تۇرمۇش خاتىرىسى

دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك سائادەت…

گۈزەل مۇناسىۋەت

ئائىلىنىڭ راھەتلىك، بالىلىرىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ۋە ياخشى نام قالدۇرۇشىنى نىيەت قىلغان ئەر بىلەن ئايال ھەر ۋاقىت ئىناق ياشىمىقى لازىم. ئەر بىلەن ئايال ئىناقلىقتا بىر – بىرىگە ھۆرمەت بىلەن ياشىسا، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئىنساپ بىلەن ياشايدۇ.
بەزى چاغلاردا كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئارىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئۇچقۇندىن تۇتاشقان ئوت كەبى زورىيىپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە اقتىدا ئالدىنى ئالماي، پىتنە قوزغىتىپ چوڭايتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھەر ئىككىسى ئەيىبداردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىدە ئازغىنا ئىختىلاپ ئالامىتى سىزىلسە، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىش يولىغا كىرىش لازىم. پۈتۈن نەرسە كۆيۈپ كۈل بولسىمۇ ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسى تۈزۈك بولسا ھەسرەت يۈز بەرمەس. چۈنكى بۇنداق ئىشلار ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، گۈزەل مۇناسىۋەتنىڭ راھىتى بىلەن ئۇنتۇلار. ئەمما، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق كۆيسە، بۇنىڭغا چارە يوقتۇر.
ئەر بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىغا شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر خادىم ئەمەس، بەلكى رەپىقەم دېگەن نەزەردە قارىسا، ئايالمۇ ئېرىنى مەرھەمەتلىك ھامىيسى بىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئاياغ ئاستى قىلمىسا، ئىككىسى بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، بىر قۇلاق بىلەن ئاڭلىسا، بىرگە قايغۇرۇپ، بىرگە شادلانسا، ئەلۋەتتە بىر – بىرىگە بولغان مۇھاببەتلىرى كۈچىيىپ ئارىدىكى ئىتتىپاقلىق بىناسى مەھكەم بولىدۇ. ئەكسىچە، ياخشى ياشاش ھەققىدە قولىدىن كىلىدىغان ئىنتىلىشنى قىلمىسا، تەقدىرىدىن رەنجىپ بىر – بىرىگە ئەيىب يۈكلەشنىڭ ئۆزى ئادىمىيلىكتىن ئەمەس.
ئەقىللىق ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىنىڭ نازۇك، غەمكىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى مۇشەققەتلەردىن ھىمايە قىلار. يوق ئەيىبلەرنى ئىزدىمەي، كۆرۈلگەن ئەيىبلەردىن مۇمكىنقەدەر كۆز يۇمار. ھورۇنلۇق، ئىشسىزلىق بارلىق يامانلىقلارنىڭ ئانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئايالىنى ئىشسىز قويماس. ئۇنىڭغا تەربىيە بىرىشكە كۆپرەك ئىتىبار بېرەر.
تەربىيلىك ئايال ئېرى تەرىپىدىن بېرىلگەن نەرسىلەرگە قانائەت قىلىپ، باشقىسىنى ئارزۇ قىلماس، ئېرىنىڭ ھوزۇرىدا پاك، گۈزەل يۈرەر، ھەر قانداق كىرەكلىك نەرسىلەرنى ۋە ھەر بىر سىرىنى ئېرىگە ئىيتار، ھەر قاچان ھۆرمەت، ئىتائەت بىلەن بولار، تەربىيىگە خاس بولمىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان ئاياللارنى ئۆيىگە يولاتماس، .ئۇلار بىلەن ھەر قانداق مۇناسىۋەتتە بولماس، چۈنكى ئۇنداق ئاياللار ئائىلىلەرنى ئەمەس، ھەتتا شەھەرلەرنىمۇ خاراب قىلار.
دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك سائادەت گۈزەل تۇرمۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە تالاش – تارتىش قىلىش توغرا ئەمەس. ئابباسىيلار خەلىپىلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان ئەل مۇتەۋەككىل ئىبىن جەفەرگە بىراۋ : « يەر يۈزىدە سىزدىن بەختلىك ئادەم بولماس» دېگەندە، خەلىپە : « خاتا سۆزلىدىڭىز، گۈزەل ئۆيى، ياخشى ئايالى، ياخشى تۇرمۇشى بولغان كىشى بىزلەرگە نىسبەتەن بەختلىكتۇر » دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2659

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-10-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: