![]() |
ئىلى خەلقىنىڭ سالامچاي ئادىتى
ئىلى خەلقى مېھماندۇستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، ئىلى خەلقىنىڭ نۇرغۇن ئۆرپ – ئادەتلىرىدە مېھماندۇستلۇق، ئاقكۆڭۈللۈك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىلى خەلقىنىڭ سالامچاي ئادىتىدۇر.
سالامچاي ئادىتى ئىلى خەلقى ئارىسىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇ قۇدىلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش، كېلىنىگە ياخشى تەربىيە بېرىش، ئەدەب – قائىدە ئۆگىتىش سورۇنى ھېسابلىنىدۇ.
سالامچاي ئادەتتە توي مۇراسىمىدىن كىيىن باشلىنىپ خىلى ئۇزۇن ھەتتا كىنلەر بالىلىق بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. توي مۇراسىمىدىن كىيىنكى بىر – ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قىز – يىگىتنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى يېڭى كىلىننى سالامچايغا چاقىرىدۇ.سالامچايغا كېلىننىڭ ئانىسى، قېيىنئانىسى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە خولۇم – خوشنىلىرى چاقىرىلىپ قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بىرىلىدۇ. ( سالامچايغا ئادەتتە ئاياللار قاتنىشىدۇ ) سالامچايدا كېلىن بىلەن يىگىتنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى تونۇشۇپ، بىر – بىرىنى ئۆيلىرىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىشىپ تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
سالامچايدا ساھىپخان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قارىتا داستىخان راسلايدۇ. سورۇندا كېلىن بىلەن يىگىت تەرەپنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئەدەپ – قائىدە ۋە گەپ سۆزلەرگە ناھايتى دىققەت قىلىدۇ. بىر – بىرىنى ھۆرمەت ۋە ئىززەت قىلىدۇ. كېلىن سورۇنغا چىرايلىق ياسىنىپ كىلىپ ئۆزىنىڭ كېلىنلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. تائاملار يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن قۇدىلار ئىلىپ كەلگەن سوۋغىلىرىنى داستىخانغا قويىدۇ، ساھىپخان كېلىنگە چىنە – قاچا، كورا دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ. ئەگەر سالامچايدا كېلىن پەرزەنتلىك بولۇپ بولغان بولسا بالىغا بىر قۇر كىيىم، ھىچ بولمىغاندا بىرەر لۆڭگە چاغلىق نەرسە سوۋغا قىلىنىدۇ.
ناۋادا سالامچاي تىخى ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ تۇغقانلار ئارىسىدا توي – تۆكۈن بولۇپ قالسا تويغا كەلگەن كېلىننى قۇرۇق قول قايتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قارىلىپ ئۇنىڭغا ئايرىم داستىخان تەييارلىنىپ كېلىنگە قاچا – قۇچا دېگەندەك نەرسىلەر سوۋغا قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئىيتقاندا، سالامچاي ئادىتى قۇدىلار ۋە ئىككى تەرەپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىش ھاسىل قىلىش سورۇنى بولۇپ، ئۇ ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا ئۇيۇشقاقلىقنى، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كېلىنگە قائىدە – يۇسۇن ۋە ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى ئۆگىتىدىغان سورۇندۇر.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=774