تۇرمۇش خاتىرىسى

بويتاقلار ھەققىدە پاراڭ

بويتاقلىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق خۇشلۇقى بار. سىز ئۆز خىياللىرىڭىز ۋە ھەركىتىڭىزنىڭ سەۋەب – نەتىجىسىگە ئۆزىڭىز يالغۇز ئىگە بولىسىز. ئىشنى كىملەرگىدۇر ئارتمايسىز، ئېغىرىڭىزنىمۇ، يېغىرىڭىزنىمۇ يالغۇز كۆتۈرۈپ، ھايات سوۋغا قىلغان خۇۋلۇق – خۇشلۇقتىنمۇ مۇستەقىل بەھىرلىنىسىز. نەگە بىرىپ، نەدە تۇرغىنىڭىزنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرمەيدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق نىكاھ مەغلۇبىيىتى پەيدا قىلغان جاراھەتتىن كېيىنكى بۇ خىل ئەركىن تۇرمۇش كۆپىنچە ئەرلەرنى بولۇشىچە ياشاشقا مايىل قىلىۋىتىدۇ. ئەمما بويتاقلىق مەزگىلىدىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار يوق ئەمەس. سىزنىڭ نىكاھتىن چىققىنىڭىز تۇرمۇشتىن چىققىنىڭىز ئەمەس. بەلكى تۇرمۇشقا يەككە – يىگانە ھالدا يالغۇز يۈزلىنىشنى تاللىغىنىڭىزدۇر.

ئەركىنلىكتىن كەڭتاشا بەھىرلىنىڭ. سىز دوزاخ – زەنجىر، باغلاق ھېسابلىغان، رايىڭىزنى، خۇشۇڭىزنى قايتۇرغان ئائىلە، تۇرمۇش سىزگە يالغۇز بەھىرلىنىشكە قالغانىكەن، ئۇنىڭدىن خالىغانچە بەھىرلىنىۋېلىڭ، بارغۇڭىز كەلگەن يەرگە بىرىپ، چەكتىن ئاشمىغان ئاساستا ئوينايدىغان ئويۇنىڭىزنى ئوينىۋېلىڭ. ئۆيگە بىكىنىپ ئولتۇرۇپ تۇرمۇش پاجىئەلىرىنى ئويلاۋەرمەڭ. جاراھەرتنى كوچىلاۋېرىش دەرد – كۈلپەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمايدۇ.
بۇرۇنقى تۇرمۇشىڭىز ۋە خوتۇنىڭىزنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. ئاجرىشىپ بولۇپمۇ يەنە بۇرۇنقى تۇرمۇشنى ھە دېسىلا ئەسلىۋېلىش ۋە بۇرۇنقى خوتۇنىڭىز بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى يادىغا ئېلىپ يۈرۈش كېيىنكى تۇرمۇش ۋە ئىستىقبالنىڭ دۈشمىنى. ئايالىڭىز مەيلى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، سىز ھامان ئاجراشتىڭىز. مەن ئاجرىشىشتىن بۇرۇن ئىنتايىن قاتتىق ئويلىنىش، ئاجراشقاندىن كېيىن بۇرۇنقى تۇرمۇش يالدامىلىرىدىن تەبئىي قول ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىنمەن. تۈكۈرگەن تۈكۈرۈككىمۇ يەنە قاراپ ئولتۇرغۇلۇقمۇ؟
بۇرۇنقى تۇرمۇشىڭىزنى ئەسلىتىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئامالنىڭ بارىچە كۈزدىن نېرى قىلىڭ.
ئاجرىشىپ بولۇپلا ھاراق – شاراپقا ياكى تاينى يوق كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆزىڭىزنى بۇلغىۋالماڭ، يامان يولغا كىرىپ كەتمەڭ. بىر ئەقىدە – ئېتىقادى چىڭ، تۇرمۇش قارىشى ساغلام ئەر ھاياتىدىكى ھەر بىر مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىگە تەجرىبە – خۇلاسە چىقىرالايدۇ ھەمدە ئۇنى كېيىنكى قەدەملىرى ئۈچۈن پەلەمپەي قىلىشنى بىلىدۇ. نىكاھ پاجىئەيىڭىزنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تىپىڭ ۋە ئۆزىڭىزدىكى بارلىق ئىللەتلەرنى تازىلاڭ.

چۈپەيلىك قىلىپ بۇرۇنقى خوتۇنىڭىزنىڭ كەينىگە كىرىۋالماڭ ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قايتىدىن ئارىلاشماڭ. ئۇ مەيلى قايسى يولدا، قانداق ماڭسۇن، كارىڭىز بولمىسۇن. ئۆز ئىلكىڭىزدە تۈزىيەلمىگەن، ئىتائىتىڭىزگە ئالالمىغان خوتۇننى ئاجرىشىپ بولۇپ يېتىلەپ ماڭالامتىڭىز؟
بويتاقلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز غايىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. مانا بۇ سىزنىڭ كۈلپەتنى ئۇنتۇپ، ھاياتىڭىزغا يېڭىدىن مەنە، خۇشاللىق قېتىپ، تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن كۈلدۈرىدىغان ھەقىقىي ياخشى تاللاش.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3428

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-03-24
خەتكۈشلەر : ,
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: