تۇرمۇش خاتىرىسى

تارانچى ئىختىلالى ئالدىدا

ئىچكەركى تۇڭگانلار، ھۆكۈمەت تەرەپلىرىنى يېڭىپ، غەلبە قازانغاندىن كېيىن، غۇلجىدىكى چىڭ پۇقرالىرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىنى ئۆزگەرتتى، يەنى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانراق قىسىشقا باشلىدى. 1860 – يىللىرىدا قارقارا تەرەپتىن روسلار بىسىپ كىرىشكە باشلىغاندا ئىككى مىڭ مانجۇ چېرىكى بېرىپ ياندۇرالمىغان چاغدا ئابدۇرۇسۇل ئىشكاغا رەھبەرلىگىدىكى بىر مىڭ ئاتلىق تارانچى پالۋانلىرى ياندۇرغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن چىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئورۇس تەرەپتىن ۋايىم بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلاجىسىز قالغانلىقى ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاڭجۇڭ، ھاكىم بەگنى ( مەزەمنى ) چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا تارانچىلاردىن بەش يۈز پالۋان راسلاپ بىرىشنى تاپشۇردى. بۇنىڭدىن بالدۇر بولسا، بىر تۈرلۈك تۆشۈك نانلار پىشۈرۈلۈپ، قۇرۇتۇپ بىرىشنى بۇيرۇغان ئىدى. لېكىن سىياسىي سىرلاردىن بىخەۋەر ھاكىم جاڭجۇڭنىڭ  پەرمانىنى بەجا قىلىشقا ئالدىرىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پات پۈرسەتتە مەزكۈر مەرگەنلەرنى راسلاپ، خەۋەر ئۈچۈن جاڭجۇڭ ئوردىسىغا يۈگۈردى. جاڭجۇڭ ھاكىم بەگنىڭ مۇنداق چوڭ خىزمىتىگە يارىشا مۇكاپات بىلەن رازى قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى قوشۇمچە سېلىقلارنى تۈگەتمىدىڭ دەپ، زىندانغا سولىدى – دە، تەييارلانغان مەرگەنلەرنى ئىلىپ كىلىشكە مەزەمبەگنىڭ ئىشكاغىسى ئابدۇرسۇل بەگنىڭ نامىغا بۇيرۇق يازى ھەمدە ئابدۇرۇسۇلنى ھاكىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ خۇي – پەيلىنى چۈشەنگەن ئابدۇرۇسۇل تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بارمىدى ھەم تەييارلانغان مەرگەنلەرنىمۇ ئەۋەتمىدى. ھۆكۈمەت ئىچكى چىندا يۈز بىرىۋاتقان ۋاقىئەلەرنى مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرمەي، سىر تۇتقان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى يوقىتىش يولىدا قەتئى قارارغا كەلگەنلىكىدىنمۇ خەۋەردار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن غۇلجا دائىرىسىنىڭ تۇڭگانلىرى ئۆز ئارا ئىتتىپاققا كىلىپ، چىڭ دائىرىلىرىدىن بۇرۇنراق قوزغىلىشقا قارار قىلدى. مەزكۈر قارالىرىغا بىنائەن ۋەدىلىك ۋاق يېتىشى بىلەنلا تاجى، ئىردىخو، ساندىخوزىدىكى تۇڭگانلار قوزغالدى. لېكىن بۇ قوزغالغان تۇڭگانلار تەييار بولمىغانلىقتىنمۇ ياكى قورققانلىقتىنمۇ، ھەر نېمە بولسا بىر – بىرىگە قوشۇلالمىدى، ئازغىنا سانغا ئىگە بۇ قوزغىلاڭچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ھەممىسى سولاندى. بۇ سولانغان مەھبۇسلارنى چىڭ چېرىكلىرى ئاممىغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن بوينى كېسىك مەيدانىغا توپى بىلەن ھايداپ چىقىپ، چېپىشقا باشلىدى، ئىختىلال باشلىقلىرىدىن پەن سىن ھەم فى تامۇ دېگەن كىشىلەرنى توغرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ۋەھشىيلىگىنى كۆرۈپ، تارانچى  – تۇڭگان خەلقى ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ مۇنداق ئوت ئورنىدا توغرىلىشىغا غەزەبلەندى. ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى كۆرۈپ كۆيۈندى. بۇ دەھشەتلىك ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ ئكزلىرىدىن ئۆچ ئىلىشنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلىدى. بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ ئەتە تىنچ ياتقان تارانچى – تۇڭگانلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ئېھتىمال دەپ ھېسابلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇن بىر – بىرىگە سوغۇق قاراشتا تۇرغان تارانچى ۋە تۇڭگان خەلقى بىر ئىتتىپاققا كىلىپ، چېرىكلەرنى يېڭىپ، ئىستىقلال ( ئازاتلىق ) ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، يەنى ھۆكۈمەت تارانچىلاردا بولماق شەرتى بىلەن ئۇلارغا قارشى ئىتتىپاقلىشىپ ئۇرۇش قىلىش مۇئاھىدىسىنى ( شەرتنامىسىنى ) تۈزدى. لېكىن ئۈچ يۈز مىڭغا يېقىن تولۇق قورال – ياراغلىق مانجۇر تائىپىسىنى  سان جەھەتتىن ئاز، قوراللىرى ياراقسىز تارانچى – تۇڭگانلارنىڭ يېڭىشى ئەمىر – مەھەل تەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىدىن كۆپ ۋە قۇۋۋەتلىك دۆشمەنگەن قارشى باش كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. چۈنكى سىياسىي ئاسارەت، ئىختىسادىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق ئىدى.

 

( ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان يورۇق ساھىللار“ ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن.  مەزكور يازما ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2011 – يىل 1 – سانىدىن ئىلىندى. )

بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1983

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-07-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىختىن سۆز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: