تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ياخشىلىق ۋە يامانلىق

 بىر ياخشىلىق سۆيەر دانىشمەن ئادەم دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ دېڭىزدىكى ۋە ئەتراپتىكى گۈزەل سەنئەتلىرىنى ۋە قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا بىر چايان ئۆمىلەپ كېلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە سۇنىڭ ئېقىشىنىڭ تەتۈرىگە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەيدۇ، ئەمما سۇدىن چىقىشنى بېجىرەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم چايانغا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئۇنى سۇدىن قۇتقۇزۇشقا بەل باغلايدۇ ۋە قولىنى سوزۇپ چاياننى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تۇتقىنىدا، ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋالىدۇ، ئادەم چاياننى تاشلىۋېتىپ قولىنى تارتىۋالىدۇ. بىرەر مىنۇت ئۆتمەستىن ئادەمنىڭ كۆزى يەنە چايانغا چۈشىدۇ، كۆڭلى يەنە بىردىنلا ئېرىپ كېتىپ ئۇنى قۇتقۇزغۇسى كېلىدۇ – دە، قولىنى چايانغا سوزۇپ ئۇنى تۇتقىنىدا چايان يەنە ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋالىدۇ. يەنە ئۇنى تاشلىۋېتىپ قولىنى تارتىۋالىدۇ، بۇ قېتىم قولى بەك ئاغرىيدۇ. ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاياننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەمشەلگىنىدە، يېنىدا ئولتۇرغان بىر ياش ئۇنىڭغا «سىز قانداق ئىبرەت ئالمايدىغان ئادەمسىز؟ ئىككى قېتىم قولىڭىزنى چېقىۋالغان چاياننى يەنە قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزەمسىز؟» دەيدۇ. ئەمما دانىشمەن ئۇنىڭ سۆزىگە پسەنت قىلماي يەنە چايانغا قولىنى سوزىدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ دېڭىز بويىغا قويۇپ بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن دانىشمەن كىشى ھېلىقى ياشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئەي ئوغلۇم! چاياننىڭ خاراكتېرى چېقىش، مېنىڭ خاراكتېرىم سۆيۈش ۋە ياردەم قىلىش تۇرسا، مەن قانداقمۇ خاراكتېرىمنى ئۇنىڭ خاراكترىغا بويسۇندۇرىمەن» دەيدۇ. سىز نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ ئۇلاردىن يامانلىقتىن باشقىنى كۆرمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئەھۋال سىزنى ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن توسۇپ قالالامدۇ؟ ياق. ياخشىلىق قىلىش ئېسىللىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بىراۋنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلىش، ياخشىلىق قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتىش ئادىمىيلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، قەلبنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر – بىرىگە ياخشىلىق قىلىش، قولىدىن كەلگەن ياردەمنى سۇنۇش ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت – دوستلۇق ۋە يېقىنلىق ئاشىدۇ. ياخشىلىق قىلىشنىڭ چېكى يوق. ياخشىلىق چەكسىز، مىننەتسىز ۋە ئىككىلىنىشسىز قىلىنىدىغان پەزىلەتتۇر.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2031

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-07-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: