![]() |
يىگىتلەر قىز تاللاشتا …
بەزىلەر، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دېسەڭ، ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسىنى كۈزەتسەڭلا كۇپايە، دەيدۇ. بۇ دېگەنلىك، قارشى تەرەپنىڭ دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىگە قارىساڭلا ئۆزۈڭنىڭ كىلەچەكتىكى ئائىلەڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلىۋالالايسەن، دېگەنلىكتۇر. ئەمما بۇ ئائىلىنىڭ باي – نامرات بولۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ قىزىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، قارشى تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسى قوپال، مەدەنىيەتسىز، ھەدېسىلا ئۇرۇشۇپ – تىللىشىدىغان ھەتتا مۇشتلىشىپ باش – كۆزىنى يىرىشىدىغان ئادەملەردىن بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان قىزنىڭ مۇلايىم ۋە ئىتائەتچان ھەم ئەخلاقلىق بولۇشى ناتايىن. ئادەتتە، ئاتا – ئانىسى ياخشى تەربىيە كۆرمىگەن بولسا، ئۇلار گەپ – سۆز ۋە يۈرۈش – تۇرۇشتا تەكەللۈپنى بىلمەيدىغان قوپال، ئەدەپسىز بولسا، ئۇنداقتا مۇشۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز قىزىنى ياخشى تەربىيلەپ چىقالىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويالىشى مۇمكىن ئەمەس. كونىلاردا : “ قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار “ دېگەن سۆز بار. كىچىكىدىن ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيگەن قىزىڭىزنى توغرا كۈزىتىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنى سىرتتا كۈزەتكەندىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ياكى يېقىنلىرى ئارقىلىق كۈزىتىپ بىقىشىڭىز لازىم. سىرتتا كۈزەتكەنگە قارغاندا ئۆيىدە ئۇنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئاسان كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن : قىز دوستىڭىز سىز بىلەن بىرگە ئاشپۇزۇلدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ تاماق يىگىنى بىلەن ، ئۆز ئۆيىدە تاماق قاچىسىنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈپ تاماق يەيدىغان ياكى تاماق يەۋىتىپ، يىنىدىكى مۈشۈكنىمۇ قوشۇپ باقىدىغان ئادىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ چوقۇم سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئۇنداقتا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ سۆيگۈنىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ، ئۇ مەن بىلەن ئۆي تۇتقاندىن كېيىن، بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلەرمۇ ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە مۇنداق بىر مەسىلىمۇ بار:
سىز سۆيگەن قىزىڭىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنى كۈزەتكەن چىغىڭىزدا، سۆيگىنىڭىزنىڭ مىجەزى دادىسىنى تارتقانمۇ ياكى ئانىسىنى تارتقانمۇ دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىڭ. چۈنكى سۆيگىنىڭىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزنىڭ مىجەزى ۋە تەربىيلىنىش ئەھۋالى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭ بىر ئەر – خوتۇن دوستلىرىم بار ئىدى. ئەر قوپال، زالىم، غەرەز ئۇقمايدىغان ئادەم ئىدى. خوتۇنى بولسا مۇلايىم ۋە ئىتائەتچان، كەمتەر، خۇش پېئىل، ئاق كۆڭۈل ئايال ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ مىجەزى كېلىشەلمىگەنلىكتىن ئۇلار ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ بىر قىزى بولۇپ، مىجەزى دادىسىغا ئوپمۇ ئوخشايتتى. گەرچە بۇ قىز قانۇن بويىچە ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەبئىي مىجەزى ئاپىسىنىڭ مىجەزى بىلەن زىت بولغاچقا، ئاپىسىنىڭ تەربىيسىنى قىلچە ئالماي، ئەكسىچە دادىسىنىڭ قوپال ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئاخىرى ئاپىسىنى ئۇرۇش دەرىجىسىگە بىرىپ يەتتى. بۇنداق قىزلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ناھايتى چىرايلىق، قارىماققا مىجەزىمۇ شوخ، ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ دادىسىنىڭ مىجەزىدىكى ئىرسىيەتتىن چوڭقۇرلاپ كۈزەتمىگەندە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولمايدۇ.
ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىپادىسىدىن قىزنىڭ تەربىيە كۆرگەن – كۆرمىگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان بۇ خىل ئۇسۇل بۇرۇن ناھايتى ئۈنۈملۈك بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھازىر بارغانسىرى ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى. ھازىر ئائىلىلەردە دادىنىڭ ھوقۇقى بۇرۇنقىدەك تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقۇرغۇدەكمۇ كۈچى يوق. بۇ خىل ئەھۋال ناھايتى ئومۇملاشماقتا. ئۇنداقتا ئانا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ناھايتى زور دەرىجىدە ساقلاپ قالغانمۇ قانداق؟ نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، ئانىنىڭ قىزىغا بولغان تەسىرىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى، ئانىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قىزىنىڭ كىلەچەكتىكى بەدەن قۇرۇلۇشىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولغاندىن باشقا. باشقا تەرەپلىرىنى بىر نېمە دېمەك تەس.
بۇرۇنقى ئائىلىلەرنىڭ بالا تەربىيلەش نىشانى “ بالا كېلەچەكتە باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشنى قىلىپ قويمىسىلا، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تىپىپ بەرمىسىلا بولدى “ دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيسىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئىدى. يەنى بۇ دېگەنلىك، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەپ جەمئىيەتكە چىقىرىپ بىرەر ئىدارە ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقىلار بىلەن چىقىشىپ كۆڭۈللۈك ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان قىلىش، دېگەنلىك ئىدى. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئاددى ئارزۇسى ئىدى.
ھازىر بۇ خىل كۆز قاراشتا ئۆزگىرىش بولدى. بالىلار ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قانچىلىك ئارلىق ساقلاش كېرەكلىكىنى كىچىكىدىنلا بىلىپ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئەر – خوتۇن ئىككىلىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان چوڭ شىركەت ياكى چوڭ ئورگانلارنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئائىلىلەردىمۇ گىزىتتە ئىسمى ئاتالغان يامان قىزلار چىققان. بۇنداق يوقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئائىلىسىدە، ئائىلە تەربىيسىنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك مىساللار ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.
نۇرغۇن قىزلار ئائىلىسىدە تاماق ئىتىشنى بىلمىسىمۇ، ئالىي دەرىجىلىك رېستۇرانلارغا بېرىپ ئىشلىگەندە، ئادەتتىكى قائىدە – يۇسۇنلارنى ناھايتى ئوبدان بىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ.
تەربىيلىنىش دېگىنىمىزدە، بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيلىنىشىگە قارىتىلغان. تەربىيە كۆرمىگەن قىز دېگىنىمىز، شۇ قىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيلىنىشى ناچار دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىزمۇ تەربىيە كۆرمىگەن ئادەم بولمىسىڭىز مۇنداق قىز سىزنىڭ ئىشەنچ قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2524