![]() |
ئىشەنىچ سىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ؟
پەقەت ئاجىز، ئەخمەق ئادەملەرلا ئامەتكە ئىشىنىدۇ. بىراق، مۇۋاپىقىيەتنىڭ سىرى ـ ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر.
ــ ئىمىرسون.
قوياش غەرىپكە ئولتۇرغاندا كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتا بىر يىگىت بىر مويسىپىتنى يۆلەپ، مىڭ تەسلىكتە ئالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. مويسىپىت جوغراپىيە پروفېسسورى بولۇپ، يىگىت ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. قۇملۇقنىڭ سىرىنى ئېچىش ھەمدە “ قۇملۇقنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنى “ ناملىق كىتابىنى تاماملاش ئۈچۈن پروفېسسور پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن يىگىت بىلەن بىللە بۇ سىرلىق قۇملۇققا كەلگەنىدى.
كۈتۈلمىگەندە پروفېسسور قۇملۇقنى تەكسۈرۈپ قايتىش سەپىرىدە ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى.پروفېسسور جان ئۈزۈش ئالدىدا تىتىرەپ تۇرغان قولى بىلەن تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، بىر خالتا قۇرۇق ئاشلىق ۋە بىر پوتۇلكا مىنرال سۇنى ياردەمچىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يېنىدىن بىر پارچە باغاقچىنى ئىلىپ ياردەمچىسىگە تەڭلەپ : “ سەن چوقۇم ھايات قايتىپ كەتكىن “ دېگىنىچە جان ئۈزدى. يىگىت باغاقچىنى ئېچىۋىدى، ئۇ بىر سىخما بولۇپ چىقتى. سىخمىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئۈستىگە يەتتە يولتۇز، ئوڭ تەرىپىنىڭ ئاستىغا بىر دەريا سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىگە “ قۇتۇپ يولتۇزىنىڭ قارشى تەرىپىنى بويلاپ ماڭساڭ، ناھايتى تېزلا سۇ بار يەرنى تاپالايسەن“ دەپ يىزىلغانىدى.
يىگىت پروفېسسورنى بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە دەپنە قىلغاندىن كېيىن، يۈل – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، پروفېسسور بەرگەن سىخىمىغا ئاساسەن قۇتۇپ يولتۇزىنىڭ قارشىسىنى بويلاپ ماڭدى.
ئىككىنچى كۈنى كەچتە، يىگىت ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ يەنە يولغا چىقتى. ئۇ مۇشۇ بىر قانچە ئايدىڭ كېچىدە سۇ بار يەرنى تىپىۋىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئاي قاراڭغۇسى بولۇپ كەتسە نىشاندىن ئادىشىپ قالاتتى. نىشاندىن ئادىشىپ قالسا، مۇشۇ قۇملۇقتا ھالاك بولاتتى. ئۇنى ئەڭ ئەندىشىگە سىلىۋاتقىنى ـ مىنېرال سۇنىڭ پەقەت بىر يۇتۇملا قالغىنى ئىدى.
ئۈچىنچى كۈنى سۇس ئايدىڭدا، ئۇ ئوتتەك قىززىق قۇمغا دەسسەپ، بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن يەنە ئالغا ئىلگىرلىدى. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، ئون قەدەم، يۈز قەدەم، مىڭ قەدەم… ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىركىشىپ تۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇم بارىخىانلىرىدىن قانچە قېتىم موللاق ئېتىپ، دومىلاپ چۈشكىنىنى بىلمەيتى. ئۇنى ئەڭ قىينىغىنى ئۇسسۇزلۇق ئىدى. ئۇنىڭ گدللىرى قۇرۇپ لېۋىنى گەز باغلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بوتۇلكىنىڭ تېگىدىكى ھېلىقى بىر يۇتۇم سۇنى ئاياپ ئىچمىدى. ئۇ ھەر قېتىم سۇسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشەي دىگەندە، قولىدىكى سخېمىغا قارىسىلا كاللىسىغا “ ئالدى تەرىپىمدە سۇ بار “ دېگەن خىيال كىلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يىرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قوياتتى ـ دە، ئۆزىنى كۈچلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى.
تۆت كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى قۇملۇقتىن بۆسۈپ چىقتى. بىراق، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، كۆز ئالدىدا ئەسلا سۇ كۆرۈنمەيتى. ئۇ، پروفېسسور جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۆزىگە بەرگەن سخېمىغا قايتا تەپسىلىي قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى. ئەسلىدە پروفېسسور ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئەتەي شۇنداق قىلغانىكەن. يىگىت شۇلارنى ئويلىغىنىدا، كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلدى ھەم پروفېسسورنى چوڭقۇر ھۆرمەتتە ياد ئەتتى.
بەرھەق! ئىشەنچ كىشىنىڭ غەلبە يولىنى يۇرۇتۇپ، بەخت يولتۇزىنى چاقنىتىدۇ. كىشىگە چەكسىز شان – شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ. ئىشەنچ ـ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بىرەر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ، دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچسىنىڭ كەملىكىدە. باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر مۇۋاپىقىيەت دەرۋازىسىنى قاقالمايدۇ. ئەكسىچە، ھەممە ئىشتا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشمەي قالمايدۇ.
تۇرمۇشتا بەزىلەر چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان، يارامسىز، ئىقتىدارسىز ھېسابلايدۇ. باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك زەربىسى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ ئىشەنچ يولتۇزىنى ۋاقىتسىز يووقىتىپ قويىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھەممە ئىشتا زىيادە ئىھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى ئەركىن ـ ئازادە تۇتالمايدۇ. ئالغا ئىلگىرلەش يولىغا بىلىپ – بىلمەي تەشۋىش ئۇرۇقلىرىنى چىچىپ قويىدۇ. ئەتراپىنى نۇرغۇن توسالغۇلار ئوراپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پىتىپ قالىدۇ.
كىشى ئۆز – ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەندىلا ، تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇنداق روھقا ئىگە ئادەملەردە ئىشەنچ تولۇپ – تاشقان بولىدۇ. ئۇلار قۇرۇق خام خىياللاردىن يىراق تۇرغانلىقى، ئۆزىگە نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قىلغان ھەر قاداق ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ ھەم ئۆكۈنمەيدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچىسى ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قايىل قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
دوستۇم، كىشلىك تۇرمۇش تۈرلۈك ئەگرى – توقايلىقلار بىلەن تولغان. ئەگەر سىز ئۈمىد ۋە خىرىسقا تولغان بۇ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشىشنى ئويلىسىڭىز، قەلبىڭىزدە ئىشەنچ چىرىغى مەڭگۈ يىنىپ تۇرسۇن ! ئىشەنچ سىزدىن يىراقلاپ كەتمىسۇن ! چۈنكى، ئىشەنچ بارلىق غەلبە ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچى.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=968
ئىلاننى بىرنى چىكىپ چىقىپ كەتتىم، رەنجىمىگەيسىز.
ياقەي، مەنمۇ سىزنىڭ ئىلانىڭىزنى چىكىپ ئۆچ ئالدىم.