 💡 😀 👿 😥 😎 ➡ 😕 ❓ ❗